پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامى

ئۆي ساتقۇچى      ( [ئا]  تەرەپ) :                            كىملىك نومۇرى:
ئۆي سېتىۋالغۇچى  ( [ب] تەرەپ):                              كىملىك نومۇرى:
  1.《جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتى توختام قانۇنى》،《جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىتى شەھەر ئىچى ئۆي مۇلۇك باشقۇرۇش قانۇنى》 ۋە يەرلىك مۇناسىۋەتلىك بەلگىملەرگە ئاساسەن [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ تولۇق ھوقوقلۇق قانۇنى ۋەكىل بولۇش سالاھىتى بىلەن ئەقلى-ھۇشى جايىدا،نۇرمال روھى ھالەتتە،ئادىل بولغان ئاساستا، ئۆزلىرى خالاپ،ئۆز- ئارا كىلىشىش ئارقىلىق [ئا]  تەرەپ [ب] تەرەپكە ئۆي سېتىپ بىردىغان بۇ ئۆي سېتىش سېتۋىلىش توختامىنى تۇزۇپ چىقتۇق.
    2.[ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ[ئا] تەرەپ ئۆز ئىگدارلىقىدىكى قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت مەمۇرلىرى ئولتۇراق بىناسى ــــــــــــــــــــــ بىنا ــــــــــــــــــــــ كۇرپۇس ــــــــــــــــــــــ قەۋەت ــــــــــــــــــــــ نومۇرلۇق ـــــــــــــــــــــ كۇۋادىرات مىتېر ئۆيىنى بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەنگە[ب] تەرەپكە سىتىپ بەردى.
       3 .ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا كىلىشىپ [ب] تەرەپ [ئا]  تەرەپكە بىر قىتىمدىلا بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەننى بەردى.[ب] تەرەپ [ئا]  تەرەپكە بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەننى بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ ئۆيگە تولۇق ئىگە بولىدۇ.
    4.ئۆي كىنىشكە رەسمىيەتلىرى چىققاندىن كىيىن [ئا]  تەرەپ [ب] تەرەپكە بىرىدۇ ھەمدە [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ھۆكۇمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۇزىدۇ،ھۆكۇمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۇزۇش ھەققىنى [ب] تەرەپ ئۇستىگە ئالىدۇ.
    5 .[ئا] تەرەپ 2012-يىل 3- ئاينىڭ 9- كۇندىن باشلاپ بۇ ئۆينىڭ تالۇن رەسمىيەتلىرىنى، ئاچقۇچىنى، ئۆي ئىچىنى، يەر ئاستى ئۆيىنى [ب] تەرەپكە تولۇق ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ، شۇ كۇندىن باشلاپ [ب] تەرەپ بۇ ئۆيگە تولۇق ئىگە بولىدۇ. [ئا]  تەرەپنىڭ ھوقوقى پۇتۇنلەي تۇگەيدۇ ھەمدە بۇ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھوقوقى بولمايدۇ.
    6. توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسھۇلىيىتى: ئەگەر [ب] تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىپ بۇ ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا ئومومى پۇلنىڭ % 30 بويىچەتوختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تاپشۇرىدۇ، [ئا]  تەرەپ توختامغا خىلاپلىق  قىلىپ بۇ ئۆينى قايتۇرۋالماقچى بولسا ئومومى پۇل بىر يۇز سەكسەن مىڭ(180000) يۇەننى [ب] تەرەپكە تولۇق قايتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆينى مال باھا تارمىقىدىن باھالىتىپ يىنىۋالغان ۋاقىتتىكى باھانىڭ % 30 بويىچەتوختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلنى قوشۇپ [ب] تەرەپكە تاپشۇرىدۇ.
    7.توختام ئىمزالىنىشتىن بۇرۇنقى  ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقۇرۇش پۇلى،توك سۇ پۇلى، گاز پۇلى،ئالاقىلىشىش پۇلى،ئۆي كىنىشكە بىجىرىش، ئۆي ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ھەققى، ئۇ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك باج ھەققى قاتارلىق تۆلەشكە تىگىشلىك باھارلىق ھەقلەرنى [ئا]  تەرەپ ئۇستىگە ئالىدۇ، توختام ئىمزالانغاندىن كىيىنكى باشقۇرۇش پۇلى،توك سۇ پۇلى، گاز پۇلى،ئالاقىلىشىش پۇلى قاتارلىق ھەقلەرنى [ب] تەرەپ ئۇستىگە ئالىدۇ،[ب]تەرەپ توختام ئىمزالىنىشتىن بۇرۇنقى  ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھىچ قانداق مەسھۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.
    8.بۇ ئۆينىڭ ئۆي ئىگىلىك گۇۋاھنامىسىنى [ب] تەرەپ ئۆز نامىغا ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، بىجىرىش رەسمىيىتىنى [ب] تەرەپ ئۆتەيدۇ،[ئا]  تەرەپ چوقۇم ئاكتىپ ماسلىشىپ بىجىرىشكە ياردەم قىلىش كىرەك.
    9. توختامغا [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ تولۇق ھوقوقلۇق قانۇنى ۋەكىل بولۇش سالاھىتى بىلەن ئىمزا قويۇپ بارماق باسقان ۋاقىتتىن باشلاپ كۇچكە ئىگە بولىدۇ.
    10. [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ ئائىلىسدىكىلەر يۇقارقى توختام مەزنۇنىغا تولۇق قوشۇلغان ئاساستا بۇ توختامنى تۇزۇپ چىقتۇق، [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ چوقۇم ئورتاق رىئايە قىلىش كىرەك.
    11. بۇ توختام ئىمزالانغان ۋاقىتتىن باشلاپ[ئا]  تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى، پەرزەنىتلىرى ۋە ھەر قانداق ئۇرۇق-تۇققىنى قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئۆيدە ھەر قانداق ھەققى، ھوقوقى بولمايدۇ،بۇ توختام ھەممەيلەننىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن تۇزۇلگەن.
  12. بۇ توختام ئىككى نۇسقا بولۇپ، [ئا] [ب] ئىككى تەرەپ تەڭ ئىمزا قويۇپ ھەر ئىككىسى بىر نۇسقىدىن ساقلايدۇ.
    13.ئەگەر [ئا]  [ب] ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تالاش-تارتىش يۇز بەرسە بۇ توختامغا ئاساسەن قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرەك.
    14.توختامغا گۇۋاھ بولغۇچىلار تۆۋەندىكىلەر:
   ئۆي ساتقۇچى [ئا]  تەرەپ ئائىلە ئەزالىرى :
   ئۆي سىتىۋالغۇچى [ب] تەرەپ ئائىلە ئەزالىرى:
   گۇۋاھچىلار:
  ئۆي ساتقۇچى       ( [ئا]  تەرەپ ئىمزا) :
ئۆي سېتىۋالغۇچى    ( [ب]  تەرەپ ئىمزا):
                         -يىل   -ئاينىڭ    -كۇنى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش