بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uymarka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-4-5 15:11
كارخانا شىركەتلەردىكى كاسسرىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسدا
كاسسىرلىق خىزمىتى كارخانا شىركەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ، بۇ خىزمەت ئورنى چوقۇم بولۇشقا تىگىلىك خىزمەت ئورنى بولۇپ، بۇ ئاساسلىق شىركەت ۋە كارخانىلاردىكى نەق پۇلنىڭ ۋە بانكىدىكى پۇلىنىڭ كىرىم چىقىم ھىساۋات ئەۋالىنى بىردىن بىر خاتىرلەپ، ئېلىم بىرىم ھۆججەتلىرىنى ساقلايدىغان ئايلىق كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى سېلىشتۇرىدىغان بىردىن بىر ھالقا .
بىز كاسسىرلىق بىللىملىرى توغرىسىدىكى ماقالىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بولغان ئىدۇق بۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
1.ئېلىم - بىرىم ھۆججەتلىرى: كۈندىلىك ئېلىم - بىرىمدىكى ھۆججەتلەرى . ھەرقانداق ئېلىم بىرىم ئىشلىرىدا چوقۇم ھۆججەت بولۇشى لازىم .
2. مۇشۇ ئېلىم بىرىم ھۆججەتلىرىنى شۇكۈننىڭ ئۆزىدە "كۈندىلىك نەقپۇل دەپتىرى"گە خاتىرلەش .
3.سان-سىفىرلارنىڭ توغۇرلىقىغا كاپاەتلىك قىلىش ، خاتا خاتىرلەپ قويۇشتىن ساقلىنىش .
4. ھەركۈنلۈك قالدۇق ۋە ئايمۇ -ئاي قالدۇقنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش لازىم. قولدىكى نەقپۇل قالدۇقى بىلەن دەپتەردىكى قالدۇق بىردەك بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
5. مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى بۇغالتىرغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بىرىش لازىم .
6. ئاي بۇيىچە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقتىش.
7. بانكا ھىساۋاتىنى سېلىشتۇرۇش
8. تالۇن كېسىش
9. نەق پۇل چېكى ۋە مىمرالنى چەك كېسىش ۋە ساقلاش
قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ ، بۇخىزمەتلەر بوغالتىرلىق ھىساۋاتنى خاتىرلەشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى ، كاسسىر ئېلىم بېرىم ھۆججەتلىرىنى چوقۇم تولۇق كىشى ۋە ئېلىش لازىم . شۇنداق بولغاندا بوغالتىر ھىساۋاتقا تولۇق خاتىرلەپ ماڭالايدۇ. ھۆججەت تولۇق بولمايدىكەن ، خاتىرلىگىلى بولمايدۇ.
شىركەتلەردە كاسسىرىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھىساۋات قالايمىقانلىشىپ ، پايچىكلەر ئ.ارىسىدا گۇمان پەيدا بولۇپ شىركەتنى ئاسانلا ۋەيران بولۇش
گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ، شىركەتلەر چوقۇم كاسسىرنىڭ خىزمىتىگە سەل قارىماسلىق ، خىراجەتنى تېجەيمەن دەپ ، شىركەت خادىملىرى ئۆزىمىز كاسسرىلىق قىلىمىز دىمەي چوقۇم باشقا كاسسرىلىق خىزمىتى قىلالايدىغان خادىم تەكلىپ قىلىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئېلىم بىرىم ھۆججەتلىرنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .