يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مال - چارۋا يېمىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بىرقىسىم شەخىسلەر پەيدا بولدى . كىشلەرنى ساغلام گۆش بىلەن تەمىنلەش ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، قوناق ، كېپەكنى ئاسا قىلىغان ئىلمى ئۇسۇلدا مال بېقىشقا ئىشىلتىدىغان يەم خېشەكنى ئىشلەپچىقىش ئىھتىياجى بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ.ئۇنداق بولغاندا بۇنى زادى قايسى ئۇسۇل بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كلەملەشتۈرۈش كېرەك؟ شىركەت قۇرايمۇ ياكى يەككە ئىگىلىك بۇيىچە قىلايمۇ دىگەن ئىشلار كارخانىچلىرىمزىنى تەمتىرتىپ قۇيىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغاندا قايسى تاللايمىز؟
مەن شىركەت قىلىشىنى تاللىدىم ، شىركەت قىلسام باج ئىشلىرىدا ئىتبارغا ئىرىشەلەيمەنمۇ ؟ئىرىشەلەيمەن . دۆلەت باش باج ئىدارىسىنىڭ 1999-يىل 39-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ ۋە 1993-يىل 151-- نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ، سىز ئىشلەپچىقارغان ئارلاشما يەم خەشەك،رىتسىپلىق يەم خېشەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىئىسىدىن قوشۇلماقىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۇرگە خاتىرجەم مەبلەغ سالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. بۇنى شىركەر خارەكتىردە قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شىركەر قىلسىڭىز خېرىدارلارغا بىرخىل ئىشەنىچ تۇيغۇسى بىرىسىز ، ماللىرىڭىزنى تىزدىن بازارغا كېڭەيتەلەيسىز دىگەن گەپ. ئىشلەپچىقارغان يەم خېشەكنىڭ خالتىسىنى ياخشى لايھەلىتىڭ. مال سۈپىتى ياخشى بولسۇن، باھاسى مۇۋاپىق بولسۇن، بېشىدا ئاز پايدا ئالسىڭىزمۇ مەيلى، پۇلنى بىر كۈندىلا تېپپالغىلى بولمايدۇ. زىيان تارتمىسڭىزلا مەيلى . مۇشۇ بۇيىچە ماڭسىڭىز بۇلىدۇ.
بۇنىڭغا بىر دانە يەم ئۇششاقلاش ماشىنىسى كىتىدۇ، خالتا ھەم ماركا بولسىلا بۇلىدۇ.ماشىنا ئۈسكىنىگە 15000-20000 يۈئەن، خالتىغا 10000.00 يۈئەن ، قوشۇمچە ئايلانما مەبلەغ ئۈچۈن50 مىڭ يۈئەن بولسا يىتىدۇ. قېنى ئويلىشىپ كۆرۈك.
|