A-A+

پۇرسەتپەرەسلەرگە ئەمەس، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 178 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

8-دەرس 6-پارىگىراپ

پۇرسەتپەرەسلەرگە ئەمەس، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەھمىيەت

بېرىش كېرەك

ئومۇمەن ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى كىشىلەرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇشى ناتايىن، ئۇلار چوقۇم ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، مەسىلەن: تېخنىكا يېڭىلاشقا پۇل بولماسلىق، ئايلانما مەبلەغ كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار. بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ئىرادىلىك كارخانىچىلارمۇ «ئادەمسىرەيدۇ»، ھەتتا «بەرسىلا ئالىدىغان» ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، پەقەت مەبلەغ سالغۇچى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلارغا پۇل بەرسىلا رەت قىلمايدۇ. 1999-يىلى ئالى بابا قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئۆزلىرى يىغىش قىلغان 500 مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلەپ بولاي دەپ قالغان چاغدا، دەل مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەرگە يولۇققان.

ئەينى ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسى مەبلەغ جۇغلاش ناھايىتى ئاسان ساھەگە ئايلىنىپ قالغان، نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئاتالمىش پۇرسەتپەرەسلەر بۇ ساھەدە «ئالتۇن كولاشنى باشلىغان.» شۇڭا مايۈننىڭ ئائىلىسىنى ئىشخانا قىلىۋالغان خىزمەتچىلەر دائىم پۇرسەتپەرەسلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن كەلگەن تېلېفونلارنى تاپشۇرۋالاتتى.

بۇ ۋاقىتتا كەلگەن ھەر بىر تېلېفون غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىنتىزار بۇ ياشلار ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بېرىلگەن سېگنال ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، مايۈن گۈزەل غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بۇ پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلمىگەن.

تۇنجى قېتىم مايۈن بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغىنى جېجياڭلىق بىر خوجايىن ئىدى. خوجايىن ئۇدۇللا مۇنداق دېگەن: «مايۈن، مەن سىزگە 1 مىليون يۈەن بېرىمەن، سىز ماڭا ھەر يىلى %10 لىك پايدا ئايرىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ، يەنى كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سىز ماڭا 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن بېرىشىڭىز كېرەك، سىزچە قانداقراق؟» مايۈن دەرھاللا: «سىزنىڭ ئۈسۈمىڭىز بانكىدىنمۇ يۇقۇرى ئىكەن» دېگەن.

بۇ خوجايىننى رەت قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەستىنلا يەنە بىر مەبلەغ سالغۇچى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان. مەبلەغ سالغۇچى ئالى بابانىڭ قانچىلىك پېيىنى ئىگىلەشكە دائىر باھا قويغان. ئۇلار مايۈن قوشۇلسىلا ئالى بابانىڭ پېيىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئەمما مايۈن قارىشى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان پاي نىسبىتىگە رازى بولمىغان، ئۇ ئالى بابانىڭ قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى، ئۇلار چىقارغان پۇلنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتقان.

مايۈن بىر ئاز ئارام ئېلىشنى ئېيتىپ، سىرتقا چىقىپ ھەمراھى جاڭ شۈدىن سورىغان: «سىزنىڭچە قانداقراق؟» جاڭ شۈ ئەينى ۋاقىتتا مالىيەنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ شىركەتتە پۇل قالمىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دېگەن: «مايۈن، شىركەتنىڭ ھېساباتىدا پۇل قالمىدى.»

مايۈن ئۈن-تىنسىز ھالدا بىر ئاز تۇرۇپ قالغان، گەرچە ئۇ بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قۇيۇشقا قىيالمىسىمۇ، بىراق مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنى كۆرگەندىن كېيىنلا قەتئىيلىك بىلەن ئۇلارغا شۇنداق دېگەن: «بىز يەنىلا ئالى بابانىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى دەپ قارايمىز، سىلەرنىڭ ئېيىتقانلىرىڭلار بىلەن بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ ئىكەن، شۇڭا ھەمكارلىشىشقا ئامالسىزمىز!»

بۇ چاغدا بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىمۇ تارقىتالمايدىغان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ نېمىشقا يەنە بۇنچە «چوڭچىلىق» قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. مايۈن بۇنىڭغا بۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: «ئۇلار ئالى بابا ئۈچۈن پۇلدىن باشقىنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.»

ئەمەلىيەتتە، بۇ مايۈن رەت قىلىۋەتكەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچىدىكى ناھايىتى ئاز قىسىمى، خالاس. ئۇنىڭدىن كېيىن، مايۈن يەنە نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى 38 قېتىم رەت قىلىۋەتكەن.

1999-يىلى 7-ئايدا، پۇل مەسىلىسى ئالى بابا چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالغان، مايۈن ھەتتا قەرز ئېلىپ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىدىغان كۈنگە چۈشۈپ قالغان. دەل شۇنداق قىيىنچىلىق ۋاقىتتا، ئالى بابا ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى «سودا ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى بەزى كىشىلەر ئالى بابا تور بېكىتىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، AK-47 تىپلىق ئاپتومات سېتىۋالغىلى بولىدۇ دېگەن. بۇ خەۋەر مايۈننى چۆچۈتىۋەتكەن، ئەمما ئۇلار ئالى بابا تور بېكىتىدىن بۇنداق خەۋەرنى تاپالمىغان.

«ھەر ئىشنىڭ ياخشى-يامان تەرىپى بولىدۇ.» گەرچە بۇ خەۋەر ئالى باباغا بىر قىسىم پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ ئايىغىنى ئالى باباغا يەتكۈزگەن، بۇ قەدەملەر بىلەن بىرلىكتە چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قەدىمىمۇ ئالى باباغا يەتكەن.

1999-يىلى 10-ئايدا، گولدمان شىركىتىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان فوند شىركەتلىرى ئالى باباغا 5 مىليون دوللار تەۋەككۈل مەبلىغى سالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، رۈەنيىن شىركىتىمۇ ئالى بابا ئۈچۈن 20 مىليون دوللار مەبلەغ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئەمەلىيەتتە رۈەنيىن شىركىتى ئالى بابا ئۈچۈن مەبلەغ ئۇيۇشتۇرغاندا، مايۈننىڭ قوبۇل قىلىش مەخسىتى يوق ئىدى. مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۇنىڭ بىلەن سۈن جېڭيى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچتىن كېلىپ چىققان. سۈن جېڭيىنىڭ كۆزلىگىنى مايۈننىڭ پۇلى ياكى مايۈننىڭ شىركىتىنىڭ قانچىلىك چوڭ، كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئەمەس، بەلكى دەل مايۈندىن ئىبارەت بۇ ئادەمنىڭ ئۆزى ئىدى، ئۇ مايۈندە رەھبەرگە خاس ئىستىدات بار دەپ قارىغان. مايۈنمۇ مۇنداق دېگەن: «مەن كۆرگەن ئەقىللىق كىشىلەر ناھايىتى كۆپ، سۈن جېڭيى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۆزگىچە ئورۇندا تۇرىدىغىنى. ئۇنىڭ نەزىرى ئۆتكۈز، ناھايىتى غەلىتە ئېنگلىزتىلىدا سۆزلەيدۇ، ئەمما بىر ئېغىز ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ، ئادەمگە جىنكاڭنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى جياۋ فېڭدەك تەسىر بېرىدۇ، ناھايىتى ئەقىللىق.» شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان.

ئەمەلىيەت سۈن جېڭيىنىڭ ئادەمنى خاتا تاللىمىغانلىقىنى، مايۈننىڭمۇ ئادەمنى خاتا تاللىمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. كېيىن ئالى بابانىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

مايۈننىڭ ئەمەلىي كەچۈرمىشلىرى ئىسپاتلايدۇكى، ئىگىلىك تىكلەشتە مەبلەغ سالغۇچى تاللىغاندا، ھەرگىزمۇ «بەرسىلا ئېلىشقا بولمايدۇ.» گەرچە ناھايىتى قىيىنچىلىق شارائىتتا بولساقمۇ، ھەرگىزمۇ بىر كارخانىچى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە بولۇشقا تېگىشلىك غورۇرنى يوقىتىشقا بولمايدۇ. مايۈننىڭ 38 نەپەر مەبلەغ سالغۇچىنى رەت قىلغانلىق ھېكايىسى بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا شۇنداق ئىلھام بەرگەن: ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ چىقىش يولى، كارخانىچىنىڭ تەغدىرى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ «يانچۇقى» دا ئەمەس. ئەگەر پايدا ئېلىشنىلا كۆزلەيدىغان «مەبلەغ» نى خاتا تاللاپ قالساق، بىر مۇنەۋۋەر كارخانىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ