پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 188|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دىھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدىن باج كەچۈرۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

29

يازما

116

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
116
دىھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنىڭ ھەممىسىدىن باج كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟

          يېقىنقى بىر نەچچە يىلاردىن بۇيان دۆلتىمزىنىڭ دىھقانلارنى بېيىش يۇلىغا يىتەكلەش سىياسىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ، رايۇنىمزىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركۈملەپ دىھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپراتىپلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە چارىچلىق، باغۋەنچىلىك، قۇرلۇش ، خېىميىۋى ئۇغۇت ، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى قارتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممسىگە كېنىشكە بېجىرىپ ئىش باشلاپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش قىزغىنلىقى ھەممە يەرنى قاپلىدى . كوپراتىپ قۇرسا تۈرمەبلىغ بىرىدىكەن ، بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدكەن دىگە پاراڭلار ھەممىيلەننى قىززىقتۇرۇپ ، ھەممە دىھقانلار بەس -بەس بىلەن كوپراتىپ قۇرۇشىتى . بىر يىل ئۆتتى ، ئىككى يىل ئۆتتى ھەتتا 3 يىل ئۆتتى تۈر مەبلىغى كەلمىدى . ئۇلارمۇ كوپراتىپنى قۇرۇپ قويۇپ تۈرمەبلىغى ئالىمىز دەپ يېتىۋەردى . باج مەلۇم قىلىدىغان بوغالتىرنىڭ ئىش ھەققى ھەر ئايدا چىقىۋەردى .
         ئەمدى گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كەلسەك، دۆلىتىمىز بىكار ياتقان كاپراتىپلارنىڭ ھەممسىگە تۈر مەبلىغى بىرىۋەرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ نىشانى بار ، تىجارەت يۇلىنى تاپلىغان ، باشقا دىھقانلارنى بېيىش يۇلىغا باشلىغان كوپراتىپلارنغا ئۇلارنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا يۆلەش مەبلىغى بېرىدۇ. ھىچقانداق ئىش قىلمىغان قۇرۇق پاخ - پاخ كوپراتىپلارغا ھىچ نىمە بەرمەيدۇ. بۇ مەبلەغكە ھەممە كوپراتىپ ئىرىشەلمەيدۇ.
         باج كەچۈرۈم قىلىش ئىشىغا كەلسەك؛ دۆلىتىىمىزنىڭ باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن كەلگەن كوپراتىپلارنىڭ بېجى كەچۈرۈم قىلىدۇ. مەسىلەن : قۇشۇلما قىممەب بېجى نىزامنامىسىدىكى باج كەچۈرۈم قىلنىدىغان تۈرلەردىن ئاساسلىق قىلىپ ، دىھقانلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان دىھقانچلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ساتسا ، بۇنىڭ بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. دىھقانلار قول ھۈنەرۋەنچىلىك كوپراتىۋىنىڭ قولدا ئىشلىگەن بۇيۇملىرىنىڭ بېجى كەچۈرۈم قىلنىدۇ . لېكىن دىھقانلار توقۇلما بۇيۇملارنى ماشىنا ئۈسكۈنە بىلەن توقۇغان بولسا، مەسىلەن ماشىنا بىلەن توقۇلغان كەشتە بۇيۇملرىنىڭ بېجى كەچۈرۈم ئەمەس.
          دىھقانلار قۇرلۇش كوپراتىپ قۇرۇشقا بولمايدۇ . قۇرلۇشنىڭ قۇرلۇش ئىجازەتنامىسى بولىدۇ . دىھقارنلا خېىميىۋى ئۇغۇت سېتىش كوپراتىپلىرى قۇرۇشقا بولمايدۇ.
         يەنەبىر ئەسكەرتىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك ئىش ، سىز كوپراتىپ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن بەلگىلىمە بۇيىچە باج كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن بولسىڭىز ، باج كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمان بۇلالمايسىز.
         
         

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش