پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئائىلە ئىقدىسادىنى تەرتىپلەش ئۇسۇلىدىن ئەمەلىي مىسال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئائىلە ئىقدىسادىنى تەرتىپلەش ئۇسۇلىدىن ئەمەلىي مىسال


ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن بولغان خىزمەتچىلەر قانداق روزغارچىلىق قىلىشى كېرەك؟ تۆۋەندەبىر ياشنىڭ روزىغارچىلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمىز.
ئالىيمەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىۋاسىتە خىزمەتكە قاتنىشىشنىئويلايتتىم، شۇڭا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن باشلاپ تۈرلۈك پىراكتىكىغائاكتىپ ماسلاشتىم. 2013 – يىلى يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ، چەت ئەلشىرىكچىلىكىدىكى كارخانىدىن خىزمەت تاپتىم.
خىزمەتكەقاتناشقاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، مەكتەپتە ئويلىغانلىرىمغاقىلچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن بولۇپ، ئۆيئىجارىسىگە 1500 يۈەن، سۇ، توك پۇلىغا 200 يۈەن، يېمەك – ئىچمەككە 1200 يۈەن سەرپقىلاتتىم، ئەگەر ئازراقلا پەخەس بولمىسام، ئاينى ئۆتكۈزەلمەيتتىم.
ئىككىئاي بۇرنۇمنى تىرەپ دېگۈدەك كۈن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كۈنلىرىمنىڭ ناھايىتى جاپالىقئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا روزغارچىلىقنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. بىرىنچى قەدەمدەتۇرمۇش پىلانى تۈزدۈم.يەنى زۆرۈر ئايلىق چىقىمىمنى 150 يۈەن، تاماق چىقىمىمنى 800يۈەن ئەتراپىدا تىزگىنلەشكە تىرىشتىم، كەچلىك تامىقىمنى ئۆزۈم ئەتتىم، زۆرۈربولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالمىدىم. ھازىر، ئايلىق چىقىمىم 2800 يۈەن بولۇپ، ئايدا1200 يۈەن ئېشىنالايدىغان بولدۇم.
تۆۋەندەئېشىنچا پۇلۇمدىن پايدىلىنىپ قانداق روزغارچىلىق قىلغانلىقىمنى تونۇشتۇرۇپئۆتىمەن.
قەرەللىكئامانەت قويۇشتىن ۋاز كېچىپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلدىم. 2013 – يىلنىڭكېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.شۇڭا، مەنمۇ ئېشىنچا پۇلۇمنى قەرەللىك ئامانەت قويۇپ روزغارچىلىق قىلىشتىن ۋازكېچىپ، تور ئارقىلىق روزغارچىلىق قىلىش يولىنى تاللىدىم. 8 – ئايدىن باشلاپقولۇمدىكى ئېشىنچا پۇلنى قالدۇق سومما قۇتىسىغا سېلىشقا باشلىدىم، قالدۇق سومماقۇتىسى ھەم قەرەللىك ئامانەت قويۇشتەك جانلىقلىققا ھەم پۇل فوندىغا ئوخشاش يۇقىرىئۈنۈمگە ئىگە ئىدى، بۇ، ماڭا ئوخشاش يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان مائاشلىقلار ئۈچۈنئىنتايىن مۇھىم ئىدى. كېيىن، ئۈندىدار روزغارچىلىقى بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭپايدىسىنىڭ قالدۇق سومما قۇتىسىدىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۈندىدارروزغارچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندىم.
پايچېكى خاراكتېرىدىكى فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سالدىم. پۇلۇم كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىنروزغارچىلىق ئۇسۇلۇم يالغۇز پۇل فوندى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پاي چېكىخاراكتېرىدىكى فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سالدىم. پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىشتا، رەت تەرتىپى100 نىڭ ئالدىدا بولغان، كۆلىمى 1 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن، ساپ پايدا ئېلىش نىسبىتىيۇقىرىراق، پاي كۆرسەتكۈچى 300 نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ئاندىن مەبلەغسالدىم.
مېنىڭچە،فوند كۆلىمى قانچىكى چوڭ بولسا، پاي تەقسىملەش قىيىنلىق دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ،يەنە كېلىپ پاينى تالىشىپ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، پايدىسىمۇتۆۋەنلەپ كېتىدۇ. مەن ئادەتتە ئايدا 200 يۈەندىن جەمئىي بەش ئاي مەبلەغ سالىمەن.ئۇنىڭدىن سىرت يەنە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندقىمۇ مەبلەغ سالدىم. سېتىۋالغانفوند ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، يەنە كېلىپ ۋاقتى ئانچە ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىنئالىدىغان پايدام %5 تىن تۆۋەن بولمىدى.
ماڭائوخشاش يېڭىلا خىزمەتكە قاتناشقان مائاشلىق دوستلارنىڭ قانداق روزغارچىلىق قىلىشىتوغرىسىدا بىرقانچە تەكلىپ بېرىمەن:
1. روزغارچىلىقتا قارىسىغا ئىش كۆرمەسلىك، ئاساسىي روزغارچىلىق بىلىملىرىنىئۆگىنىش، پۇل فوندى ۋە پاي چېكى خاراكتېرىدىكى فوندتىن ئىبارەت ئاددىي مەشغۇلاتقائىدىسىنى ئۆگىنىش.
2. روزغارچىلىققا ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈش.
3. كۆپرەك خەۋەر كۆرۈش، بولۇپمۇ ئاۋام تۇرمۇشى، ئىقتىساد خەۋەرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش.
سەنزامانغا باقمىساڭ، زامان ساڭا باقمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ روزغارچىلىقتىن ئىبارەت ئۆمۈربويى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بۇ دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزىگە تەۋە ‹‹ئالتۇن تۇخۇمتۇغىدىغان توخۇ››غا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
مەنبەسى:جۇڭگوئۇيغۇرچە رادىيو تورى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش