پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 29|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى قانچىلىك ئالغىلى بولىدۇ؟ قانداق ئالىدۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى قانچىلىك ئالغىلى بولىدۇ؟ قانداق ئالىدۇ؟ يەنە قانداق تەمىناتلار بار؟


ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قانچىلىك ئالىدۇ؟ قانداق ئالىدۇ؟ يەنە بەھىرلەنگىلى بولىدىغان قانداق ئىمتىيازلار بار؟ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قانداق ئېلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىمتىياز قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى.
سوئال: ئىشسىز قالغاندىن كېيىنلا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ يەنە قانداق شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك؟
جاۋاب: نۆۋەتتىكى قانۇن قائىدە-تۈزۈمدىن قارىغاندا، ئىشسىز قالغانلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم بەلگىلىك شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك. «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 45-ماددىسى ۋە «ئىشىسزلىق سۇغۇرتىسى نىزامى» 14-ماددىسىدا بەلگىلىنىشىچە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك شەرتكە ماس كېلىشى كېرەك. بىرىنچى، بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولۇشى، تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن شەخسنىڭ ئۆزى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئىشىسزلىق سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشقان بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، ئىشتىن ئۆزى خالاپ قالمىغان بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئىشسىزلىقىنى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى ھەمدە خىزمەت ئىزدەش تەلىپى بار بولغان بولۇشى كېرەك.
سوئال: ئىشسىز قالغانلار قانچىلىك ئىشىسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئېرىشەلەيدۇ؟ قانچە ئۇزۇن ئالالايدۇ؟
جاۋاب: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاراشلىق رايون بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، شەرتكە چۈشىدىغان ئىشسىزلار سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ، خىزمەتچى خادىملار ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان يىل چەكلىمىسىگە ئاساسەن قانچىلىك ئالىدىغان ۋە قانچە ئۇزۇن ئالالايدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. مەملىكىتىمىزدىن قارىغاندا، «ئىشىسزلىق سۇغۇرتىسى نىزامى» 18-ماددىسىدا بەلگىلىنىشىچە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچەم سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى مەملىكىتىمىزدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى سوممىسى 1051.4 يۈەن بولغان.
سۇغۇرتا ئېلىش مۇددىتىگە نىسبەتەن، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» 46-ماددىسى ۋە «ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىزامى» 17-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىشسىزلار ئىشسىز قېلىشتىن بۇرۇن ئىشلىگەن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشۇپ 5 يىلغا توشمىغان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددىتى 12 ئاي بولىدۇ؛ جەمئىي تاپشۇرغان ۋاقتى 5 يىلغا توشۇپ 10 يىلغا توشمىغان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددىتى 18 ئاي بولىدۇ؛ جەمئىي تاپشۇرغان ۋاقتى 10 يىلدىن ئاشقان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇددىتى 24 ئاي بولىدۇ؛ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، يەنە ئىشىسز قالغان بولسا سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ۋاقتى قايتىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىش مۇددىتى ئالدىنقى قېتىم ئىشسىز قالغاندا ئېلىشقا تېگىشلىك بولۇپ بىراق تېخى ئالمىغان مۇددەت بىلەن قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
سوئال: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن قايسى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؟
جاۋاب: مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملار ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان ئىشسىزلارغا نىسبەتەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دەل ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك.
«ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنىڭ 50-ماددىسى» ۋە «ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىزامى»نىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ:
1. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار چوقۇم دەل ۋاقتىدا ئىشتىن قالغان خىزمەتچىلەرگە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى توختىتىش، ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى ھەمدە ئىشتىن قالغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئەمگەك مۇناسىۋىتى توختىغان، ياكى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
2. ئىشسىزلار چوقۇم شۇ ئورۇن چىقىرىپ بەرگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى توختىتىش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتىنى ئېلىپ، دەل ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىپ ئىشسىزلىقنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك.
3. ئىشسىزلار ئىشسىزلىقنى تىزىملاش ئىسپاتى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىنى ئېلىش مۇددىتى ئىشسىزلىقنى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
ھەرقايسى جايلار «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» ۋە «ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىزامى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كونكرېت ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بەزى جايلاردا يەنە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئىشسىزلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھىرلىنىشىگە قولايلىق يارىتىلغان.
سوئال: ئىشتىن قالغاندا ئىشىسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشتىن باشقا يەنە قانداق تەمىناتلار بار؟ داۋالىنىش كاپالىتى بارمۇ-يوق؟
جاۋاب: «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» 48-ماددىسى، «ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىزامى» 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشتىن قالغان خادىملار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە يەنە 5 تۈرلۈك تەمىناتتىن بەھىرلىنەلەيدۇ: بىرىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا داۋاملىق قاتنىشىپ، ئاساسلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ. ئاساسلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن تۆلىنىدىغان بولۇپ، شەخسلەرنىڭ ئاساسلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى ئىشىسزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئاساسلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئايدا كىشى بېشىغا 292 يۈەن تاپشۇرۇلغان. ئۈچىنچى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىشسىزلارغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۆلۈم ياردەم پۇلىغا، شۇ كىشى بېقىۋاتقان جۆرىسى، بىۋاسىتە قانداشلىقى بار تۇغقانلىرى نەپىقە پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. تۆتىنچى، كەسپىي تەربىيەلىنىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. تەپسىلىي ئۆلچىمىنى ھەر قايسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ. بەشىنچى، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ياكى تەستىقلىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا راسخوتلار. مەسىلەن شەرقتىكى 7 ئۆلكە، شەھەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى چىقىم دائىرىسى سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان تۈرلەر كەسپىي تېخنىكا باھالاش ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، ئاز سوممىلىق قەرز كاپالەت فوندى، ئاز سوممىلىق قەرز كاپالەت ئۆسۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سوئال: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن سىرت، سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانا ۋە خىزمەتچىگە نىسبەتەن باشقا قوللاش سىياسىتى بارمۇ؟
جاۋاب: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئىقتىدارى داۋاملىق كېڭىيىپ، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زىيادە ئوشۇقچىلىقىنى يوقىتىش، ئارقىدا قالغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش قاتارلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىدا تەڭشەش قىلىنغان كارخانىلار قانۇن بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئالدىنقى يىلدا خادىم قىسقارتمىغان ياكى خادىم قىسقارتىش نىسبىتى غەملىگۈچى رايوندىكى شەھەر-بازار ئىشسىزلىقنى تىزىملاش  نىسبىتىدىن تۆۋەن بولسا، ئالدىنقى يىلدا ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ %50تىدىن ئېشىپ كەتمىگەن تۇراقلىق خىزمەت ئورنى ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. 2015-يىلىنىڭ بېشىدا گوۋۇيۈەن «گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىش پىكرى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىنىڭ كارخانىلارنىڭ تۇراقلىق خىزمەت ئورنى سىياسىتىنى قوللاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دائىرىسى 3 تۈردىكى كارخانىلاردىن شەرتكە چۈشىدىغان بارلىق كارخانىلارغا كېڭەيتىلدى. سىياسەتكە ئاساسەن، تۇراقلىق خىزمەت ئورنى ياردەم پۇلى ئاساسلىقى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش، خىزمەت ئالمىشىش تەربىيەلىنىشى، ئىقتىدار ئۆستۈرۈش تەربىيەلىنىشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تۇراقلىق خىزمەت ئورنى ياردەم پۇلى سىياسىتى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ بىر تۈرلۈك  مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، خىزمەت ئورنىنى تۇراقلىق قىلىپلا قالماستىن، كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئېرىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىشسىزلىقنى مەنبەسىدىن ئازايتىپ، كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
2016-يىلى مەملىكىتىمىزدە سۇغۇرتىغا قاتناشقان 460 مىڭ كارخانىغا تۇراقلىق خىزمەت ئورنى ياردەم پۇلى تارقىتىلغان بولۇپ، 48 مىليون 320 مىڭ خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش