مۇۋەپپەقىيەت ئاكتىپ پوزىتسىيەدىن كېلىدۇ
قاتتىق بوران – چاپقۇندىن كېيىن ئۆمۈچۈكنىڭ مىڭ بىر جاپادا توقۇغان تورى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۆمۈچۈك يەنە بىرنى توقۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ بىر قەدەر پۇختىراق كۆرۈنگەن تام بۇلۇڭىنى تاللاپتۇ. ئۆمۈچۈك بىر تال بىر تالدىن مەشۈت چىقىرىپ توقۇپتۇ. يېرىمىنى توقۇپ بولغاندا تام بۇلۇڭىدا ساڭگىلاپ تۇرغان شاخ شامالدا پۇلاڭشىپ، ئەمدىلا شەكىلگە كىرگەن تورنى بۇزۇۋېتىپتۇ. ئۆمۈچۈك يەنە – يەنە توقۇۋېرىپتۇ. دەرەخ شېخى يەنە – يەنە پۇلاڭلاپ بۇزۇۋېرىپتۇ، بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۆمۈچۈك تورىنى تېخىچە پۈتتۈرەلمەپتۇ.
بۇ جەرياننى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۈچ ئادەم كۆرۈپتۇ.
بىرىنچى ئادەم كۈلۈپ تۇرۇپ: «تازىمۇ ھاماقەت ئۆمۈچۈككىنا، تام ئۆلۈك، سەن تىرىك تۇرساڭ، بۇ يەر بولمىسا باشقا يەرگە بارمامسەن، ئۆي ئىچىگە توقۇساڭمۇ بولاتتىغۇ، مەن كېيىن ھەرقانداق ئىش، مۇئامىلىدە ھەرگىزمۇ سەندەك ئەخمەقلىق قىلمايمەن» دەپ ئويلاپتۇ. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئادەم داڭلىق بىر سودىگەرگە ئايلىنىپتۇ. باشقىلار ئۇنىڭدىن پۇل تېپىشنىڭ سىرىنى سورىغاندا، ئۇ ئاددىيلا قىلىپ: «نەدە پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ يەرگە بېرىش، ھاماقەت ئۆمۈچۈكتەك بىر تام بۇلۇڭىنىلا ساقلاپ ياتماسلىق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئىككىنچى ئادەم بولسا ھەيران بولۇپ: «توۋا، كىچىككىنە بىر ئۆمۈچۈك جېنىدا ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە يەنە مەغلۇب بولسا يەنە كۈرەش قىلىۋاتقان يەردە، مەن بىر قېتىملىق خىزمەت پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغىنىم ئۈچۈن بۇنچىۋالا چۈشكۈنلىشىپ كەتسەم قانداق بولغىنى» دېگەنلەرنى ئويلاپ، قەيسەر بولۇشقا بەل باغلاپتۇ. نەتىجىدە ئۇ راستتىنلا قەيسەر بىر ئادەمگە ئايلىنىپتۇ.
ئۈچىنچى ئادەم ئېغىر ئۇھسىنىپ: «ھەي مەن مۇشۇ ئۆمۈچۈككە ئوخشايمەنغۇ، گەرچە ئالدىراپ – تېنەپ يۈرسەممۇ ھېچقانداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمەن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈندىن كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋېرىپتۇ.
بىز تۇرمۇش ئىچىدە ياشايمىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىزگە تۈرلۈك ئىشلار، شەيئىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇ تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە نۇرغۇن ھېكمەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇ تۇرمۇش ھېكمەتلىرىدىن قانداق تەسىر ئېلىپ، قانداق ياشاش كېيىنكى ئىشلىرىمىزغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ياشىساق بىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىمىزمۇ كۆپ بولىدۇ. تۇرمۇش ۋە خىزمەت، تىجارىتىمىزگە يۇقىرىدىكى مىسالدىكى ئۈچىنچى خىل ئادەمدەك پوزىتسىيەدە بولساق ھېچ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز، بىر ئۆمۈر نام – نىشانسىز ئۆتۈپ كېتىمىز. ھاياتىمىزنىڭمۇ مەنىسى بولمايدۇ.
تەبىئەت بىزگە نېمەت داستىخىنىنى تولىمۇ كەڭ يايغان ئىكەن. شۇ داستىخاندىكى نېمەتلەردىن ھەممەيلەن ئوخشاش بەھىرلىنەلەيدىكەن. لېكىن كىشىلەرنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسى، تۇرمۇش قارىشىدا روشەن پەرقلەر مەۋجۈت بولىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن تەبىئەت ئاتا قىلغان نېمەت داستىخىنىدىكى نېمەتتىن بەھىرلىنىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قاراپ، ئۆزگە تېگىشلىك ئىشىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ تەبىئەتتىن ئالغان نېسىۋىسىمۇ كۆپ بولىدىكەن. ئەكسىچە پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولغانلار تۇرمۇشتىن، باشقىلاردىن، تەقدىردىن ئاغرىنىپ بىر ئۆمۈر روھىي ۋە ئىقتىسادىي غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈپ كېتىدىكەن.
مەن بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە خىزمەتتە بەلگىلىك شان – شەرەپكە ئېرىشكەنلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئىشنى يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكى، ئۇلاردا جاپا – مۇشەققەتكە چىداش، يېڭىش روھىنىڭ كەم ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
ئىككى يىل ئىلگىرى مۇخبىرلىق مۇناسىۋىتى بىلەن چەت بىر بازارلىق ھۆكۈمەتكە بارغىنىمدا، 2007 – يىلى مەلۇم بىر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتكە تەقسىم قىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، كومپىيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللىۋالغان بىر مېيىپ ياش بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ قالدىم. ئۇ ياشنىڭ كومپىيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش جەريانىدىكى جاپا – مۇشەققەتلەرنى يېڭىش روھى مېنى تەسىرلەندۈرسە، مېيىپ بولسىمۇ تۇرمۇشقا، ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، يۈكسەك ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى قايىللىقىمنى قوزغىدى. ئۇ مېيىپلىقىنى باھانە قىلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يۆلىنىۋالسىمۇ ياكى ئائىلىدىكىلىرىگە تايىنىپ ياشىسىمۇ بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭدىكى تۇرمۇشقا، ھاياتقا بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە، قىزغىنلىق، يۈكسەك غايە ئۇنى داۋاملىق تىرىشىشقا، ئالغا ئىلگىرىلەشكە، جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىشىغا تۈرتكە بولغان. تۇرمۇشىمىزدا شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ، تىرىشچانلىقى، قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەس روھى بىلەن جىسمانىي قۇۋۋىتى تولۇق ئادەملەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇ روھى قەدىرلەشكە، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
بىر سودىگەر ئۆزىگە ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان ئىككى شاگىرتىنى خوشنا يۇرتنىڭ بازىرىغا بېرىپ، بەرەڭگىنىڭ باھاسىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بىر شاگىرتى بازارغا كىرىپ سەي – كۆكتات تىجارەتچىلىرىدىن بەرەڭگىنىڭ باھاسىنى سورىۋېلىپ، تېزلا قايتىپ كەپتۇ. يەنە بىر شاگىرتى ئۇزاقتىراق قايتىپ كەپتۇ. ئۇ بازاردىكى بەرەڭگىنىڭ باھاسىنىلا سوراپ قالماي، بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ بازاردا بەرەڭگىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتقانلىقىنى، ئەگەردە بۇ بازارغا سىرتتىن بەرەڭگە يۆتكەپ كەلگەندە زور پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىدەك ئەھۋالنى ئىگىلەپ كەپتۇ. سودىگەر شاگىرتلىرى بىلەن خوشنا يۇرتتىن ئەرزان باھادا بەرەڭگە يۆتكەپ نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ. سودىگەرنىڭ ھېلىقى شاگىرتى كېيىنچە داڭلىق بايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇ گەرچە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، قىلىۋاتقان ئىشىنى يۈكسەك قىزغىنلىق، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن قىلغان. ئۇنىڭ شۇ روھىي ھالىتى كېيىنكى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.
مۇخبىرلىق مۇناسىۋىتى بىلەن چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر تارمىقىنىڭ بىر ئايال خادىمىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئۇنىڭ خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇقىم دەم ئېلىش كۈنى بولمايدىكەن. شەنبە، يەكشەنبىلەردىمۇ يېزا – قىشلاقلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قوتانلىرىدا يۈرىدىكەن. مەيلى قايسىلا يېزا – قىشلاققا بارمىسۇن ئۇنىڭ دېھقان – چارۋىچىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ تەرىپىنى قىلمايدىغان ئادەم يوق ئىكەن. ئۇنىڭ خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداش روھى ئۇنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن يۈكسەك شەرەپلەرگە نائىل قىلسا، خەلقنىڭ ئالدىدا يۈكسەك ئىززەت – ئابروي، ئىناۋەتنىڭ ساھىبى قىلغان.
دېمەك تۇرمۇشمۇ ئىرادىسى مۇستەھكەم، ئاكتىپ پوزىتسىيە، ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىكەن. ھايات ۋە تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلىدە بولساق، شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىدىكەنمىز. ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتلىقتا ئېرىشكەن ھەر بىر ياخشى نەتىجىسى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئۈمىدۋار، تىرىشچان، ئاكتىپ پوزىتسىيەلىك كىشىلەرلا مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىيالايدىكەن.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى