A-A+

سۈپەت ھەممىدىن مۇھىم

2015-يىل 7-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 303 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

4 - باب 3 - پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن سۈپەت مۇھىم ئەمەس، ۋېنجۇدىكى كارخانىلار دەل ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن ئەمەسمۇ؟

   ۋېنجۇلۇقلار: سۈپەت-بازار ئىگىلىكى چوقۇم رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە. بازار ئىگىلىكى تەرتىپكە سېلىنمىغان ۋاقىتلاردا ساختا مەھسۇلاتلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىدى، بىراق بۈگۈنكى كۈندە، ھەر بىر ۋېنجۇلۇق سۈپەتنىڭ كارخانىنىڭ جېنى ئىكەنلىكنى ھېس قىلدى.


   كۆپلىگەن كىشىلەر‹ ۋېنجۇلۇقلار ساختا مەھسۇلات ياساشقا ناھايىتى ئۇستا › دەپ قارايدۇ، ئەمما بۇ بىر خىل خاتا چۈشەنچە، خالاس. ئومۇمەن ئېيىتقاندا، بازار ئىگىلىكى تەرتىپكە سېلىنمىغان ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان سودىگەرلەردە ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. ۋېنجۇلۇقلارنىڭ تىجارەتكە كىرىشكەن ۋاقتى بالدۇر، سودىگەرلەرنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، كىشىلەردە «ھەممىسى بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كېتىش» ھادىسىسى كۆرۈلگەن.

   ئەمەلىيەتتە بازار ئىگىلىكى توختىماستىن تەرتىپكە چۈشۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ۋېنجۇلۇقلار ئاللىقاچان مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى تونۇپ يەتتى.

   مەھسۇلات سۈپىتىگە نىسبەتەن، ۋاڭ جېنداۋ ھەمىشە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ. شياڭگاڭدىكى مەلۇم شىركەت بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سودىدا، ۋاڭ جېنداۋ يۆتكەش ئالدىدا تۇرغان ئاياغلارنىڭ ئىچىدىكى 180 جۈپ ئاياغقا ماركىنىڭ خاتا چاپلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە،  ئىككىلەنمەستىن ئاياغلارنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھەمدە زاۋۇت ھويلىسىغا تىزىپ قويۇپ بارلىق خىزمەتچىلەرگە كۆرسىتىدۇ.

   ئاۋكاڭ گۇرۇھى ئىلگىرى مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەتسىز بولغانلىق سەەبلىك بىرلا قېتىمدا سەككىز نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپەر كىشى تارماق زاۋۇتلارنىڭ باش، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى. ۋاڭ جېنداۋ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن خىزمەتچىلەرنىڭ سۈپەت قارىشىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن ئەڭ قورقىمەن، ئاۋكاڭدىكى نەچچە مىڭ كىشى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلمايدىكەن، ھەممىمىز تاماق قاچىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز. كىم سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلماي بىزنىڭ ئېشىمىزغا توپا چاچىدىكەن، بىز ئاۋال ئۇنىڭ تاماق قاچىسىنى چېقىپ تاشلايمىز.»

   خۇرۇم ئاياغنىڭ سۈپىتىگە نىسپەتەن ۋېنجۇ سودىگەرلىرى ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

   2003-يىلىنىڭ بېشىدا، دۆلەت سۈپەت نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى «دۆلەت سۈپىتىنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىدىغان مەھسۇلات» لار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، تىزىملىكتە 22 ئاياغ تىكىش كارخانىسىنىڭ 23 ماركىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 19 ئاياغ تىكىش كارخانىسىنىڭ 20 ماركىسى ۋېنجۇدىن كەلگەن.

   بۈگۈنكى كۈندە، ۋېنجۇدىكى 33 ئاياغ تىكىش كارخانىسىنىڭ 37 ماركىسى «دۆلەت سۈپىتىنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىدىغان مەھسۇلات» بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن.

   ۋېنجۇدىكى كاڭنەي، ئاۋكاڭ، قىزىل يىڭناغۇچ (خۇڭچىڭتىڭ)، جىئېردا، دۇڭيى، دۇئېركاڭ، ئاۋلۈن، بالى، خۇيتې، رىتەي، چياۋنەي، فۇشىدا، تەيما قاتارلىق ماركىلار ئاللىقاچان دۆلىتىمىزگە داڭلىق ماركىلارغا ئايلاندى، ۋېنجۇمۇ داڭلىق ماركىلىق ئاياغلارنىڭ جەمگاھىغا ئايلاندى. «ئاياغ پادىشاھى» دەپ نام ئالغان دۇڭيى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ دۇڭيى مۇنداق دېگەن: «سۈپەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق يارىتىش كېرەك، سۈپىتى ياخشى بولغانلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركا بولالمايدۇ، ئەمما داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى چوقۇم ياخشى بولىدۇ.»

   جېڭتەي گۇرۇھىنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى باشقۇرۇشى ناھايىتى ياخشى. جېڭتەي گۇرۇھى مۇدىرىيەت رەئىسى كارخانىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىدا سۈپەتنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

   مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، نەن سۈنخۇي ئىلگىرى شاڭخەيگە بېرىپ تەجرىبىسى مول ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان پىنسىيەدىكى ئۇستام-ۋاڭ جۇڭجياڭنى تەكلىپ قىلغان. ۋاڭ جۇڭجياڭ ۋېنجۇدىن مېھمان كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا ۋېنجۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى ئوبرازىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى  ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋېنجۇدەك يىراق جايغا بارىدىغانلىقىنى ئويلاپ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان. ئەمما نەن سۈنخۇي مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ۋاڭ ئۇستامنىڭ قېشىغا قايتا-قايتا بارغان، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە تۈز خاراكتېر ئاخىرى ۋاڭ ئۇستامنى تەسىرلەندۈرگەن.

   كېيىن ۋاڭ ئۇستام نەن سۈنخۇيغا مۇنداق دەيدۇ: «سىز بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەكچىمۇ ياكى كەلگۈسىڭىزنى ئويلىماقچىمۇ؟ ئەگەر بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەكچى بولسىڭىز مېنى ئىزدەپ كېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتسىڭىزلا باي بولالايسىز. ئەگەر سىز كەلگۈسىنى ئويلىماقچى ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىشىڭىز كېرەك!» نەن سۈنخۇي كەسكىنلىك بىلەن كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىشنى تاللىغان.

   1993-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، جېڭتەي گۇرۇھى بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلارنى گىرىتسىيەگە ئىمپورت قىلماقچى بولۇپ، كېمە قوزغىلىدىغان ۋاقىتنىمۇ كېلىشىپ بوپتۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ياۋروپا بازىرىنى ئېچىشتىن دېرەك بېرىدىغان بولغاچقا جېڭتەي گۇرۇھىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىدى. شۇڭا نەن سۈنخۇي بۇنىڭغا ناھايىتى ئېتىبار بېرىپ، مەھسۇلات يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئامبارغا ئۆزى بېرىپ كۆرمەكچى بوپتۇ.

   ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار ساندۇقلارغا قاچىلىنىپ پورتقا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى. نەن سۈنخۇي سۈپەت تەكشۈرۈش خادىمىغا ساندۇقىنى ئاچقۇزۇپ ئاياغلارنى كۆرۈپتۇ.

   بىر ئاياغنى قولىغا ئېلىپ قارىغان نەن سۈنخۇينىڭ چىرايى دەررۇ ئۆڭۈپ كېتىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئاياغدا ھەقىقەتەن كىچىككىنە مەسىلە بار ئىدى. ئۇ نەق مەيداندىكى سۈپەت تەكشۈرگۈچىلەردىن ۋارقىرىغىنىچە «بۇ نېمە ئىش؟ سىلەر قانداق تەكشۈرگەن؟» دەپ سوراپتۇ.

   سۈپەت تەكشۈرگۈچى ئالدىرىغىنىچە چۈشەندۈرۈپ: «قائىدىگە ئاساسلانغاندا بۇ ماللار پۈتۈنلەي لاياقەتلىك. ئەگەر دۆلەت ئىچىگە ساتماقچى بولساق ئۆلچەمگە تولۇق چۈشىدۇ.» دەپتۇ.

   ئەمما نەن سۈنخۇي يەنىلا كەسكىنلىك بىلەن: «ماللارنى يۆتكەشكە بولمايدۇ، ھەممىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش كېرەك!» دەپتۇ.

  ھەممە ساندۇقلارنى قايتىدىن تەكشۈرۈش دىگەنلىك -ماشىنىغا قاچىلىنىپ بولغان ساندۇقلارنى چۈشۈرۈپ ئامبارغا قايتۇرۇشتىن دېرەك بېرەتتى. يۆتكەشكە مەسئۇل خادىم ئالدىرىغىنىچە نەن سۈنخۇينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇنداق قىلسا پاراخوتنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىمىز-دە، مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماي قالىمىز، مۇنداق بولغاندا قارىشى تەرەپ تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ!» دەپتۇ.

   نەن سۈنخۇي چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەستىن شۇنداق دەپتۇ: «ئايروپىلاندا توشۇيمىز!»

   ھېلىقى خادىم بۇنىڭدىن چۆچۈپ كېتىپتۇ، ئايروپىلان ئارقىلىق توشۇغاندا 800 مىڭ يۈەن ئارتۇق سەرپ بولىدىغان بولۇپ، بۇ كىچىك سان ئەمەس ئىدى.

   بىراق نەن سۈنخۇي كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەجىبا بىزنىڭ ماركىمىز ۋە ئىناۋىتىمىز 800 مىڭ يۈەنگە يارىماسمۇ؟ گەرچە بۈگۈن 800 مىڭ يۈەن زىيان تارتساقمۇ، ئەمما شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ قالدۇق. ئىناۋىتىمىزلا بولىدىكەن، بىز يەنە نۇرغۇنلىغان 800 مىڭ يۈەنلەرنى تېپىپ كېلەلەيمىز!»

   نەن سۈنخۇينىڭ جېڭتەي گۇرۇھىغا باشلامچىلىق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلەلىشىنى ئۇنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. خۇددى نەن سۈنخۇي ئېيىتقاندەك: تىجارەتتە دۇرۇس يولدا مېڭىش، مەھسۇلاتنى سۈپەتلىك قىلىش، ئىناۋەتنى تەكىتلەش كېرەك.

   ۋېنجۇ ‹ سىنما › چەكلىك شىركىتىدە مۇنداق ھېچكىمەتلىك سۆزلەر ئېقىپ يۈرۈيدۇ:

   بىر تال مىخ تاقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

   بىر تال تاقا جەڭ ئېتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

   بىر جەڭ ئېتى جەڭچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

   بىر جەڭچى قوشۇنغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

   بىر قوشۇن ئۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

   بىر قېتىملىق ئۇرۇش ھايات-ماماتلىق جەڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛

   بىر قېتىملىق ھايات-ماماتلىق جەڭ دۆلەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ.

........

   كىچىك ھالقىلار يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سۈپەت ئەڭ مۇھىم ھالقا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سىز سۈپەتكە ئېتىبار بەرمىسىڭىز، ھەر قانچە چوڭ كارخانىمۇ ھالاك بولىدۇ. سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش-كارخانا تىجارىتىدىكى مۇھىم قائىدە.

   ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئادەتتىكى بىر كىيىمنىمۇ سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

-ۋېنجۇ فۇشيا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چېن شياۋشياڭ

   بىز كىيىم ئەمەس، بەلكى سەنئەت ئەسىرى ئىشلەپچىقىرىمىز.

-باۋشىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې

      سۈپەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق يارىتىش كېرەك، سۈپىتى ياخشى بولغانلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركا بولالمايدۇ، ئەمما داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى چوقۇم ياخشى بولىدۇ.

-دۇڭيى گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ دۇڭيى


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

 ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ