A-A+

بايلار ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر كېلىدۇ

2016-يىل 22-مارت مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 271 قېتىم

u=3688245189,2521942813&fm=214&gp=0

سۈرەتتە : دۇنيا مىليادىرلىرىنىڭ بىرى ، ئالما گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار باشقىلارنى مازاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بايلار

ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر كېلىدۇ

ئازراقلا دىققەت قىلسىڭىز سىز رىئال تۇرمۇشتا مۇنداق بىر قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقايسىز:

نۇرغۇنلىغان نامراتلار باشقىلارنى مازاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ خۇددى ئۇلارنى باشقىلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرىدۇ. ئەمما بايلار ئۆزىنى ئىسپاتلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار تەنقىد ياكى باشقىلارنى زاڭلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە مۇھتاج ئەمەس، ئەكسىچە ئۈن – تىنسىز ھالدا، كەمتەرلىك بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ.

قەدىمدىن بۇيان جۇڭگو – چەتئەللەردىكى بايلارنىڭ ئىچىدە باشقىلارنى مازاق قىلىش ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشكەنلىرى يوق، ئۇلار بايلىق يولىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت يولى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.

خۇڭدىڭلىق داڭلىق سودىگەر خۇشۆشى ئەزەلدىن باشقىلارنى زاڭلىق قىلمايدۇ، يەنە باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرمايدۇ، ئۇ توختىماستىن ئۆزىنى ئىسپاتلايدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىلگىرى ئۇنىڭ ئالدىدا باشقىلارنى مازاق قىلىپ، ئۇلار توغرۇلۇق ئۆسەك سۆزلەرنى قىلغاندا، ئۇ بۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇ پەقەت ئۆزىنى ئىسپاتلىسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. خۇشۆشىنىڭ قارىشىچە ئۆزىنى ئىسپاتلاش ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئارقىدا قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈندۇر.

كورىيەدىكى داڭلىق گورۇھ «سامسۇڭ» نىڭ قۇرغۇچىسى، «كارخانىدىكى تالانتلىق ئەرۋاھ» دەپ تەرىپلەنگەن لى بىڭجى دەل بىر ئاز – بىر ئازدىن تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىغان. ئۇ «سامسۇڭ» دىن ئىبارەت سودا دۇنياسىدىكى گىگانىتنى بەرپا قىلدى، بۇ گىگانىتنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن لى بىڭجىمۇ كورىيەدىكى بىرىنچى مالىيە ماگناتىغا ئايلىنىپ، ئىسمى – جىسمىغا لايىق بايغا ئايلاندى.

نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ ئىچىدە، ياپونىيەنىڭ ئالدىنقى باش ۋەزىرى ماشېڭ تەيلاڭنىڭ ئىچكى كابېنىتىدا ئىستىمال ھۆددىگىرى بولغان ۋەزىر يېتىيەن شېڭزى ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بايلارنىڭ ۋەكىلى.

يېتىيەن شېڭزى 1960 – يىلى ياپونىيە فۇفېڭدىكى بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.1983 – يىلى شاڭجى ئۇنىۋېرسىتىتى چەتئەل تىللىرى فاكولىتىتى سېىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق كەسپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن يېتىيەن شېڭزى توكيو ئىمپىرىيە مېھمانسارىيىغا كۈتكۈچىلىككە بۆلۈنگەن. رەھبەرلىك ئۇنى ياتاق بۆلۈمىدە ھاجەتخانا تازىلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان،ھەمدە ھاجەتخانىدىكى تەرەت قاچىسىنىڭ ناھايىتى پاكىز بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن يېتىيەن شېڭزى ئۆزىنى بوزەك قىلىنغاندەك ھېس قىلغان. ئەمدىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بۇ قىزغا نىسبەتەن، تەرەت قاچىسى تازىلاش ئۇنىڭغا قىلىنغان ھاقارەت ھېسابلىناتتى. يېتىيەن شېڭزى ئۆزىنىڭ قارىشىچە ناھايىتى قاملاشمىغان بۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بەرمەكچى بولىدۇ، ھالبۇكى ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان بۇ قىز ئۆزىنىڭ بۇنداقلا مەغلۇب بولۇشىغا تەن بەرمەيدۇ،چۈنكى ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە توختىماستىن ئۆزىگە شۇنداق ئېيىتقان: ھاياتىمنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى چوقۇم ياخشى ئالىمەن.

يېتىيەن شېڭزىنىڭ كۆڭلى ناھايىتى زىددىيەتلىك تۇرغاندا، مېھمانسارايدىكى بىر كونا خىزمەتچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ھەمدە تازىلىق سايمانلىرىنى ئېلىپ يېتىيەن شېڭزىغا خىزمەتنى قانداق قىلىشنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. بۇ كونا خىزمەتچىنىڭ تەرەت قاچىسىنى قايتا –قايتا سۈرتۈپ، ناھايىتى پاكىز قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئارقىدىنلا تەرەت قاچىسىغا سۇنى لىق تولدۇرۇپ، ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ گەپ قىلماستىنلا ئىچىۋەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇ پۈتكۈل جەريانغا ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ، ئازراقمۇ ئېۋەن تاپقىلى بولمايىتتى.

كونا خىزمەتچىنىڭ سۇنى ئىچىۋىتىشى يېتىيەن شېڭزىنىڭ قەلبىنى  لەرزىگە سالىدى، ھەم بۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدىن ئۆمۈر بويى چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ئاددى، ھېس قىلىش ئاسان بولغان ھەقىقەتنى ھېس قىلدى: رەھبەر ساڭا تەرەت قاچىسىنى ناھايىتى پاكىز قىل دەپ تەلەپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۆزەڭنى قانداق ئىسپاتلىشىڭ كېرەك؟ ئۆزى تازىلاپ پاكىزلىغان تەرەت قاچىسىدىكى سۇنى ئىچىۋېتىشنىڭ ھەر قانداق گەپ – سۆزگە قارىغاندا قايىل قىلىش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، يېتىيەن شېڭزى بىر ئۆمۈر ھاجەتخانا تازىلىسىمۇ، چوقۇم نەتىجە قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ھاجەتخانا تازىلاش خىزمىتى قىلىشقا كىرىشتى. ئەستايىدىل، جاپادىن قورقمايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى تىزلا ئۆلچەمگە يىتىپ، ھېلىقى كونا خىزمەتچىنىڭ سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كەتتى.

ئۆزىنىڭ خىزمەتنى ناھايىتى ئىنچىكە قىلىدىغانلىقىنى. ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يېتىيەن شېڭزى كۆپ قېتىم ئۆزى تازىلىغان تەرەت قاچىسىدىكى سۇنى ئىچكەن.شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلەر ئۇنىڭ كەسىپنى ھۆرمەتلەش روھىدىن تەسىرلىنىپ، بىردەك ھالدا ئۇنى شىركەتتىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتچان، كەسىپنى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان خىزمەتچى دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېتىيەن شېڭزىنىڭ ئىناۋىتى ئۆسكەن، دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ مۇئاشىمۇ ئۆرلىگەن.

شۇنداق قىلىپ، كەسىپنى ھۆرمەتلەش، توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاش يېتىيەن شېڭزىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئايرىلماس بىر قىسىمغا ئايلانغان. ئۇ مەيلى قايسى خىزمەتنى قىلسۇن، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى تىرىشىپ ئىسپاتلىغان.

يېتىيەن شېڭزى توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىغان، ئۇنىڭ ئىشلىرىمۇ كۈنسىرى راۋاج تاپقان.

1987 – يىلى27 ياشقا كىرگەن يېتىيەن شېڭزى گىفۇ ناھىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ياش پارلامېنىت ئەزاسىغا ئايلانغان. ھالبۇكى يېتىيەن شېڭزى بۇ نەتىجىدىن قانائەتلىنىپ قالماي، توختىماستىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىغان.

1998 – يىلى7 – ئايدا، يېتىيەن شېڭزى شاۋيۈەن خۇيسەن ئىچكى كابېنتىنىڭ پوچتا ۋەزىرلىكىنى ئۆزئۈستىگە ئېلىپ، ياپونىيەدىكى ئەڭ ياش ئىچكى كابېنت ئەزاسىغا ئايلانغان. كىيىن ئۇ ماشېڭ تەيلاڭ ئىچكى كابېنتىدا ئىستىمالغا مەسئۇل ۋەزىرگە ئايلانغان.

بىر تەرەت قاچىسى تازىلايدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ ۋەزىرىگە ئايلىنىشتىن ئىبارەت- يېتىيەن شېڭزىنىڭ بۇ  كىشىلىك ھايات سەرگۈزەشتىسى ئادەمنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنچە نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىرلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

دەل ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغاچقا، يېتىيەن شېڭزى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى تۆۋەن سانالغان تەرەت قاچىسى تازىلاش خىزمىتىدىن باشلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىيەلىگەن؛ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغاچقا، يېتىيەن شېڭزى ناھىيەدىكى ئەڭ ياش پارلامېنت ئەزاسىغا ئايلىنالىغان؛ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغاچقا، ئايال زاتى بولغان يېتىيەن شېڭزى ئەرلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئاياللارنى پەس كۆرۈش ئىدىيىسى ئېغىر بولغان ياپونىيەدە ئىچكى كابېنت باش ۋەزىرلىكىگە سايلىنالىغان.

ئەگەر يېتىيەن شېڭزى پەقەتلا باشقىلارنى مازاق قىلىشنى، باشقىلارنى پەس كۆرۈشنى ياختۇرۇپ، ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرمىگەن بولسا، ئۇ جەزمەن ھېلىقى كونا خىزمەتچىنىڭ تەرەت قاچىسىدىكى سۇنى ئىچكەن «ئەخمىقانە»ھەرىكىتىنى ئەيىپلىگەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە قوزغىتىش بېرەلەيدىغان ھەقىقەتنى بايقىيالىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى؛ ئەگەر ئۇ باشقىلارنى زاڭلىق قىلىپ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولمىغان بولسا، ئۇ ھەرگىز گەۋدىلىك نەتىجە قازىنالمىغان، ئىچكى كابېنتنىڭ ۋەزىرى بولالمىغان بولاتتى؛ ئەگەر يېتىيەن شېڭزى پەقەت باشقىلارنى مازاق قىلىپ ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولمىغان بولسا، ئۇھەرگىزمۇ بىر مېھمانساراينىڭ ھاجەتخانىسىدىن ياپونىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىقالمىغان بولاتتى.

يېتىيەن شېڭزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن بىز مۇنداق بىر ھەقىقەتنى بايقايمىز: مەيلى قانچىلىك كۆزگە ئىلىنمايدىغان كىچىك جايلار بولسۇن، بىز ئۆزىمىزنى ئىپادىلەپ، ئۆزىمىزنى ئىسپاتلايدىغان چوڭ سەھنىگە ئىگە بولالايمىز؛ ئەگەر سىز ئەڭ كىچىك، ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان خىزمەتنى ياخشى قىلالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسىڭىز،بايلىق شۇنىڭغا ئەگىشىپلا كېلىدۇ. ئەكسىچە، ھەمىشە باشقىلارنى مازاق قىلىپ،ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلىمىسىڭىز، ئۇ چاغدا چوقۇم بايلىق رىقابىتىدە مەغلۇب بولىسىز.

يېتىيەن شېڭزى، خۇشۆشى، لى بىڭجى قاتارلىق بايلارنىڭ كىشىلىك ھاياتى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇ: باشقىلارنى زاڭلىق قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ ئۈنۈمى، كونكېرىت، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىغانغا يەتمەيدۇ، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا،ئاندىن بايلىق يولىغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلىغىلى بولىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشنى ئويلايدىغان دوستلار، ئۆزىڭلەرگە قاراپ بېقىڭلار، سىلەردە  مۇشۇنداق پەزىلەت بارمىكەن؟

بايلىقنىڭ بايانى:

باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا نامراتلارنىڭ ئادەتلەنگەن ھىيلە – مىكىرى. بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.ئادەم بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇنلىغان زۆرۈرىيىتى يوق ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەقەت بايلارغا ئوخشاش ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن بايلىق رىقابىتىدە يىتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ