پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يېڭىدىن گۈللەنگەن ئائىلىۋى مەبلەغ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
يېڭىدىن گۈللەنگەن ئائىلىۋى مەبلەغ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە

ئائىلە روزغارچىلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان، ئىقتىساد ئىلمىنى يېتەكچى، بوغالتىرىيە ئىلمىنى ئاساس، مالىيە ئىلىمىنى ۋاسىتە قىلىدىغان مۇھىم بىر پەن. ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ مەقسىتى ئائىلە مال – مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
روزغارچىلىق ئۆمۈر بويى ئۆگىنىدىغان دەرس. دۇنيادىكى بايلارنىڭ كۆپىنچىسى جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ پۇل تاپىدىغان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى روزغار باشقۇرۇشقا ئەڭ ماھىر كىشىلەردۇر. ئۇلار پۇل تېپىشنى بىلگەندىن باشقا، يەنە پۇلنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتىنى بىلگەنلىكتىن، مەبلەغ ئوبوروتىنىڭ نورمال بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى يارىتىدۇ. شۇڭا پۇل باشقۇرۇشنى بىلگەن ئادەم باي ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا بايلىق دېگەن نېمە؟ نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزەرىدە بايلىق پۇل دېمەكتۇر، دېگەن كۆز قاراش يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىغا بايلىق ئەمەلىي قىممەت ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغان نەق پۇل، قەرز چېكى، پاي چېكى، فوند، تاشقى پېرېۋوت، ئۆي – زېمىن، ئاپتوموبىل، قىممەتلىك مېتال (ئالتۇن )، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئۈنچە – مەرۋايىت، پاتېنت تېخنىكىسى، نەشر ھوقۇقى قاتارلىق شەكىلسىز مۈلۈك ۋە شەكىللىك مۈلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مەبلەغ سېلىش ۋە روزغارچىلىق قانچە بۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى
20 يېشىڭىزدىن باشلاپ ھەر ئايدا 67 يۈەن مەبلەغ سالسىڭىز، يىللىق ئوتتۇرىچە پايدا نىسبىتىنى% 10 دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا 65 ياشقا كىرگەندە 1 مىليون يۈەنلىك مەبلەغنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىسىز. 30 يېشىڭىزدا مەبلەغ سېلىشقا باشلىسىڭىز، 65 ياشقا كىرگەندە 1 مىليون يۈەنلىك مەبلەغكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەر ئايدا 202 يۈەندىن مەبلەغ سېلىشىڭىز كېرەك. 40 يېشىڭىزدا مەبلەغ سېلىشنى باشلىسىڭىز، ئۇ ھالدا 65 ياشتا 1 مىليون يۈەنلىك مەبلەغكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھەر ئايدا 629 يۈەندىن مەبلەغ سېلىشىڭىز كېرەك. 50 ياشقا كىرگەندە مەبلەغ سېلىشنى باشلىسىڭىز، ئۇ ھالدا 65 ياشقا كىرگەندە 1 مىليون يۈەنلىك مەبلەغكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھەر ئايدا 2180 يۈەندىن مەبلەغ سېلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدىن پۇلنى قانچە بالدۇر مەبلەغ قىلىپ سالسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەبلەغنى ئون يىل بۇرۇن سالسا ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ئۈنۈمنى ئون يىل بۇرۇن كۆرگىلى بولىدۇ.
روزغارچىلىق نىشانىنى بېكىتىش كېرەك
روزغارچىلىق نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك جەريان بولۇپ، ھەتتا بىر ئۆمۈر ۋاقىتنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. شۇڭا باسقۇچلارغا بۆلۈپ يەتمەكچى بولغان نىشانلارنى تەدرىجىي تاماملاپ، ئاندىن ھەر بىر كونكرېت نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، روزغارچىلىق پىلانىنى تەپسىلىي تۈزۈپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىنى بېكىتىش كېرەك. مەسىلەن: ھەر ئايدا بانكىغا ئامانەت قويىدىغان پۇلنىڭ سوممىسىنى بەلگىلەپ، ھەر يىللىق سالغان مەبلەغنىڭ پايدىسىنى مۆلچەرلەش كېرەك. شۇنداقلا روزغارچىلىقنىڭ نىشانىنى بېكىتكەندە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن خەۋپ – خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇپ، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېساب خاتىرىلەش
ھېساب خاتىرىلەش پۇلنىڭ كېلىش ۋە كېتىش يۆنىلىشىنى ئېنىق خاتىرىلەشكە قارىتىلغان. ئائىلىدە ھېساب خاتىرىلىگەندە، ئائىلە ئەزالىرىدا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم – چىقىمى ۋە ئېشىنچىسى توغرىسىدا كۆڭلىدە سان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئاۋۋال كىرىم قىلىش، ئاندىن چىقىم قىلىش، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش پىرىنسىپى بويىچە چىقىملىرىنى پىلانلىق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چىقىمنى تېجەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ياش باسقۇچىغا قاراپ روزغارچىلىق پىلانىنى تۈزۈش
بىرىنچى، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى. 18 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە بالىلارنىڭ ھېچقانداق كىرىمى بولمىغانلىقتىن، بۇ مەزگىلدىكى روزغارچىلىقنىڭ پىرىنسىپى قالايمىقان پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت.
ئىككىنچى، بويتاقلىق مەزگىلى. رەسمىي خىزمەتكە قاتناشقاندىن باشلاپ، توي قىلغىچە بولغان ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە ياشلار كۆپىنچە بويتاقلىق مەزگىلىدە تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن، چىقىمى كۆپ بولغاچقا، كىرىمى يۇقىرى خىزمەتنى تېپىشقا ئىنتىلىش ئاساسى نىشان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ باسقۇچتا كىرىمنىڭ ئېشىشى تېز، ياشلارنىڭ خەۋپ – خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئېشىنچا پۇللىرىنى خەۋپ – خەتىرى يۇقىرىراق ۋە پايدىسى ياخشى بولغان پاي چېكى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى. توي قىلغاندىن تارتىپ بالا تۇغۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىقتىسادىي كىرىم كۆپىيىپ، تۇرمۇش مۇقىملاشقان بولسىمۇ، ئەمما تۇرالغۇ سېتىۋېلىش، زىننەتلەش ۋە ئائىلە جاھازلىرى تەييارلاش چىقىملىرى زورراق بولىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى روزغارچىلىقنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىستېمالنى ئەقىلگە مۇۋاپىق كونترول قىلىش ۋە ئائىلە قۇرۇلۇشى چىقىمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېشىنچا مەبلەغنىڭ %50ىنى پاي چېكى ياكى فوندىغا مەبلەغ سېلىش، %35نى قەرز چېكى ۋە سۇغۇرتىغا مەبلەغ سېلىش، %15 لىك مەبلەغنى بانكىغا قەرەلسىز ئامانەت قويۇشتىن ئىبارەت. بىراق سۇغۇرتىغا مەبلەغ سالغاندا سۇغۇرتا ھەققى ئاز تاپشۇرۇلىدىغان قەرەللىك سۇغۇرتا، كۈتۈلمىگەن يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ساغلاملىق سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى تاللاش لازىم.
تۆتىنچى، ئائىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى. بۇ مەزگىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى روزغارچىلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %40 ىنى پاي چېكى ۋە فوندىغا مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە، خەۋپ – خەتەرنى قاتتىق كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.% 40 ىنى بانكىغا ئامانەت قويۇپ پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش فوندى ياكى زايومغا مەبلەغ سېلىشقا سەرپ قىلىپ، پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى تەييارلاش لازىم. %10 مەبلەغنى سۇغۇرتىغا مەبلەغ سېلىش، %10 مەبلەغنى ئائىلىنىڭ جىددىي چىقىملىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇش لازىم.
بەشىنچى، ئائىلىنىڭ پىشىپ يېتىلىش مەزگىلى. بۇ مەزگىل پەرزەنتلەر خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ پېنسىيەگە چىققىچە بولغان ئارىلىقتىكى مەزگىلگە قارىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە 15 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ مەزگىل پەرزەنتلەر مۇستەقىل بولىدىغان، ئاتا – ئانىلار كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان، كەسىپ ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %50 ىنى پاي چېكى ۋە فوندىغا مەبلەغ سېلىش، %40 ىنى قەرەللىك ئامانەت، قەرز چېكى ۋە سۇغۇرتا سېتىۋېلىش،% 10 ىنى قەرەلسىز پۇل ئامانەتكە قويۇشقا سەرپ قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، پايدىسى مۇقىم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا تەدرىجىي ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پىلانىنى تۈزۈش كېرەك.
ئالتىنچى، پېنسىيەگە چىقىش مەزگىلى. بۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە سالامەتلىك بىرىنچى، بايلىق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %10 ىنى پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش، %50 ىنى پايدىسى مۇقىمراق بولغان قەرز چېكىگە مەبلەغ سېلىش، %40ىنى قەرەلسىز ئامانەتكە مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىش لازىم.
مەنبە :جوڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئۇ تورى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش