نېمە ئۈچۈن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرىمىز؟
يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزى مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. يېڭى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن 2017-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سودا بانكىلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ كارخانا ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمى 60 يۈەندىن 40 يۈەنگە، شەخسنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك مۇلازىمەت ھەققى بەش يۈەندىن تۆت يۈەنگە چۈشتى. بۇ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم چۈشۈشى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىكەن. گەرچە ئۆزىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى زىيادە كۆپ قېتىم سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئانچە پايدىسى بولمىسىمۇ، مەسىلەن بانكا سىزنى بەك كەمبەغەل، قەرز ئېلىشقا ئالدىراپ كەتكەن دەپ قاراپ قەرز ئىلتىماسىڭىزنى رەت قىلىۋەتسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ باقمىساق بولمايدۇ.
ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي :
1.شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى شەخسنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؛
2.ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىدا خاتالىق بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا بايقاپ ۋاقتىدا تۈزىتىش لازىم.
ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتى بولسا بىر ئادەمنىڭ «ئىقتىسادىي كىملىكى». مەيلى قەرز پۇل ئالايلى ياكى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرەيلى ھەممىسىدە شەخسنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتى لازىم بولىدۇ. ئىناۋەت خاتىرىسى ياخشى بولسا بانكىدىن تېز ۋە تۆۋەن ئۆسۈمدە قەرز پۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىناۋەت خاتىرىسى ياخشى بولمىسا، ئۇ ھالدا بانكا بەلكىم قەرز پۇل بەرمەسلىكى ياكى بىر قەدەر يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن قەرز بېرىشى مۇمكىن.
ئىناۋەت
دوكلاتىنى تەكشۈرگەندە ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتە نورمالسىزلىق بار-يوقلۇقىغا قارايمىز :
1. ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىدا خاتا خاتىرە بار-يوقلۇقىغا قارايمىز. ئەگەر بار بولسا ۋاقتىدا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزى ياكى شۇ قېتىملىق كەسىپنى بېجىرگەن بانكىغا بېرىپ تۈزىتىش كېرەك. بولمىسا مەيلى قەرز ئېلىش ياكى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشتە بولسۇن ھەممىسى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
2. ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىدا «ئۆزىنىڭ ھوقۇق بەرمىگەنلىك» خاتىرىسى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز. بۇ دېگەنلىك ئۆز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى ۋە باشقىلارنىڭ سىزنىڭ نامىڭىزدا «قەرز پۇل» ئالغان-ئالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىناۋەت دوكلاتىدا نېمىلەر خاتىرىلىنىدۇ؟
1. شەخسىي ئاساسىي ئۇچۇر، ئىسىم-فامىلە، كىملىك نومۇرى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار.
2. كىرېدىت خاتىرىسى-كىرېدىت كارتىسى، قەرز ئېلىش-قايتۇرۇش خاتىرىسى ۋە باشقا كىرېدىت خاتىرىسى قاتارلىقلار.
3. جامائەت خاتىرىسى-ئاساسلىقى باج تاپشۇرۇش خاتىرىسى، ھەق تەلەپ ھۆكۈم خاتىرىسى، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش خاتىرىسى، جازا خاتىرىسى ھەم تېلېگراف ھەققى خاتىرىسى قاتارلىقلار.
4. ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى-بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى قاچان، كىم نېمە سەۋەبتىن سىزنىڭ شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىڭىزنى تەكشۈرگەنلىكى خاتىرىلىنىدۇ.
ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرگەن چاغدا، كىرېدىت خاتىرىسى ۋە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە بەكرەك دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر نورمالسىزلىق بولمىسا خاتىرجەم بولساق بولىدۇ. لېكىن بىنورمال ئەھۋاللارغا قاتتىق ھوشيار بولۇش كېرەك. خاتا يەرلەرنى تېزدىن ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلىش كېرەك. بولمىسا كېيىنكى ئىقتىسادى تۇرمۇشىمىزغا بەزى ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.