A-A+

قورغاس خەلقئارالىق قاشتېشى سودا مەركىزى قۇرۇلدى

2015-يىل 29-ئۆكتەبىر ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 697 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

45 كۈن پىلان تۈزۈش ۋە پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق  10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگۇدىكى بىردىن بىر خەلقئارالىق قاشتېشى سودا مەركىزى _____________ قورغاس خەلقئارالىق قاشتېشى سودا مەركىزى قۇرۇلدى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېنجۇ مېھمانسارىيىنىڭ 7 - قەۋىتىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .

258_140710115132_1

مۇخبىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىگەللىشىچە سودا مەركىزى تۇنجى تۈركۈمدە 50 توننا روسىيە ئاق قاش ، يېشىل قاش ۋە ئاپغانىستان  قاشلىرىنى ئىمپورت قىلغان بولۇپ ، تۇنجى نۆۋەتلىك سودا سوممىسى 21 مىليون 730 مىڭ يۈەن بولغان .

قورغاس خەلقئارالىق قاشتېشى سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىپادە بىلدۈرۈپ : << يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان جۇڭگۇ ئۈنچە - مەرۋايىت بازىرىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردىن گۆھەر تاش خام ماتىريالى ئىمپورت قىلىش ئېھتىياجى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ . بىراق نۇرغۇن دۆلەتلەردىن گۆھەر تاش خام ماتىريالى ئىمپورت قىلىشتا ئارلىقنىڭ يىراق بولۇشى ، قاتناشنىڭ قولايسىز بولۇشى سەۋەبلىك ئىمپورت مىقتارى ئانچە كۆپ بولمىغان ، بۇ ھال ھەم گۆھەر تاش بازىرىدا بىر قىسىم تەۋرىنىشلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان . ھازىر قورغاس خەلقئارالىق قاشتېشى سودا مەركىزى قۇرۇلدى . بىز بۇ سەھنە ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كان ئىگىلىرى ، گۆھەر تاش سودىگەرلىرى ، ئۈنچە - مەۋرايىت كارخانىلىرىغا بىخەتەر بولغان توشۇش يولىنى ھازىرلايمىز >> دېدى .

سودا مەركىزىنىڭ نىشانى بولسا گۆھەر تاش خام ماتىرياللىرىنى تاللاش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش بىر  گەۋدە قىلىنغان  سودا مەركىزى قۇرۇش بولۇپ ، ئايلىق ئىمپورت - ئىكىسپورت مىقتارىنى 200 توننا ، سودا سوممىسى 100 مىليوندىن ئاشۇرۇپ ، ئۈچ يىلىدا ئىچىدە جۇڭگۇ ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  قاشتېشى ، گۆھەر تاش  سودا مەركىزىگە ئايلىنىش ئىكەن .

 مەنبە : تەڭرىتاغ تورى ( خەنچە )

2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ