كارخانىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى توغرىسىدا
ئوتتۇرا -كىچىك كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى جۇڭگودا ئىنتايىن گەۋدىلىك بۇلۋاتقان مەسىلە .مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك ھۈكۈمەت تارماقلىرى ‹بۇ مەسىلىنى چۇقۇم ھەل قىلىمىز ›دەپ داۋرڭ سالغانسىرى كارخانىچىلارنىڭ ئەمەلى قىيىنچىلىقى بارغانسىرى ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ .سەۋەپ نەدە ؟ھۆكۈمەتنىڭ ياخسى كۆڭلى ئۇياقتا تۇرسۇن ،مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا كارخانىچىلارنىڭ ئۈزىدە .كارخانىدا مەبلەغ يىتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كاررخانىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىكى ئەمەلى ئىمكانىيىتى بىلەن تىجارەت پائالىيىتىدىكى چىقىم پىلانىنىڭ ماسلاشماسلىقىدا بۇلۇپ ،كارخانىچى چۇقۇم <يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشنى بىلىدىغان ئادەم بۇلۇشى كىرەك >.
ئىككىنچى مەسىلە :كارخانا مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كىرەك ؟بۇنىڭدا يەنىلا كارخانىنىڭ ئۈزىگە تايىنىش كىرەك .چۇنكى مەسىلە كارخانا ئىچكى قىسمىدا يۈز بىرىدىغان بولغاچقا كارخانا مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە ئۇيەر -بۇ يەردىن پۇل ئىزدەشنى قۇيۇپ تۇرۇپ مەبلەغنىڭ نىمىشقا يىتىشمىگەنلىكىنىڭ نىگىزلىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش،مەبلەغ ئىشلىتىشتە تەدبىر بەلگىلەش ،مەبلەغ ئوبوروتىنى نازارەت قىلىشقا دائىر قائىدە -تۈزۈم تەرتىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىش كىرەك . كارخانا مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا تۈۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك تەدبىرماس كەلگەن دائىرىدەسىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ :
1.بانكىدىن ئىناۋەت قەرزى ئېلىش ،
2.شەكىلسىز مۈلۈكنى رەنىگە ئېلىپ قەرز ئېلىش ،
3.كارخانىلار ئارا بىر-بىرىگە كىپىل بۇلۇپ قەرز ئېلىش ،
4. ھۆكۈمەتتن قەرزگە كىپىل بۇلۇش ياردىمى سوراش،
5.پاي كۈپەيتىش ئارقىلىق مەبلەغ جەلىپ قىلىش ،
6.مەخسۇس تۈر بويىچە مەبلەغ جەلىپ قىلىش ،
7.ئىستىراتىگىيلىك مەبلەغ سالغۇچى كىرگۈزۈش،