كارخانا ئوبرازى مۇھىمدۇر
ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى
3 - باب 8 - پارگىراف
بېيىش تەپەككۇرى
نامراتلار: سودا قىلىشتا سەمىمىيەتنى تەكىتلەش، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، بىراق بۇلار ماڭا ھېچقانداق بايلىق يارىتالمايدۇ، مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ۋېنجۇلۇقلار: سودا قىلىشتا سەمىمىيەت ۋە سۈپەتنى تەكىتلەش تەس ئەمەس، ھەممىدىن مۇھىمى قانداق قىلىپ
خېرىدارلارنىڭ ئالدىدا ياخشى ئوبراز يارىتىشتىن ئىبارەت. ئالتۇن مېدالمۇ خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە يەتمەيدۇ، خېرىدارلارنىڭ نەزىرىدە تىكلەنگەن ئوبرازلا ھەقىقىي ئوبراز ۋە ئەڭ ياخشى ئېلان-تەشۋىقات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تىجارەتتە سەمىمىيەت ۋە سۈپەت ئەڭ مۇھىمدۇر، بىراق بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ. تىجارەتتە ئوبراز مۇھىم، چوقۇم ئاۋامنىڭ ئېغىزىدا قالغۇدەك ئوبراز تىكلەش كېرەك، ئوبراز-تىجارەتتىكى ئەڭ ياخشى ئېلان-تەشۋىقاتتۇر.
لۈ ۋېيگۇاڭ-شاڭخەي ئەنشىن تەگلىك ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى. نۆۋەتتە، ئەنشىن ماركىسىدىكى ياغاچ تەگلىكنىڭ سېتىلىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ. لۈ ۋېيگۇاڭ بىرازىليەدىن 1000 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق سېتىۋېلىپ «ئورمان پادىشاھى» دەپ تەرىپلەنگەن، بىرازىليە زۇڭتۇڭى تەرىپىدىن ئىلگىرى-كېيىن بەش قېتىم كۆرۈشۈشكە قوبۇل قىلىنغان.
ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەرنى ئويلىغاندا، ئۇ كۆيگەنسېرى قىسقىراۋاتقان جۇڭخۇا تاماكىسىنى ئۇنتالمايدۇ.
1994-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، لۈ ۋېيگۇاڭ ۋېنجۇدا «ئەنشىن» ماركىسىدىكى ياغاچ تەگلىك ( پول )سېتىش دۇكىنىنى ئاچقان.
دۇكان ئېچىلغان تۇنجى كۈنى نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار كەلگەن بولسىمۇ، بىراق سېتىۋالىدىغان كىشىلەر كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا دۇكانغا كىرگەن بىر يىگىت دۇكاندا ئۇزۇن ئايلانغان. ئاندىن لۈ ۋېيگۇاڭدىن ئۇنىڭ تەگلىكىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى سورىغان.
لۈ ۋېيگۇاڭ ئىككىلەنمەستىنلا: «چىداملىق!» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يىگىت بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «مەن ھازىر ئۆي بېزەۋاتىمەن، مەن سىزنىڭ تەگلىكىڭىزنى كۆيدۈرۈپ چىداملىق ياكى ئەمەسلىكىنى سىناپ باقاي بولامدۇ؟» دېگەن.
لۈ ۋېيگۇاڭ بۇنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالغان، بۇ تەگلىك ھەقىقەتەن ئېسىل ئىدى، كىرگۈزۈش باھاسىمۇ قىممەت ئىدى، ئەمما مال كىرگۈزگەندە ئۆزىمۇ تەگلىكنى كۆيدۈرۈپ سىناپ باقمىغاچقا، يىگىتنىڭ تەلپىگە قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىققا ئىككىلىنىپ قالغان ئىدى.
لۈ ۋېيگۇاڭ ئازراق ئىككىلەنگەندىن كېيىن يەنىلا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر پارچە تەگلىكنى ئېلىپ يىگىتكە «كۆيدۈرۈڭ!» دېگەن.
يىگىت «جۇڭخۇا» تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ تەگلىكنىڭ ئۈستىگە ياققان.
بارغانسېرى قىسقىراۋاتقان «جۇڭخۇا» تاماكىسىغا قاراپ لۈ ۋېيگۇاڭمۇ قاتتىق جىددىيلەشكەن.
ئىككى مېنوتتىن كېيىن لۈ ۋېيگۇاڭ تەگلىكنىڭ ھېچنىمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشكەن.
بۇ ئىش تىلغا ئېلىنسا لۈ ۋېيگۇاڭنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئىللىق سېزىمغا تولىدۇ. يىگىت ھەددىدىن زىيادە قۇرغاق ياغاچنىڭ سۇنى سۈمۈرىدىغانلىقىنى، نەم ياغاچنىڭ سۇ تەركىبىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئەگەر تەگلىك مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىلمىسە سۇ ۋە ئوتقا ئۇچرىسا چىدىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
بۇ قېتىمقى سودىدا، لۈ ۋېيگۇاڭ 1000 يۈەنگە يېقىن پايدا ئالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ خېرىدار 18 كۋادرات مېتىر تەگلىك سېتىۋالغان بولۇپ ،يەككە باھاسى 270 يۈەن ، پايدا نىسبىتى %25 ئىدى. لۈ ۋېيگۇاڭ تۇنجى قېتىملىق سودىدىلا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلىگەن.
2005-يىلى، «ئەنشىن» ماركىسىدىكى تەگلىكنىڭ سېتىلىش مىقدارى دۇنيادا 5-، مەملىكىتىمىزدە 1-ئورۇنغا ئۆتكەن.
«دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» جون.جلاد سېتىقچىلىق جەريانىدا مەشھۇر «250 قائىدىسى» نى خۇلاسىلەپ چىققان. جون.جلادنىڭ قارىشىچە، ھەربىر خېرىدارنىڭ ئارقىسىدا 250 نەپەر ئادەم بار بولۇپ،بۇلار ئۇنىڭ خىزمەتدېشى، خوشنىسى، تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئىدى. ئەگەر سېتىقچى بىر خېرىدارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالمىسا، ئۇنداقتا خېرىدارنىڭ ئارقىدىكى 250 نەپەر ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلغۇسى كەلمەيىتتى. ئەكسىچە ئېيىتقاندا، ئەگەر سىز بىر خېرىدارنىڭ ئالدىدا ئوبرازىڭىزنى تىكلىيەلىسىڭىز، ئۇنداقتا يەنە 250 نەپەر ئادەم سىز بىلەن سودا قىلىشنى خالايدۇ.
پايدىدىن خېرىدار بىلەن تەڭ بەھرلىنىش -ياخشى ئوبراز تىكلەشنىڭ ئەڭ ئاسان، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.
1987-يىلى، 16 ياشلىق لۇ يۈەنيۈەن 100 نەچچە يۈئەن پۇل بىلەن ۋۇخەنگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كى
يىم-كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن بەش خىل مېتال بۇيۇملىرى تىجارىتىگە كىرىشكەن.
باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ بەش خىل مېتال تىجارىتىنى دەسلەپتە باشلىغاندا پۇل تېپىشنى ئەمەس، بەلكى بازار ئېچىشنى ئويلىغان.
ئەينى ۋاقىتتا ئۇ جېجياڭنىڭ مال مەنبەسى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانغان .يەنى ۋېنجۇنىڭ لۇڭۋەن رايونىدىكى بەش خىل مېتال سودىگەرلىرىدىن مال ئېلىپ توپ تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھەمىشە ماللارنى كىرىش باھاسىدىن تۆۋەن باھادا ساتقان. مەسىلەن: كىرىش باھاسى 7 مو بولغان لامپۇچكىنى ھەمىشە 6 مو سەككىز فۇڭدىن ساتقان. شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان خېرىدارلار ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە سېتىۋالىدىغان بولغان.
نەتىجىدە بىر يىلغا قالماي ئۇ 30-20 مىڭ يۈەن زىيان تارتقان، بىراق نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنى چۆپقەت قىلىۋالغان. خېرىدارلار ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى ئىزدەيدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لۇيۈن مال كىرگۈزگەندە ئاۋال سېتىپ چىقىرىپ ئاندىن پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، ئۇنىڭ مەبلىغىنىڭ ئايلىنىشىمۇ ناھايىتى تېز بولغان.
كېيىن لۇيۈەن ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى تىكلىگەن ئوبرازىغا تايىنىپ خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە
ئېرىشكەچكە، خېرىدارلارمۇ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئاسانلا قوبۇل قىلغان.
ئەلۋەتتە، خېرىدارلارنى سوۋغاتلىق تاۋار بىلەن تەمىنلىگەندە، خېرىدار ئۆزىنى پايدا ئالغاندەك ھېس قىلىپ تېخىمۇ خۇش بولىدۇ.
2006-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى «ۋېنجۇ گېزىتى» گە مۇنداق بىر ماقالە بېسىلغان:
خېرىدارلارغا سوۋغاتلىق تاۋار بېرىش
بىر قېتىم، مېنىڭ جېردا (ۋېنجۇ جېردا ئاياغچىلىق چەكلىك شىركىتى) مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىكى باھاسى 350 يۈەنلىك ئاياغقا كۆزۈم چۈشتى. مەن پىركازچېكقا قىممىتى 400 يۈەنلىك ئىستېمال كارتىسىدىن بىرنى بېرىپ يەنە 15 يۈەن تولۇقلىدىم، ھەمدە ئاياغقا قوشۇپ
65 يۈەنلىك بەلباغ ( پىدەي) دىن بىرنى سېتىۋالدىم.
مەن ئىشىكتىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن ئارقامدىن «توختاڭ» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ۋە كۆڭلۈمدە ‹ پىركازچېك پۇلنى خاتا سانىۋالغان ئوخشايدۇ › دەپ ئويلاپ بىرئاز جىددىيلەشتىم.
بۇ ۋاقىتتا، پېركازچېك يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىپ ھاسىرىغىنىچە:«شىركەت مال سېتىۋېلىش سوممىسى 400 يۈەنگە يەتكەن خېرىدارلارغا بىر جۈپ پېتەك سوۋغا قىلىشنى بەلگىلىگەن، بايا بىز ئۇنتۇپ قاپتۇق، كەچۈرۈڭ!» دېگىنىچە بىر جۈپ پېتەكنى ماڭا سۇندى.
ئۇنىڭ مەندىن يىراقلاپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىرىدىن خىجىل بولۇپ قالدىم، ھەمدە جېردا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۆرمىتىم قوزغالدى.
***
كىچىككىنە سوۋغاتلىق تاۋارمۇ ئادەمنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ، مانا بۇ ھېسىياتنىڭ قۇدرىتى! ئەمما داۋاملىق بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا سوۋغاتلىق تاۋارنىڭ ئەسلىدىكى جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ قويىمىز، شۇڭا چوقۇم ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، ھەرقاچان خېرىدارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى ھېسىياتقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ قىممىتى ناھايىتى چوڭدۇر.
ئوبراز تىكلەشتە چوقۇم خېرىدارنىڭ نېمىگە ئھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش، خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرۇش كېرەك.
شاڭخەيدە بەش خىل مېتال دۇكىنى ئاچقان ۋېنجۇلۇق بىر خوجايىن مۇنداق دېگەن:
«شاڭخەيلىكلەر تۇنجى قېتىم نەرسە سېتىۋالغاندا، بىر نەچچە دۇكاننى ئارلاپ دۇكاندىكى ماللارنىڭ باھاسىنى ئېسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئاندىن قايسى دۇكاندا مال ئەرزان بولسا شۇنىڭدىن سېتىۋالىدۇ. شۇڭا مەن شاڭخەيلىكلەرنىڭ دۇكىنىمغا تۇنجى قېتىم كېلىپ مال سېتىۋالغانلىقىنى كۆرسەم، ھەمىشە باھانى تۆۋەن دەيمەن. شۇنىڭ بىلەن كېيىن خېرىدارلار ئاكتىپلىق بىلەن مەندىن سېتىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مەن باشقا ماللارنىڭ باھاسىنى ئازراق يۇقىرىلىتىپ قويىمەن.»
ھېلتون مېھمانخانا گۇرۇھى (باش شىتابى ئەنگىليەگە تەسىس قىلىنغان) نىڭ قۇرغۇچىسى ھېلتون ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە خېرىدارنىڭ قەلبىدە بىر جۈپ ئاياغ سېتىۋېلىش بىلەن قىممىتى نەچچە مىليونلۇق نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىجارەت رايون ۋە مىللەت ئايرىمايدۇ. سېتىۋالغۇچى ئامالنىڭ بارىچە ئەزرانراق سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، ساتقۇچى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ
رەك پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ. تىجارەتتىكى ئەپ بولسا ھەم پۇل تېپىش، ھەم خېرىدارنى رازى قىلىشتىن ئىبارەت.»
ھەقىقەتەن شۇنداق، بىرلا ۋاقىتا ھەم پۇل تېپىش ھەم خېرىدارنى رازى قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن چۇقۇم
‹خېرىدارنىڭ دىگىنى مەڭگۈ توغرا › دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ خېرىدار بىلەن سوقۇشماسلىق كېرەك؛ خېرىدارنى ياخشى مال بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ خېرىدار مال قايتۇرغىلى كەلگەندە، پوزىتسىيەنى مال ساتقان ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك مۇلايىم قىلىش كېرەك؛مەيلى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر، خېرىدارغا ئاچچىقلىنىشقا بولمايدۇ ...دىگەندەك بىر قاتار مۇھىم پىرىنسىپلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىش كېرەك. ئەگەر سىز تۇنجى قېتىملىق خېرىدارنى رازى قىلالىسىڭىز، ئۇنداقتا كېيىنكى سودىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭرى يول ئاچالايسىز.
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:
ئاۋكاڭ گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئەڭ پۇلغا يارايدۇ، شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ «توخۇدىنمۇ، تۇخۇمدىنمۇ قۇرۇق قالىدىغان» ئىشنى قىلمايمىز.
-ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى ۋاڭ جېنداۋ
مەنبە: 时事出版社 نەشىر قىلغان
<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب
2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى