كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەر ئارىسىدا پۇل قەرز بېرىش – ئېلىش ئىشلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر قەرز ھۆججىتىنى ئوخشاش قىلىپ ئىككى نۇسخا تەييارلاپ، تەرەپلەر ساقلىغاندا، بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق خەتىرى بولمايدۇ. ئادەتتە پۇل قەرز ئالغۇچىلار قەرز بەرگۈچىگە ئاددىي قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىپلا ...
كىشىلىك تۇرمۇشتا ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەر ئارىسىدا پۇل قەرز بېرىش – ئېلىش ئىشلىرى دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر قەرز ھۆججىتىنى ئوخشاش قىلىپ ئىككى نۇسخا تەييارلاپ، تەرەپلەر ساقلىغاندا، بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق خەتىرى بولمايدۇ. ئادەتتە پۇل قەرز ئالغۇچىلار قەرز بەرگۈچىگە ئاددىي قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىپلا پۇلنى ئېلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. توختام قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، قەرز ماجىرالىرىدىكى خېيىم – خەتەرنى ئازايتىپ، قەرز ھۆججىتىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قەرز ھۆججىتى يېزىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1) قەستەن ئۆزگەرتىۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قەرز ھۆججىتىنى كومپيۇتېردا بېسىپ چىقارماسلىق، چوقۇم ئۆز قەلىمى بىلەن ئىمزا قويدۇرۇش كېرەك؛
2) قەرز بېرىش – ئېلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن يىل، ئاي، كۈننى ئېنىق يېزىش كېرەك، قەرزنى قايتۇرۇش قەرەلى يېزىلسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ؛
3) قەرز پۇل سوممىسىنى ئەرەبچە رەقەمدە يېزىش بىلەن بىللە، خەت بىلەن يېزىپ ئەسكەرتىش كېرەك؛
4) يۇقىرى سوممىلىق قەرز پۇل بەرگەندە، بانكىنىڭ پۇل ئاغدۇرۇش كەسپى ئارقىلىق پۇلنى ئاغدۇرۇپ، بانكا تەمىنلىگەن پۇل ئاغدۇرۇلغانلىق ئىسپاتىنى ياخشى ساقلاش كېرەك؛
5) قەرز پۇل سوممىسى زور بولسا ئۈچىنچى بىر كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ، ئۇنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۋېلىش لازىم
|