قىياتاش رەسىملىرى
قىياتاش رەسىملىرى قىياتاش سىزمىلىرى، قىياتاش ئويمىلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تاش قۇرال، مېتال ياكى بوياق ئىشلىتىلىپ، قىياتاش يۈزىگە ئويۇلغان ياكى سىزىلغان رەسمنى كۆرستىدۇ. ئۇ ئوبرازىنى مۇبالىغىلەشتۇرۇش، ئاددىي، يىرىك، ئىخچام، بېزەكسىز ئۇسۇلدا ئوبراز يارىتىش ئۇسلۇبىغا ئىگە. نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادىكى 120 نەچچە دۆلەتتە قىياتاش رەسىملىرى بايقالدى. تەخمىنەن 15 مىڭ يىل ئىلگىرىكى كونا تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىسپانىيەنىڭ ئاراتامىرا ۋە فىرانسىيەنىڭ لاسكاۋكىس ئىپدائىي ئۆڭكۈر رەسىملىرى ئەڭ مەشھۇر.
قىياتاش رەسىملىرىنى ياۋروپانىڭ كونا تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى مەدەنىيەتتىن كۆپرەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ رەسىملەردە ئاساسلىقى ئوۋچىلىق كۆرۈنۈشلىرى ۋە ياۋايى ھايۋان، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئوبرازى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇلار ئادەتتە رەسىملەرنى بىر خىل ئوۋچىلىق سېھرى دەپ قاراپ، رەسىم ۋە نەقشىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوۋ نىشانلىرىنى تىزگىنلەش ياكى بېقىلىۋاتقان ھايۋانلارنى كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.
جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئىچىكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايوننىڭ يىنشەن رايونى، نىڭشيە خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى، جىياڭس ئۆلكىسىنىڭ كىيەنيۈنگاڭ، شۇنىڭداك يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭيۈەن ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق 18 ئۆلكە رايوندا قىياتاش رەسىملىرى بايقالىدى، بۇ قىياتاش رەسىملىرىننىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇسسۇل، ئۇرۇش، نەزىر-چىراغ، ھايۋانات، ئىلاھە، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ئالمىشىشى، ئابستراكىت بەلگە قاتارلىقلار ئەينى چاغدىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى كۆپ تەرەپتىن ئەكىس ئەتتۈرگەن.
غەربىي يۇرت قىياتاش رەسىملىرى بايقال كۆلىدىن ئامۇ دەريا جىلىلىرىغىچە، چوغاي تاغلىرىدىن كوئېنلون ۋە پامىر تاغلىرىغىچە ئورتاق چەمبەر ھاسىل قىلغان.
غەربىي يۇرت تاشېكىمىر سەنئىتىنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، غەربىي يۇرت ئىپدائىي ئىنسان گۇرۇھى ئۆز پاائلىيەتلىرىنىڭ تارىخىنى تاكى يېزىق ئىختىرا قىلىنغىچە بولغان تولىمۇ ئۇزاق نادانلىق، ياۋايىلىق، ئېپتىدائىي ئېتىقادى ۋە سەنئەت ۋاسىتىلىرى بىلەن كونا-يېڭى تاش قورال دەۋرى، برۇنزا قوراللىرى دەۋرىدىكى يادىكارلىقلىرىغا سىزىپ قالدۇرغان. يېزىق تارىخىدىن تولىمۇ ئۇزۇن بولغان بۇ تارىخ، ئۆزىنىڭ ئىپادىلىگەن مەزمۇنى، ئىپادىلەش ۋاستىلىرى، ئىپادىلىگەن دائىرىسى جەھەتتىن يىراق ئۆتمۈشنىڭ ھەر قايىسى باسقۇچلىرىغا مۇناسىپ خىلمۇخىل بولغان. ھازىرقى كىشلىرىمىز ئۈچۈن تېخى سىرلىق ياكى يېرىم سىرلىق كۆرۈنگەن بۇ ئىزنالار ھەققىي مەنىسى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ، جۈملىدىن بەدىئىي تەپەككۇر تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئىنفورماتىسىيىسى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە : نۇر تورى