A-A+

بانكا قانداق بارلىققا كەلگەن؟

2017-يىل 14-فېۋرال كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 247 قېتىم
مەلۇم دۆلەتتىكى بىر سودىگەر چەت ئەلدىن مال كىرگۈزمەكچى بولۇپ ناھايىتى كۆپ پۇل ئېلىۋاپتۇ. چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۇ ھەممە جايدا مال زاكاز قىلىشقا باشلاپتۇ. بىراق بارلىق مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر پەقەت ئۆز يېرىنىڭ پۇلى بولسا ئاندىن مال سېتىپ بېرىدىكەن، بولمىسا مال سېتىپ بەرمەيدىكەن. سودىگەر ئامالسىز شۇ يەرلىك ئاھالىلەر ئارقىلىق پۇل ئالماشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ سودىگەر ئاخىرى ئالغان ماللىرىنى توشۇپ دۆلىتىگە قايتىپ كەپتۇ. شۇندىن كېيىن سودىگەر يەنە كۆپ قېتىم بۇ دۆلەتكە بېرىپ مال سېتىۋاپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا پۇل ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ھېلىقى كىشى بىلەن تونۇشلاردىن بولۇپ قاپتۇ. سودىگەر ھەر قېتىم بۇ دۆلەتكە كەلگەندە شۇ كىشىنى ئىزدەپ پۇل ئالماشتۇرىدىغان بوپتۇ.
timg

ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، باشقا دۆلەتتىكى سودىگەرلەرمۇ بۇ كىشىنى ئىزدەپ كېلىپ پۇل ئالماشتۇرىدىغان بوپتۇ، ئاستا-ئاستا بۇ كىشىنىڭ قولىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇلى بار بوپتۇ، كۆلىمىنىڭ توختاۋسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ كىشى داڭلىق پۇل ئالماشتۇرۇش سودىگىرى بولۇپ قاپتۇ.

بىر قېتىم ھېلىقى سودىگەر يەنە بۇ دۆلەتكە كېلىپ مال سېتىۋاپتۇ. ئۇ ناھايىتى بالدۇر كەلگەچكە، مال بىلەن تەمىنلەيدىغان يەرلىك سودىگەرلەر تېخى تىجارەت باشلىمىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدى بىلەن بېرىپ ناشتا قىلىۋالماقچى بوپتۇ، بىراق ئۇنچە كۆپ پۇلنى ئېلىپ قاتراپ يۈرۈش ناھايىتى ئەپسىز بولغاچقا، ئۇ ھېلىقى كىشىنى ئىزدەپ، پۇلىنى ۋاكالىتەن ساقلاتماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى پۇلغا قاراپ بېرىش ھەققى ئېلىپ، سودىگەرگە ئۇنىڭ پۇلىنى راستلا مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، ۋاقتى كېلىپ ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا كۆرسىتىدىغان بىر ئىسپات چىقىرىپ بېرىپتۇ.

بۇ ئىشتىن كېيىن ناھايىتى تېزلا باشقا سودىگەرلەرمۇ بۇ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ پۇللىرىنى ۋاكالىتەن ساقلاشقا بېرىپتۇ، ئاستا-ئاستا بۇ كىشىنىڭ كەسپىمۇ نام چىقىرىشقا باشلاپتۇ.

بارا-بارا سودىگەر تىجارەت قىلماقچى بولسىمۇ، ئالدى بىلەن پۇلىنى ھېلىقى كىشىگە ئامانەت قويىدىغان، ئاندىن كېيىن ئىسپاتنى ئېلىپ بېرىپ مال سېتىۋالدىغان، مال ساتقۇچىمۇ ئۇ ئىسپاتنى ئېلىپ قىلچە جىددىيلەشمەستىن پۇلىنى ئېلىۋالىدىغان بوپتۇ.

ھېلىقى كىشى ساقلاپ بېرىدىغان پۇل بارغانسېرى كۆپەيگەندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتمەستىن، ھەمىشە بىر قىسىم پۇلىنى بۇ يەرگە قويۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزىلەر ۋاقتىنچە پۇل ئوبوروتىغا موھتاج بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىپتۇ. ئۇ كىشى پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بەلگىلىك ئۆسۈم بىلەن قەرزگە بېرىپتۇ. كېيىن ئۇ كىشى قەرز بېرىشتە پۇل ساقلاشقا قارىغاندا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكتىن تېخىمۇ كۆپ ئامانەت پۇل قوبۇل قىلىشنى، ئاندىن ئۇلارنى قەرز بېرىپ پۇل تېپىشنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇل ئامانەت قويغۇچىغا بەلگىلىك ئۆسۈم تاپشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جەلپ قىپتۇ.

مۇشۇنداق قىلىپ سودىگەر يەنە كېلىپ پۇل ئامانەت قويغاندا بەلگىلىك ئۆسۈم ئالالايدىغان بوپتۇ. سودىگەر مەبلەغ ئوبوروتىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ھېلىقى كىشى ئۇنى يەنە قەرز بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى بولغان قەرز ئۆسۈمىگە ئېرىشىپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ-كېتىدىغان كىشىلەر كۈنسېرى كۆپىيىپتۇ، بەزىلىرى پۇل ئالماشتۇرىدىكەن، بەزىلىرى پۇل ئامانەت قويىدىكەن، بەزىلىرى بولسا بۇ يەردىن قەرز ئالىدىكەن. مۇناسىۋەتنى ئېنىق قىلىش ئۈچۈن ھېلىقى كىشى ھەر بىر كىشىگە بىر ھېسابات دەپتىرى تەييارلاپتۇ، ئۇلار بىلەن ھېسابات قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر كىشىنىڭ قالدۇق سوممىسى ياكى قەرزىنى خاتىرىلەپ مېڭىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى تۇنجى بانكا بارلىققا كەپتۇ.

«بانكا» دېگەن سۆز لاتىنچىدىكى Banco دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «پەلتەڭ» (ئۇزۇن ئورۇندۇق) دېگەنلىك بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا بېرىش-كېلىشى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئىتالىيەدىكى ۋېنىتسىيە، گېنوۋا قاتارلىق پورت شەھەرلىرى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت ۋە جۇغراپىيەسىگە تايىنىپ ياۋروپادىكى ئەڭ گۈللەنگەن سودا مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ شەھەرلەرگە ھەر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر يىغىلىدۇ، بىراق بۇ سودىگەرلەر ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەچكە، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى پۇللارمۇ ھەر خىل بولغاچقا سودا ئالاقىسىدا ناھايىتى چوڭ توسالغۇ مەۋجۇت ئىدى.

بۇ پۇللارنىڭ قىممىتى، رەڭگى، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنى ئالماشتۇرۇشمۇ بەك ئاۋارىچىلىك ئىدى. بۇ ئىش سودىگەرلەرنىڭ بېشىنى بەكمۇ قاتۇردى. مۇشۇنداق باش قېتىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، مەخسۇس باشقىلار ئۈچۈن پۇللارنى ئايرىپ بېرىدىغان، باھالاپ بېرىدىغان، ساقلاپ بېرىدىغان، مۇۋاپىق نىسبەتتە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان بەزى كىشىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

شۇ ۋاقىتتىكى ئادەت بويىچە، بۇ كىشىلەر پورتتا ياكى بازاردا يىغىلىپ پەلتەڭدە ئولتۇرۇپ، پۇل ئالماشتۇرۇشقا موھتاج كىشىلەرنى ساقلايتتى. ئاستا-ئاستا، بۇلارنى كىشىلەر بىردەك «پەلتەڭدە ئولتۇرغۇچىلار» دەپ ئاتايدىغان بولدى، مانا بۇلار ئەڭ بۇرۇنقى بانكىرلاردۇر. پۇل ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بۇ كىشىلەر تەدرىجىي زورىيىشقا، كۆلەملىشىشكە باشلىدى.

1580-يىلى ئىتالىيەنىڭ سۇ ئۈستى شەھىرى ۋېنىتسىيەدە دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ھەقىقىي مەنىدىكى بانكا مەيدانغا كەلدى؛ 1694-يىلى ئەنگلىيە قۇرغان ئېنگىلاند بانكىسى ئەڭ بۇرۇنقى ھەسسىدارلىق بانكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى زامانىۋى بانكىچىلىقنىڭ رەسمىي مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى

تېخىمۇ چوڭقۇر ئېنىقلىماقچى بولساق، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى بانكىنىڭ تارىخىنى، ھەتتا مىلادىيدىن بۇرۇنقى 2000-يىللارغىچە سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى غەربىي ياۋروپا قەدىمكى جەمئىيىتىدىكى بەزى بۇتخانىلار پۇل ساقلاپ بېرىش، قەرز بېرىش، ئۆسۈم ئېلىش ۋە ئۆسۈم بېرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 400-يىللىرىدىكى ئافىنا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 200- يىللىرىدىكى رىم ئىمپېرىيەسىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، پۇل سودىسى ۋە بانكىغا ئوخشايدىغان سودا ئورۇنلىرى پەيدا بولغان.

دۆلىتىمىزنىڭ بانكا كەسپى بولسا 1000 يىللار ئىلگىرى تاڭ سۇلالىسىدە پەيدا بولغان. مەسىلەن: مېھمانساراي، رەنىخانا قاتارلىقلار زامانىۋى بانكىلارنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىدۇر؛ سۇڭ سۇلالىسىدىكى پۇل سارىيى، پۇل دۇكىنى مىڭ سۇلالىسىدىكى سەرراپخانا، پۇلخانا، چىڭ سۇلالىسىدىكى بېلەت نومۇرى، بېلەت ئالماشتۇرۇش قورۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدىكى بانكىچىلىقنىڭ ئىپتىدائىي شەكىللىرىدۇر.

1845- يىلى ئەنگلىيەلىكلەر شاڭخەيدە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى زامانىۋى بانكا بولغان شەرق بانكىسىنى قۇردى. 1897- يىلى قۇرۇلغان سودا بانكىسى بولسا دۆلىتىمىز ئۆزى قۇرغان تۇنجى زامانىۋى بانكا. زامانىۋى بانكىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بانكا فۇنكسىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ: مەركىزىي بانكا، سودا بانكىسى، مەبلەغ سېلىش بانكىسى، ئامانەت بانكىسى ۋە ھەر خىل ئىناۋەت ئاپپاراتلىرى. ئۇلار ئورتاق ھالدا بىر زور بانكا ئائىلىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

ليۇ شياۋلىڭ ئاپتورلۇقىدىكى، روزى مەتقاسىم تەرجىمىسىدىكى «ئىقتىساد ئىلمى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنبە : نۇر تورى 
خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ