A-A+

جۇڭگۇ ياغاچ ئويما بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 11)

2015-يىل 5-ئىيۇن ئىچكىرىدىكى بازارلار باھا يوقكەن زىيارەت: 889 قېتىم

جۇڭگۇ ياغاچ ئويما بازىرى __________  دوڭياڭ

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى 

5436547

دوڭياڭ ياغاچ ئويما بازىرى _______  جېجىياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىگە قاراشلىق دوڭياڭ شەھىرىگە جايلاشقان ، جۇڭگۇدىكى ئەڭ ياغاچ ئويما بازىرى.

210 مو يەرگە جايلاشقان ، 410 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بۇ بازاردا ھەر تۈرلۈك ياغاچ ئويمىلار ، قىزىل ياغاچ ئۆي جازىلىرى ، بامبۇكتىن ئويۇلغان ئويمىلار ....... قاتارلىق ياغاچ ئويما مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان بولۇپ ، بازارنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 10 مىلياردتىن ئاشىدۇ.

بۇ بازار 2011-يىلى جۇڭگۇدىكى 4 يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى ۋە جۇڭگۇدىكى يۈز كۈچلۈك چوڭ بازارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان .

مەزكۇر بازاردا ياغاچ ئويما مەھسۇلاتلىرى سېتىلىپلا قالماي ، ياغاچتىن ئويما ئويۇدىغان تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر ۋەياغاچچىلىققا ئائىت زۆرۈررىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ .

ياغاچچىلىق بىزدىكى تەۋەرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى . قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋىي ياغاچچىلىقىمىزنى زامانىۋىي بازار ئىگىلىكى مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرالايمىز . بۇ سۇئالغا بەلكىم مۇشۇ بازاردىن جاۋاب تاپالايسىز.

东阳中国木雕城

 http://www.dycwc.com/

دىيارىمىزدىن دوڭياڭغا كېلىش ئۈچۈن پويىزدا ئاۋۋال جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى ياكى شاڭخەي شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن پويىز ئاملىشىپ يىۋۇغا كەلسىڭىز دوڭياڭغا كەلگەن بولىسىز.

( يىۋۇ شەھىرى بىلەن دوڭياڭ شەھىرى خوشنا شەھەرلەر  بولۇپ ، يىۋۇدىن دوڭياڭغا كوچا ئاپتۇبۇسى قاتنايدۇ  ، ئارلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدۇ )

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ