جۇڭگو شىركىتى ياپونىيە ھەشەمەتلىك سىپورت توكلۇق ئاپتوموبىلى كارخانىسىنى سېتىۋالدى
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا يېتەكچىلىك رولىنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىدا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولغان، يەنە بىر چەتئەل نىشانىنى قۇشۇۋالغان.
ياپونىيەنىڭ يېڭى قۇرۇلغان توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىسى GLMنىڭ سىپورت ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش تېخىمۇ كۆپ مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولغاندا دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ يىغالمىغان.
لېكىن مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەش سەپىرى بۇ ھەپتە ئاخىرلاشقان، باش ئىشتابى شياڭگاڭغا جايلاشقان ئاۋلىشى پاي كونترولى ئىسىملىك مەبلەغ شىركىتى 12 مىليارد 800 مىليون يىن (113 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا بۇ شىركەتنى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان. ئاۋلىشى پاي كونترولى بۇ قېتىمقى سودىنىڭ مەبلىغىنى پايچىكلارغا پاي تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يىغىدىكەن، جۇڭگونىڭ تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى TCL ئۇنىڭ پايچىكلىرىدىن بىرى. GLMنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خىروياسۇنىڭ سودا جاكارلانغاندىن كېيىن زىيارەتتە ئېيتىشىچە، GLM يېڭى ئانا شىركەتنىڭ قوللىشىدا پۈتۈن دۇنيادىن تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشىدىكەن.
خىروياسۇ: «توكلۇق ئاپتوموبىل تېز يېتىشمەكتە، جۇڭگو-سەركە. لېكىن ياپونىيەنىڭ تېخنىكىسى كەلگۈسى بەش يىلدا ئۈستۈنلۈكنى ساقلايدۇ، بازاردىن بىر ئۈلۈش پايدىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىغا تولۇقلىما بېرىش بىلەن بىللە جۇڭگو كارخانىلىرى GLMدەك چەتئەل باتارېيە ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن سېتىۋېلىپ تېخنىكىسىنى كۈچەيتمەكتە.
خىروياسۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، GLM شىركىتى 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ G4 دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك سىپورت ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان، جەمئىي 1000 دانە سېتىشنى نىشان قىلغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى 40 مىليون يىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئېيتىشىچە، شىركەت يەنە كىچىك تىپتىكى توكلۇق مىنىبۇس ۋە يەتتە ئورۇنلۇق ئائىلە ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىپ، G4نىڭ ماتور سىستېمىسى ۋە باشقا مۇھىم توكلۇق قىسىملىرىنى تەڭشەشنى پىلانلىغان.