كەشتە بۇيۇملىرى ئىشلەش خام ماتىريالى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار كەشتە ئىشلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قېرىنداشلىرىمزىنىڭ ماۋۇ كەشتە گۈللىرى توپلىمىدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم ساقلاپ قۇيۇڭلار ( چۈشۈرۈشكە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ھۆججەت16گە پارچىلىنىپ يوللاندى.ئۇمۇمى سىغىمى 460 م ب . 1 دىن 16 گىچە ھەممە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ 1مۇندەرىجە ئىچىگە پىرىستىن يەشسەك بولىدۇ)
چۈشۈرۈش ئادرىسى ( بۇئادرىسقا كىرىپ 10سېكۇنت ساقلىساق ئاستىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى كۆرىنىدۇ
تۈۋەندىكى ئادرىسلاردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىمىز
kexte buyumliri toplimi.part16.rar
kexte buyumliri toplimi.part15.rar
kexte buyumliri toplimi.part14.rar
kexte buyumliri toplimi.part13.rar
kexte buyumliri toplimi.part12.rar
kexte buyumliri toplimi.part11.rar
kexte buyumliri toplimi.part10.rar
kexte buyumliri toplimi.part09.rar
kexte buyumliri toplimi.part08.rar
kexte buyumliri toplimi.part07.rar
kexte buyumliri toplimi.part06.rar
kexte buyumliri toplimi.part05.rar
kexte buyumliri toplimi.part04.rar
kexte buyumliri toplimi.part03.rar
kexte buyumliri toplimi.part02.rar
kexte buyumliri toplimi.part01.rar
مەزكۇر گۈل - كەشتە بۇيۇملىرى خامماتېريال توپلىمىغا 3000 ( ئۈچمىڭ) دىن ئارتۇق كۆركەم لايىھىلەر ۋە گۈل - كەشتە لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللار كىرگۈزىلدى.
بۇتوپلام گۈل - كەشتە زاۋۇتى قۇرغان ئىگىلىكداشلىرىمىزنىڭ گۈل - كەشتە لايىھە خامماتېريال ئامبىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى . مەزكۇر توپلامدىكى 1000 خىلدىن ئارتۇق كۆركەم لايىھىلەر ھەقسىز يەنە بىرقىسىملىرى ھەقلىق قىلىندى . توپلامدىكى لايىھە ماتېرياللار ئۆزۈم لايىھەلىگەن ۋە توردىن يىغىلغان ئىسىل ، كۆركەم، نەفىس لايىھەلەردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، رەڭلىرى سەرخىل ، ماسلاشقان، زاۋۇتنىڭ كەشتىلىشى تىز،راۋان بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
ئورنىمىز سېتىش يوللىرىنى تېخمۇ كىڭەيتىش سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى خەلقىمىزگە تەمىنلەش، ھەر قايسى قاتلامدىكى تىجارەتچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ تەرەققى قىلىش، ماللىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خېرىدارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىدىدە،مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى كىيىم-كىچەك، گۈل-كەشتە بۇيۇملىرى ،باش كىيىمى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شۇنداقلا بىزبىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان بارلىق شىركەت، كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ،يەككە تىجارەتچىلەر شۇنداقلا مۇشۇ كەسپ بىلەن يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىۋاتقانلاربىلەن ھەمكارلىق مۇلازىمىتى ئورنىتىدۇ.
مۇلازىمەت تۈرلىرمىز :
1.ھەرخىل نۇسقىدىكى گۈل كەشتىلەنگەن ياستۇق قىپى،يوتقان قىپى، بالا كۆپە، داسقان، پەشتام، ھەرخىل نۇسقىدىكى ئەر-ئاياللار كانۋاي كۆينىكى، بالىلار كىيىم-كىچەكلىرى، باش كىيىمى -دوپپا، نەفىس گۈل كەشتىلەنگەن ئاياللار قول سومكىسى، چىرايلىق كەشتىلەنگەن تام سائىتى، ھەرخىل مەنزىرە، كەشتىلەنگەن ئەقلىيە سۆزلەر،ئالاھىدە كەشتىلەنگەن ھۆسنىخەت-روبائىيلار، ئەدەپ-ئەخلاق تېما قىلىنغان تام ئاسما ماتېرياللىرى، قۇمۇل نۇسقىسدىكى كەشتە بويۇملىرنى توپ ۋە پارچە سېتىش، زاكاس قوبۇل قىلىپ ئىشلەش . . . قاتارلىقلار.
2.كەشتىلەش ماشىنىسى باشقۇرۇش، رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئائىلىگىچە بېرىپ رىمنۇت قىلىش ۋە كومپىيۇتۇردا گۈل لاھىيەلەش كەسپى بويۇنچە مەسلىھەت بىرىمىز، ھەرخىل نۇسقىدىكى كەشتە بۇيۇملىرىنى ۋاقىت- كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ھەقسىز لايىھەلەپ بىرىمىز.
توپلام كۆرىنىشى :
ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ئەزەلدىن كەشتە تىكىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلار تەبىئەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك كۆز قارىشىنى ئەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپ، تاغ - تىزمىلىرى، ئېقىن سۇ قاتارلىقلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايەن قىلىدىغان گۈزەل سۈرەتلەرنى دوپپا، ياقا، يەڭ، ياستۇق، داستىخان، پەردە، يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارغا كەشتىلەپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ چېۋەرلىكى ۋە ئىجادكارلىقىنى نامايەن قىلغان.
دۇنيادىكى ھەر خىل ئىرق، مىللەتلەر ھەر خىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمى كىيىدۇ. ھەر قانداق باش كىيىم ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ بىۋاسىتە كۆزگە تاشلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ باش كىيىم ئوخشاشلا شۇ مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان كىيىپ كەلگەن باش كىيىمى دوپپىمۇ خەلقىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، رولىنى بەلگىلەيدىغان، تۇرمۇش قارىشى، ئېستېتىك قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە بەلگىلىرىنىڭ بىرى. خەلقىمىز بوستانلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويۇپ، شەھەرلىشىشكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ رەتلىك، سۈپەتلىك، كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ كۆركەم، يارىشىملىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلىنىش داۋامىدا دوپپىلىرىمىز ئاللا بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىستېمال قىممىتىدىن ھالقىپ، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز ۋە سەنئىتىمىزنىڭ نامايەندىسىگە، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىگە، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. دوپپا كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىزدە ئەزەلدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ھازىر، دوپپىلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، تۈزۈلۈشى، تۈرى جەھەتتە ئەتراپلىق ئىزدىنىۋاتقانلار كۆپ. دوپپىلىرىمىزنى شەكلىگە ئاساسەن يۇمىلاق دوپپا، تالالىق دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئاق(شاپاق) دوپپا، قاتۇرما دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ رەڭ پەرقى بويىچە ئاق دوپپا، رەڭدار كەشتە دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ ئىستېمال ئوبيېكتىغا قاراپ ئەرەنچە دوپپا، ئايالچە دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ كەسىپ ئايرىمىسىغا ئاساسەن سەللە دوپپا ۋە ئادەتتىكى دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ كەشتە بەت يۈزى پەرقى بويىچە تۈز كەشتىلىك دوپپا، قاپارتما كەشتىلىك دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ ئۇنىڭدىن باشقا 16 كىچىك تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. گۈل نۇسخىلىرىنىڭ شەكلى، سىمۋوللۇق مەنە پەرقىگە ئاساسەن بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مەنپۇ دوپپا، چاشما دوپپا، گىلەم دوپپا، غۇلجا دوپپىسى، تاشكەنت دوپپىسى دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. دوپپا گۈللىرىدە ھەر قانداق ھايۋان، ئۇچار قۇش، ھاشارات ۋە ئادەم ئوبرازى يارىتىلمايدۇ. بۇ دوپپىچىلىقىمىزدا ئەقىدە – ئېتىقاد قارىشى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دوپپىلىرىمىزغا ھەر خىل گۈل – نەقىشلەرنى كەشتىلەش كەشتىچىلىك سەنئىتىمىزنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ، دوپپىلىرىمىزنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل – نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دوپپىلار تۆت تالا، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك خرت بىلەن جۈپلەپ تىكىلىدۇ. ئۈستىگە تەكشى كەشتىلەش، زەر يىپ بىلەن يۆگەپ كەشتىلەش، ئۈنچە – مارجانلارنى تىزىپ تىۋىتلەپ كەشتىلەش، كاتەكچە توسما شەكىلدە كەشتىلەش، گىرەلەشتۈرۈپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەر خىل سىزىق، قاپارتما نەقىشلەر چىقىرىلىپ، ئاخىرىدا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۈللەرنى بويلاپ كەشتىلىگەندىن كېيىن ئاندىن دوپپا پۈتۈپ چىقىدۇ. دوپپا نۇسخىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى خىلمۇ خىل بولۇپ، يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گېئومېتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، پىلۇس شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. دوپپا ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا فولكلور تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر سەمەت قورغاننىڭ پىكرى مۇنداق: خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتىدە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى سان جەھەتتىن كۆپ، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول، تارىخىي ئۇزاق، تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر باش كىيىملىرى مەخسۇس تېمىلىق مۇزېي ياكى كۆرگەزمىخانا قۇرۇپ، ئۇنى توپلاش، تۈرگە ئايرىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، نامايان قىلىش ۋە ساقلاشقا تامامەن ئەرزىيدۇ.