خاتا نىشان سىزنى بايلىق بىلەن «مۈكۈشمەك» ئويناتقۇزىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
4-باپ 4-پاراگىراپ
نىشاننى خاتا تاللاش سىزنى ھامان بايلىق بىلەن
«مۈكۈشمەك» ئويناتقۇزىدۇ
مەيلى نامراتلار ياكى بايلار بولسۇن غەلىبىلىك ھالدا بايلىققا ئېرىشىش ئۇلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ، يەنە كېلىپ بۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك كۆرەش نىشانى . لىكىن باي بولۇش ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس . تەدبىر بەلگىلىگەن ياكى ئۇنى ئەمىلىلەشتۈرگەن ۋاقىتتا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئالدىراقسانلىق ۋە يەڭگىلتەكلىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنىڭ بىر ئادەمنى غەلىبىگە باشلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە باي بولۇش نىشانىغا ئورا كولايدىغان ‹كۈشەندە › ئىكەنلىكىنى بىلىش كېرەك. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر ئىشتا نەتىنجە قازىنىشنى ئويلايدىغان ئادەم نىشاننى توغرا تۇرغۇزۇش ياكى نىشاننى تاللايدىغان ۋاقىتتا قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا ئۆزى تۇرىۋاتقان مۇھىت ۋە بار شارائىتنى ئەتراپلىق ئويلاشماسلىق سەۋەپلىك خاتا قارار چىقىرىپ قويىدۇ ھەمدە خاتا نىشاننى تاللايدۇ.
بېيىشنى ئارزۇلايدىغان كىشىلەر ئەگەر نىشاننى خاتا تاللىسا ئاسانلا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ زېھنى ۋە بايلىقىنى ئىسراپ قىلىدۇ . شۇنداقلا يەنە ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، بىر ئۆمۈر نامراتلارغا ئوخشاش چارچاپ ئۆتىدۇ . ئەگەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان نىشاننى توغرا تاللىسا ھەم شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلسا ئۇ ھالدا بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ . پەقەت ئاساسى يۆنىلىش توغرا بولسىلا، بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە يولۇققان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە قەتئىيلىكىگە تايىنىپ، قارىماققا ئەمەلگە ئاشمايدىغان نىشاننىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
سىتېۋىن جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئالما شىركىتىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەممىمىزگە ئايدىڭ.
جوبىس ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ شەخسى كومپيۇتېر توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ‹مېنىڭمۇ شەخسى كومپيۇتېرىم بولغان بولسا ...› دىگەن ئوي ئۇنىڭ خىيالىدىن نېرى كەتمىگەن. ئەمما بازاردىكى كومپىيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش باھاسى يۇقىرى بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم سېتىۋالالمايتى . شۇنىڭ بىلەن جوبىس ‹‹ ساتقۇچى سودىگەرلەرنىڭ سالغان مەبلىغى كۆپ ئەمەس ، نىمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنچە كۆپ پايدا ئالىدۇ؟ مەھسۇلات ئىشلىگەن تەرەپ يان كومپىيۇتېرىنى بىۋاستە ساتسا تامامەن بولىدىغۇ !؟ بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم كومپيۇتېرغا ئېھتىياجلىق ئەمما باھاسىنىڭ يۇقۇرىلىقى تۈپەيلىدىن سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق، باھاسى تۆۋەن بولغان يان كومپيۇتېر سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ ›› دىگەنلەرنى ئويلىغان ھەم ئېنىقلاش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى خەلقئارا ماشىنا سودىسى چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ شەخسى كومپيۇتېر تەمىنلەش سودىگىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
بۇ شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسىدە ‹ ۋاكالىتەن ساتقۇچىلار ھەر ئايدا بەلگىلىك مىقداردىكى كومپيۇتېرنى چۇقۇم سېتىپ چىقىرىش كېرەك› دىيىلگەن بولسىمۇ ، لىكىن كۆپىنچە سودىگەرلەر شۇ ئايدىكى سېتىش ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلىيالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قولىدا نۇرغۇن مەھسۇلاتلار بېسىلىپ قالغان.ساتقۇچىلارغا نىسبەتەن بېسىلىپ قالغان تاۋارلار قانچە كۆپ بولسا خەتەرمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھەتتا ئورۇنسىز زىيانغا ئۇچرايدۇ. بازار ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلىگەن جوبىس ھەر تەرەپتىكى ساتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن بېسىلىپ قالغان كومپيۇتېرلارنى سېتىۋالغان. سودىگەرلەر جوبىسنىڭ ئويىغا ئىنتايىن قىزىقىپ بەس-بەستە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان.
جوبىس بۇ كومپيۇتېرلارنى ئالغاندىن كىيىن، ياتىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا زاپچاس سەپلەپ بۇ كومپيۇتېرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ھەمدە ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى كومپيۇتېرلارنى بازارغا سالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ناھايتى تېزلا ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ . جوبىس بازارنىڭ كەڭلىكىنى كۆرۈپ شۇ يەردىكى ژورناللارغا ئېلان بېرىدۇ. قۇلىدىكى ماللارنى بازاردىكى كومپىيوتىرلارنىڭ پارچە سېتىش باھاسىنىڭ يېرىمىچىلىك باھادا ساتىدۇ.سېتىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئىش سالمىقى كۈنسايىن ئاشىدۇ. نۇرغۇن سودا ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا ئامبولاتۇريەلىرى ۋە ئادۋۇكاتلىق ئۇرۇنلىرى ناھايتى تىزلا جوبىس بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.
مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن جوبىسنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. جوبىس ئۆيىگە قايتقاندا ئاتا - ئانىسى جوبىسنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى سەۋەپلىك ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلپ: «ئەگەر سەن ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىساڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىلساڭمۇ بولىدۇ.» دەيدۇ. ئاتا -ئانىسىنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلسا، ئۆزىنىڭ تەسلىكتە ئۇچرايدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كىچىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان جوبىس ئوقۇش بىلەن تەستە ئېرىشكەن بۇ پۇرسەت ئارىسىدا كەسكىن قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ . جوبىس ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن ئوقۇشتىن چىكىنىپ، ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلىدۇ . ئاتىسى ئۇنىڭدىن سورايدۇ:«سىنىڭ مەقسىدىڭ زادى نىمە؟»، جوبىس ئويلانمايلا جاۋاپ بېرىدۇ: «خەلقئارا ماشىنا سودىسى شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىش» . ئۇنىڭ جاۋابى ئاتا-ئانىسىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسى قانداق نەسىھەت قىلسىمۇ جوبىس ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئامالسىزلىقتىن ئاتا-ئانىسى جوبىس بىلەن كېلىشىم تۈزۈيدۇ. كىلىشىم بويىچە جوبىس يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر شىركىتى قۇرسا بولاتتى، لىكىن ۋەيران بولسىلا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى . شۇنىڭ بىلەن جوبىس بارلىق پۇللىرىنى يىغىپ كومپيۇتېر شىركىتى قۇرىدۇ.
بۇ مەزگىل جوبىسنىڭ ئاۋالقىدەكلا پۈتۈن كۈچى بىلەن «خەلىقئارا ماشىنا سودىسى پاي چەكلىك شىركىتى»نىڭ كومپيۇتېرنى ئۆزگەرتىپ سېتىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. شىركەت قۇرۇلۇپ بىرىنجى ئېيى جوبىس پەقەت تۆت دانە كومپيۇتېر ساتقان. ئىككىنجى ئېيى ساتقىنى 10 غىمۇ يەتمىگەن. كىيىكى نەچچە ئايدا سېتىلىش مىقدارى كۆتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا جوبىستا يەنە يېڭى ئىدىيە شەكىللەنگەن. ئۇ ئۆزى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقىرىپ سېتىشنى ئويلىغان. جوبىسنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قارارنىڭ خەتىرى چوڭ بولۇپ، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا تەننەرخنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايتى. لىكىن جوبىس ئاۋالقىدەكلا بولارنى ئويلاپ ئولتۇرماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىنى ياساشقا ئاتلانغان. جوبىس ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر ياساش ئويىنى باشقىلارغا دېگەندە، كىشىلەر جوبىسنىڭ نىشانىنى‹ يەتمەك بەسى مۈشكۈل بولغان نىشان ئىكەن › دىيىشكەن. لىكىن ئۇ تاللىغان نىشانىدا چىڭ تۇرغان. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ نىشاننى خاتا تاللىمىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلغان . ئالما شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى ئېرىشكەن شانلىق نەتىنجىلىرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا جوبىسنىڭ نىشاننى خاتا تاللىمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
جوبىسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرگە باي بولۇش ئۈچۈن ئاۋال نىشاننى توغرا تاللىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرماي ئاتا-ئانىسىنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلغان بولسا، بۇ ئۆمرىدە دۇنيا كۆز تىككۈدەك نەتىنجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. بىزمۇ ئالما شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى شانلىق نەتىنجىلىرىنى كۆرمىگەن بولاتتۇق.يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا جوبىس ئاتا-ئانىسى بىلەن كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، جىددىيلىشىپ ئالدىراقسانلىق قىلغان بولسا ،ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ناھايتى تۆۋەن بولغان ، ھەتتا ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالغان بولاتتى .شۇ چاغدىكى ناچار پىسخىك تەسىرنى يېڭەلىگەنلىكى ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن كەسپىگە ئاتلانغانلىقىمۇ ئۇنىڭ توغرا تاللىشىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم بېيىشنى ئويلىسا ئاۋال نىشاننى توغرا تاللاش كېرەك . نىشاننى خاتا تاللىسا ، ساقلاپ تۇرغىنى زور بايلىق بولماستىن بەلكى مەغلۇبىيەت بولىدۇ.
ھەرقانداق ئادەم بىر ئۆمۈر نامرات ياشاشنى خالىمايدۇ، غەلىبە قىلىش ئىستىكى كۈچلۈك ئادەملەر تېخىمۇ شۇنداق. پەقەت ئويلاشمايلا ئىش قىلىدىغان كىشىلەر بىر ئۆمۈر نامرات ياشايدۇ . نامراتلار بېيىشنى ئويلىسا ئالدى بىلەن ئەمىليەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشى، ئۆزىگە توغرا نىشان تىكلىشى، قەتئىي بوشاشماسلىقى كېرەك. بولمىسا خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ . غەلىبىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ، بايلىق بىلەن بولغان ئارىلىقى تېخىمۇ چوڭلايدۇ . شۇڭلاشقا «ئامېرىكا چىغىناق-تارغاق يېزىقى پاي چەكلىك شىركىتى»نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لالى ئېلسون مۇنداق دېگەن:«غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا، نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى نىشان تاللاش . نىشاننى توغرا تاللايدىغان ئادەملەر بايلار سېپىگە كىرەلەيدۇ . نىشاننى توغرا تاللىغان كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، بايلىققا يېقىنلىشىدۇ››.
بايلىقنىڭ بايانى:
نىشان تاللاش بىر ئادەمنىڭ غەلىبە قىلىش ياكى قىلالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ . شۇڭلاشقا چۇقۇم ئۆزىنىڭ تاللىشىغا ، ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلىگەن نىشانغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز نىشاننى خاتا تاللاپ قويسىڭىز، باي بولالمايلا قالماي ئەكسىچە تەقدىرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىشىڭىز مۇمكىن.
*************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى