چەتئەلدە قايسى خىلدىكى ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلەتسە مۇۋاپىق؟
تېڭشۈن تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۈگۈنكى كۈندە بانكىلار ئىناۋەتلىك كارتا كەسپىنى چۆرىدەپ كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەتنى قانات يايدۇرماقتا، ھەرقايسى بانكىلار تاق پۇللۇق (单币卡)، قوش پۇللۇق (双币卡) ۋە تولۇق پۇللۇق (全币卡) ئۈچ خىل تۈردىكى ئوخشاش بولمىغان خىلمۇ خىل ئىناۋەتلىك كارتىلارنى چىقاردى. تاللاش بوشلۇقىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر قايسىسىنى تاللىشىنى بىلەلمەي قالدى، ئۇنداقتا زادى تاق پۇللۇق، قوش پۇللۇق ۋە تولۇق پۇللۇق كارتىنىڭ قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟ چەت ئەلدە ئىستېمال قىلغاندا تولۇق پۇللۇق كارتا بىلەن قوش پۇللۇق كارتىنىڭ قايسىسى مۇۋاپىق؟
تاق پۇل، قوش پۇل، تولۇق پۇللۇق كارتىلارنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟
تاق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا پەقەت بىرلا خىل پۇلدا راسچوت قىلىشقا بولىدىغان ئىناۋەتلىك كارتا بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئىناۋەتلىك كارتىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈردىكى ئىناۋەتلىك كارتىغا كىرىدۇ.
قوش پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا بىرلا ۋاقىتتا خەلق پۇلى ھېساباتى ۋە چەت ئەل پۇلى ھېساباتىغا ئىگە بانكا كارتىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كارتىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىگە «بانكا بىرلەشمىسى»نىڭ بەلگىسى، ئوڭ ئاستى تەرەپكە VISA ياكى mastercardنىڭ بەلگىسى چاپلانغان بولىدۇ.
تولۇق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنى كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان كارتىنى كۆرسىتىدۇ، كارتا ئىگىسى چەت ئەلدە ئىستېمال قىلغان ۋاقىتتا، بارلىق چەت ئەل پۇلىدىكى سودىنىڭ ھەممىسى ئاپتوماتىك ھالدا پېرىۋوت نىسبىتى بويىچە خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ھېسابقا كىرگۈزۈلىدۇ، كارتا ئىگىسى پەقەت خەلق پۇلى بويىچە قايتۇرسىلا بولىدۇ، پۇل ئالماشتۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ.
بانكا بىرلەشمىسى كارتىسىدا چەت ئەلدىكى POSدا كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلغاندا پۇل ئالماشتۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ
تاق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا. تاق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا نىسبەتەن ئاددىي بولغاچقا، بۇ يەردە نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈپ يۈرمەيمىز، ئاساسلىقى قوش پۇللۇق ۋە كۆپ پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ پەرقىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرىمىز. كۆپچىلىك شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك، ھازىر بانكا بىرلەشمىسىنىڭ VISA ۋە mastercard بىلەن بەلگىلىك پەرقى بولۇپ، بەلگىلىك چەكلىمىلىك بولسىمۇ، ئەمما يەرشارىدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى. چەت ئەلدىكى POSدا كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىپ دۆلەت ئىچىدە پۇل قايتۇرغاندا پۇل ئالماشتۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەت ئەلدە كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىۋاستە خەلق پۇلىدا قايتۇرۇشقا بولىدۇ.
قوش پۇللۇق كارتىدا چەت ئەلدە ئىستېمال قىلغاندا رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ
قوش پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا. ھازىر VISA ياكى mastercard قوش پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتىلىرى 200 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئىشلىتىلىدۇ، ئىستېمال قىلىدىغان سودا ئورۇنلىرىنى تېپىش ئاسان. ئەمما خەلقئارادا قوش پۇللۇق دەيدىغان ئۇقۇم يوق، بۇ ئۇقۇم پەقەت جۇڭگودىلا بار، قوش پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتىدا دۆلەت ئىچىدە كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلغاندا، خەلق پۇلىدا راسچوت قىلىنىدۇ، چەت ئەلدە كارتا سۈركەپ ئىشلەتكەندە ئاپتوماتىك ھالدا چەت ئەل پۇلىدا راسچوت قىلىنىدۇ، بۇ جەرياندا پۇل ئالماشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، %1~%2 رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. قايتىپ كېلىپ پۇل قايتۇرغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن پېرىۋوت قىلىش كېرەك، بۇنىڭدا يەنە بىر قېتىملىق پۇل ئالماشتۇرۇش ھەققى ئېلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم قوش پۇللۇق كارتىغا چەت ئەل پۇلى ھېساباتىنىڭ يىللىق ھەققى ياكى باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئېنىق ئايرىيالمىسىڭىز قەرەلى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بىرلاش ۋاقىتتا ئىككى خىل ھېسابات بولسا ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بانكا «قوش ئۆلچەملىك كارتا»نى بىكار قىلىدۇ. شۇڭا قوش ئۆلچەملىك كارتا بار تورداشلار مۇددەتتىن بۇرۇن بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ كارتا ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.
تولۇق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتىدا ئىسېمال قىلغاندا پېرىۋوت سېتىۋېلىش رەسمىيەت ھەققى بىكار قىلىنىدۇ
تولۇق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتا. تولۇق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيەسى پۇل ئالماشتۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدۇ ھەمدە بارلىق پۇللاردا سودا قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. مەيلى قانداق دۆلەت قانداق جايدا ئىستېمال قىلىنسۇن، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىۋاستە خەلق پۇلىدا قايتۇرۇشقا بولىدۇ، پېرىۋوت سېتىۋېلىش ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئوخشىمىغان بانكىلار تارقاتقان تولۇق پۇللۇق ئىناۋەتلىك كارتىدا بەلگىلىك پەرق بولۇشى مۇمكىن.
قوش پۇللۇق كارتا بىلەن تولۇق پۇللۇق كارتا راسچوت پۇلىنىڭ سانى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ
قوش پۇللۇق كارتا بىلەن تولۇق پۇللۇق كارتا راسچوت پۇلىنىڭ سانى جەھەتتە ئازراق پەرقلىنىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، قوش پۇللۇق كارتا يەنە قوش ئۆلچەملىك كارتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى بانكا بىرلەشمىسى+VISA/JCB، خەلق پۇلى+دوللار/ ياۋرو شەكلىدە بولىدۇ، ئەگەر ئامېرىكىدا ئىستېمال قىلسىڭىز، قوش پۇللۇق ياكى تولۇق پۇللۇق كارتىنىڭ ئاساسەن پەرقى بولمايدۇ. ئەمما ئەگەر سىز كورىيەدە ئىستېمال قىلسىڭىز ئۇ ھالدا قوش پۇللۇق كارتىدا شۇ كۈنىدىكى پېرىۋوت نىسبىتى+پۇل ئالماشتۇرۇش ھېساباتى بويىچە دوللار ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن خەلق پۇلىنى دوللارغا پېرىۋوت قىلىش نىسبىتى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ. ئەمما پۇل بىرقانچە قېتىم ئالماشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتىنى قانداق تاللىغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئاساسلىقى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىناۋەتلىك كارتىنى بېجىرىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان پۇل تۈرىدىكى ئىناۋەتلىك كارتا تاللىنىدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئۆزىمىزگە ماس كېلىش-كەلمەسلىكىدە تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئويلىشىمىز:
1. چىقىم قىلىش يېتەرلىك دەرىجىدە قولايلىقمۇ ئەمەس؛
2. ئىستېمال پايدىسى ياراتقىلى بولامدۇ يوق؛
3. سەپەرگە، چەت ئەلگە چىقىشقا قولايلىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ يوق؛
بۇ مەبلەغ سالغانغا ئوخشايدۇ، ئادەتتە مەبلەغ سېلىشتا خەتەر+پايدىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئويلىشىلىدۇ. بولۇپمۇ پايچېكى سودىسى قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەر پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى ۋە تىجارەت نەتىجىسى، سىياسەت ئۇچۇرى، تارىخىي يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى ئۈچ مۇھىم تەھلىل نۇقتىسى قىلىپ تەھلىل قىلىپ، بىر پايچېكىنىڭ خەتىرى ۋە پايدىسىغا باھا بېرىپ، مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىى بېكىتىدۇ. ئەمما ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمال تىپىدىكى مەبلەغ سېلىش، پايچېكى بولسا مەبلەغ سېلىش تىپىدىكى مەبلەغ سېلىش، بۇ ئىككىسى خۇددى ماشىنا سېتىۋېلىش بىلەن ئۆي سېتىۋېلىشقا ئوخشايدۇ.
ىناۋەتلىك كارتا تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئۈچ چوڭ پىرىنسىپ
1. يىللىق ھەققى يوق كارتىنى ئويلىشىش
2. ئەگەر چەت ئەلدە كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجى بولسا كارتا بېجىرگەندە تاللاش تۈرىگە Visa/Master/AMEX/JCB قاتارلىق چەت ئەل پۇلىدىكى ئىناۋەتلىك كارتىنى تاللاپ قويۇڭ، بانكا بىرلەشمىسى كارتىسىنى چەت ئەلدە ئىشلىتىش قولاي ئەمەس.
3. يىللىق ھەققىنى بىكار قىلىش قانچە قولاي بولسا شۇنچە ياخشى. ئادەتتە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، بەھرلىنىدىغان پاراۋانلىق شۇنچە كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىللىق ھەققىمۇ ماس ھالدا يۇقىرى بولىدۇ.
ئومۇمەن ئىناۋەتلىك كارتا تاللىغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن يۇقىرىقى پىرىنسىپ ۋە تەلەپ بويىچە ھوقۇق سالمىقىنى بېكىتىش، ئاندىن ھوقۇق سالمىقىغا ئاساسەن ئەڭ ياخشى ئىناۋەتلىك كارتىنى تاللاش كېرەك. قايسى بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى تاللاشقا كەلسەك كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ.