بانكا نېمىشقا ئۆي-مۈلۈك قەرزىنى كونترول قىلىپ سىزنى ئىناۋەتلىك كارتىغا زورلايدۇ؟
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2-ئايدىن باشلاپ قىسمەن بانكىلارنىڭ بېيجىڭ تارماق بانكىلىرى قەرز بېرىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى. بېيجىڭدىكى ئۆي مۈلۈكچىلىك ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى سودا سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، گۇاڭدا بانكىسى قاتارلىق بانكىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ۋاقتىنچە توختاتتى. سەۋەبى بۇ بانكىلار ئۆي مۈلۈك قەرزى بېرىشنى رەت قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋە پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىقلارمۇ قەرز بېرىش قەدىمىنى ئاستىلاتتى. بىراق بۇنىڭ بىلەن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغىنى شۇكى، بانكا ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش كەسپى جانلىنىشقا باشلىدى. ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ ئىشىك ئالدى، چوڭ مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ھەر قايسى بانكىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا ئۆي مۈلۈك قەرزى بىلەن ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىككىلىسىدە بانكا كىشىلەرگە قەرز بېرىدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بانكىلار ئۆي مۈلۈك قەرزىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئىناۋەتلىك كارتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۆي مۈلۈك قەرزى بىلەن ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ خەۋپ خەتىرى، كاپىتالنىڭ قايتىپ كېلىش سۈرئىتى ۋە پايدا نىسبىتى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرغاندا، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەۋزەللىكى ناھايىتى چوڭ ئىكەن. مەسىلەن بىر مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئەگەر ئۆي مۈلۈك قەرزى ئۈچۈن بېرىلسە ئۇ پەقەت بىر كىشىگە بېرىلىدۇ، كاپىتالنىڭ قايتىپ كېلىش مۇددىتى 20 يىلدىن 30 يىلغا سوزۇلىدۇ. بۇ قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى پەقەت %4.9 بولىدۇ. ئەگەر بۇ بىر مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى ئىناۋەتلىك كارتا كەسپىگە ئىشلەتكەندە، بۇنى 100 كىشىگە بەرگىلى بولىدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرزى ئايدا بىر قېتىم قايتۇرۇلىدۇ. قايتىپ كېلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز. بانكىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ.
بەزى تورداشلار مۇنداق سوئاللارنى قويىدۇ: ئادەتتە بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى يىللىق ھەق ئالمايدۇ، ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مەزگىلىدە ئۆسۈم ئالمايدۇ، ئۇنداقتا بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز كەسپىنىڭ پايدىلىرى قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بانكىغا ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا پايدىلىرى ئاز ئەمەس، پەقەت بىز ئانچە چۈشەنمەيمىز خالاس. تۆۋەندە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بانكىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.
ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ يىللىق ھەققى ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ
ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرگەندە خىزمەتچى خادىملار كارتا بېجىرگۈچىگە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ كارتا بېجىرگەن تۇنجى يىلىدىكى يىللىق ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى، كېيىنكى يىلدىن باشلاپ ئىستېمالچىلار پەقەت N قېتىم كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلسىلا يىللىق ھەق تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كۆپىنچە بانكىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىلىرى بەلگىلەپ بەرگەن كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش سانى مەلۇم تاللا بازىرى، سودا ساراي قاتارلىقلارغا مۇقىم بېكىتىلگەن. توردا بىۋاستە چىقىم قىلىش ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش قاتارىغا كىرمەيدۇ، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار بۇنى بىلمەي، توردا چىقىم قىلىش كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش قاتارىغا كىرىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، نەتىجىدە بۇلار ھەر يىلى يىللىق ھەق تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
يەنە بەزى ئىناۋەتلىك كارتىلار «ئۆمۈر بويى يىللىق ھەق ئېلىنمايدۇ» دېگەن شۇئار بىلەن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك يىللىق ھەق ئېلىنماسلىقىنىڭ مەلۇم شەرتلىرى بولىدۇ. كۆپىنچىلىرىدە «قوشۇلما قىممەت مۇلازىمەت ھەققى»نى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆمۈر بويى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بانكىغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش جەريانىدىكى ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى ئىچىدە ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بىراق رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ
نۇرغۇن بانكىلار يىللىق ھەق ئالماسلىقتىن باشقا يەنە ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى ئىچىدە ئۆسۈم ئالماسلىق شۇئارى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشكە قىزىقتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىناۋەتلىك كارتىدىن پايدىلىنىپ مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز ئالغاندا، ئەگەر ۋاقتىدا قەرزنى قايتۇرسا ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ، بىراق يەنىلا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. يەنى بانكا ئۆسۈمنى رەسمىيەت ھەققىدىن ئېلىۋالىدۇ.
قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاپشۇرغاندىمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ
نۇرغۇن كىشىلەر قەرزنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىگەندە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدىكەن، ئۇنداقتا قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇغۇ، دەپ ئويلىشىدۇ. بىراق قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسىمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ. مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز قايتۇرغانلاردىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىش مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان بانكىلار ئوخشىمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. مەسىلەن، جۇڭگو بانكىسى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش مەزگىلدىكى 1-ئايدىلا پۈتكۈل رەسمىيەت ھەققىنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىلا ئېلىۋالىدۇ. سودا سانائەت بانكىسى بولسا ئەگەر مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز قايتۇرسا قېپقالغان ئايدىكى رەسمىيەت ھەققىنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. كۆپىنچە بانكىلاردا قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئېشىپ قالغان ئايلاردىكى رەسمىيەت ھەقلىرىنى تاپشۇرىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئالغاندا ئۆسۈم ۋە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ
كارتا ئىگىسى ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەق پۇل ئالماقچى بولسا يەنىلا بانكىغا ھەق تۆلەيدۇ. مەسىلەن مەلۇم بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىشنىڭ ئۆسۈمى %0.05 بولسا، رەسمىيەت ھەققى %2.5 بولسا، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق 2000 يۈەن نەق پۇل ئالسىڭىز، ئۇنداقتا كۈندىلىك ئۆسۈم 1.025 يۈەن بولىدۇ. رەسمىيەت ھەققى بولسا 50 يۈەن بولىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتىغا ئامانەت قويغان نەق پۇلنى ئالغاندىمۇ رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ
ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرزىنى قايتۇرغاندا قەرزدىن ئارتۇقراق قويۇلغان پۇل ئارتۇق تاپشۇرۇلغان پۇل دەپ ئاتىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئۆزى ئارتۇق تاپشۇرغان پۇلنى ئېلىپ ئىشلەتسە ھەق ئېلىنمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بانكىلار بۇ خىل نەق پۇل ئېلىش جەريانىدىمۇ رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ.
كارتا شېرىنكانە كىرىمى
ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچىدىن يىغقان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى بانكا ئىناۋەتلىك كارتا كەسپىنىڭ پايدا قىسمىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمى. كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش شېرىنكانە كىرىمى بولسا بانكا ئىناۋەتلىك كارتا كەسپىنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. كارتا سۈرۈپ چىقىم قىلىش شېرىنكانە كىرىمى ئاساسلىقى ئابۇنتلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق تىجارەتچىلەرنىڭ POS كارتا سۈرۈش ماشىنىسىدا چىقىم قىلغاندىن كېيىن تىجارەتچىلەر ئىستېمال سوممىسىنىڭ پىرسەنتى بويىچە بانكىغا تۆلەيدىغان ھەقنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئورگانلارنىڭ ھېسابلىشىچە، جۇڭگو ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچى تىجارەتچىلەرنىڭ كارتا تارقاتقان بانكىلارغا تۆلەيدىغان رەسمىيەت ھەققى نىسبىتى سودا سوممىسىنىڭ %0.7-%1نى ئىگىلەيدىكەن. يۇقىرىقىلاردىن بانكىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆي مۈلۈك قەرزىنى كونترول قىلىپ، ئىناۋەتلىك كارتىغا كۈچەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟