ماركا ئىلتىماس قىلىش تەرتىۋى ھەققىدە
ماركا ئىلتىماس قىلىش تەرتىۋى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
1. ئاۋال ماركا قىلىپ قوللىنىدىغان ئىسىم ياكى شەكىلنى تاللاش. بۇنىڭدا ماركا قىلىپ قوللىنىمەن دىگەن ئىسىمنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇنى ئئىشەنچىلىك ماركا بېجىرىش ئورۇنلىرىغا تېلفۇن قىلىپ ، تەكشۈرتۈش ، ھەمدە چىقىش نىسبىتىگە ھۆكۈم قىلىش لازىم ، ئادەتتە ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىسملار تەستىقتىن ئۆتمەيدۇ .
مەسىلەن :
suygu soygu
doogh dooch
2. قەدەدە ماركا لايھەلىتىش : بۇنىڭدا ماركىنىڭ لايھەسىنى چوقۇم تەسەۋۇر كۇچى يۇقىرى ، رەڭ سەزگۈسى ياخشى بولغان مەخسۇس لايھەلىگۈچىلەرگە لايھەلىتىش لازىم . شۇنداق بولغاندا ، ماركا لايھەسى ياخشى چىقىدۇ ، ماركا لايھەسى ئاددى كۆركەم بولسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ .
3. ماركا ئىلتىماس قىلىش : بۇنىڭدا ماركا ئىلتىما قىلغۇچى چوقۇم نوپۇزلۇق ھەم ئىشەچنلىك ئورۇنلارنى تاللاش لازىم .
ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئىشەنچىلىك بولۇش ، يەنە بىرىگە سىز ئالاقىلاشقان كىشى ئىشەنچىلىك بولۇش ، ھەمدە ماركا تەكشۈرگۈچى ئىشەنچلىك بولۇش لازىم .
4. ماركا ئۇقتۇرشىنى : سىز ماركا تىزىملاتقاندا چوقۇم سىز ماركا ئوقتۇرشىنى تاپشۇرۋېلىش ئۈچۈن ، ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ توغرا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشىڭىز لازىم ، شۇنداق بولغاندا ئوقتۇرۇشنى ۋاقتىدا تاپشۇرۋاللايسىز .
5. ماركا تىزىمغا ئېلىنش كېنىشكىسى : ئادەتتە ماركا ئىلتىماس قىلىنىپ ، ماركىڭىز تەستىقلانسا ، بىر يىل ئىچىدە كېنىشكىسى چىقىپ بولىدۇ ، سىز قوبۇل قىلىش ئوقتۇرشى چىققاندىن باشلاپ ، ماركىنى ئىشىلىتىشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ . رەسمى كېنىشكىسى چىققاندىن باشلاپ ، ماركا ھوقۇق تولۇق سىزگە تەۋە بولغان بولىدۇ .
ماركا ئىشلىرىدىن مەسلىھەت سوراش تېلفۇنى : 18096962812 0997-8181000 0997-8138052