A-A+

خېرىدار مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، سىز ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 262 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

10-دەرس 3-پارىگىراپ

خېرىدار مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، سىز ئاندىن

مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز

نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش يولىنىڭ دەسلىپىدىلا تىجارىتىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. بىراق مايۈن بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق دېگەن: «دۇنيادا قىيىن ھېسابلىنىدىغان تىجارەت يوق.» ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ خىل كىشىلەرنىڭ تىجارىتىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىدىن رەنجىشىدىكى سەۋەب: ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇشنىلا ئويلاپ، مەسىلىنى خېرىدارلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىمىغان ھەمدە خېرىدارلارنىڭ ئەمەلىي، مۇۋاپىق ئېلىشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن.

مايۈن مۇنداق دېگەن: «مۇتلەق كۆپ قىسىم تىجارەتچىلەر ئالىمنىڭ يانچۇقىدا بەش يۈەن بارلىقىنى، قايىمنىڭ يانچۇقىدا ئون يۈەن پۇل بارلىقىنى بايقىسىلا، قانداق قىلغاندا بۇ پۇللارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر سېتىقچى كاللىسىدا پەقەت پۇلنى ئويلىغان ۋاقىتتا، ئۇ خىزمەت بىنالىرىغىمۇ كىرەلمەيدۇ، خىزمەت بىناسى ئىچىگە ئېسىلغان نۇرغۇنلىغان قەغەزلەرگە (سېتىقچىلار كىرىشكە بولمايدۇ) دېگەن خەتلەر يېزىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىقچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىيىنىشى بىردەك بولغاچقا، ھەمدە سىز پەقەت باشقىلارنىڭلا پۇلىنى تېپىشنى ئويلىغاچقا، قوغدىغۇچى دەرھال سىزنى ئۇنداق جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ. ئەگەر سىز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ خېرىدارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا ھەمدە ئۇلارغا نىسبەتەن پايدىسى بارلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز چوقۇم ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.»

مايۈننىڭ قارىشىچە، ئەگەر سىز بىر بۈيۈك كارخانا قۇرۇپ چىقماقچى بولسىڭىز، كارخانىڭىزنى خۇددى خەيئېر، خەيشىن، GE، IBM، MICROSOFT قاتارلىق كارخانىلارغا ئوخشاش يۈكسەلدۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنىڭ خېرىدارنىڭ يانچۇقىدىكى بەش يۈەن پۇلنى قانداق قىلىپ 50-40 يۈەنگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك، ئاندىن خېرىدارنىڭ يانچۇقىدىكى 50-40 يۈەن پۇلدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بەش يۈەننى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

بىر كارخانا خوجايىنى تىجارەت قىلىۋاتقان چاغدا، ئەگەر خېرىدارنىڭ پايدىسى ۋە ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالىسا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلانسا، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆز مەنپەئەتى بىلەن خېرىدار مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى كېسىشىش نوقتىسىنى تاپالايدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن خېرىدارلار بۇ خىل ئورتاق پايدا يارىتىدىغان سودىنى قىلىشنى خالايدۇ.

داڭلىق باشقۇرۇش ئۇستىسى بىت دىرۇك ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «كارخانىنىڭ نىشانى دەل خېرىدار توپلاش ۋە ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.» ئۇنداقتا بىز خېرىدارنى قانداق توپلىشىمىز ۋە تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك؟ ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ ئۈچۈن خېرىدارلارنى قىممىتى بار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.» كارخانا بىلەن خېرىدارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاددى ھالدىكى تەمىنلەش-تەلەپ ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمكارلىق ئاساسىدىكى شەرەپ-نومۇس ۋە ئورتاق پايدا يارىتىش مۇناسىۋىتى؛ ئورتاق ئۆسۈپ-يېتىلىپ گۈللىنىدىغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى. پەقەت خېرىدار ئۆسۈپ-يېتىلگەندىلا كارخانا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ، ئەگەر سىز خېرىدارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلەلىسىڭىز، ئۇلارغا مۇمكىن بولغان دائىرىدە چوڭراق پايدا يارىتالىسىڭىز، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كارخانىڭىز تەبئىيلا ساغلام ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلالايدۇ.

بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن، بىز تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشىمىز لازىم:

بىرىنچى، كارخانا چوقۇم سەمىمىيەتنى ئاساس قىلىشى، پايدىنى ئېنىق ئايرىشى، خېرىدارلار خاتىرجەم بولالايدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، خېرىدارلارنىڭ كارخانىغا يېتەرلىك ئىشەنچ باغلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىشى لازىم.

ئىككىنچى، كارخانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بارلىق خادىملار خېرىدارلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.

ئۈچىنچى، كارخانىدىكى ھەر بىر خىزمەتچى «خېرىدارلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش» دېگەن بۇ جۈملە سۆز ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر مەنەنىڭ: مېنىڭ خىزمەت پۇرسىتىمى ھەرگىزمۇ كارخانا خوجايىنى ياكى يۇقىرى رەھبەرلىكتىن كەلمىگەن، ئەكسىچە خېرىدارلار ماڭا بەرگەن دېگەنلىكتە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش، بۇ ئارقىلىق خىزمەت جەريانىدا ھەر دائىم خېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش ۋە كەسپىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش لازىملىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. كارخانىنىڭ بازار خادىملىرى ئۆز ئىقتىدارىنى توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈشى، خېرىدارلارغا ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشكە كۈچەش ۋە خېرىدارغا بازار ئەھۋالىنى بىلىشكە يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارغا ياردەم قىلىپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تېخىمۇ مۇھىم، بۇنداق بازار خادىملىرى خېرىدارلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە كارخانا بىلەن خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنى يېقىنلاشتۇرۇشقا، خېرىدارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ بازار خادىملىرىنىڭ خېرىدارلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

تۆتىنچى، ئەگەر بىزنىڭ كارخانىمىز ئاخىرقى باسقۇچتىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەر بولمىسا، ئۇنداقتا بىز «خېرىدارلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش» تىن ئىبارەت بۇ تىجارەت ئىدىيەسىنى بىزنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىمىزگە يەتكۈزۈشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشىمىز كېرەك. پەقەت تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن كارخانا ياخشى بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، لاياقەتلىك خام ماتېرىياللارنى تەمىنلەپ بەرگەندىلا، بىز ئاندىن خېرىدارلار ئۈچۈن سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلىيەلىشىمىز مۇمكىن.

بەشىنچى، ئەگەر بىزنىڭ خېرىدارىمىز ئاخىرقى باسقۇچتىكى خېرىدار بولماي، ئوتتۇرىدا ۋاستىچى سودىگەر بولسا، ئۇنداقتا بىز ۋاستىچى سودىگەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلىشىمىز كېرەك. بۇ ۋاقىتتا، ۋاستىچى سودىگەرلەرنىڭ مۇكەممەل ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ئىستېمالچىلارنىڭ مۇكەممەل ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش بىزنىڭ «خېرىدارلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش» ئىدىيىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر، يەنە ۋاستىچى سودىگەر ئۈچۈن بىۋاستە ۋە قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلىشىمىز زۆرۈردۇر.

ئالتىنچى، ھايانكەشلىك قىلىش ۋە ساختا ماللارغا زەربە بېرىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كۆڭۈل بۆلۈش، بازارنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ۋاستىچى سودىگەرلەر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ۋە تەرتىپلىك بولغان بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك، بۇ خېرىدارلارنى جۇغلاش ۋە تۇتۇپ تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھەمدە «ۋاستىچى سودىگەرلەر ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش» تىكى ئەمەلىي تەدبىر.

يەتتىنچى، ماركىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قانداق كارخانا چوقۇم ماركىلاشتۇرۇلغان تاۋارلارنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ۋاستىچى سودىگەرلەر ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن، چوقۇم مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

كارخانىدىكى بارلىق ئەزالار ھەرىكەتكە كېلىپ، «خېرىدارلار ئۈچۈن قىممىتى بار مۇلازىمەت تەمىنلەش» تىن ئىبارەت تىجارەت ئىدىيەسىنى ھەر بىر كونكېرىت ھالقىلارغا سىڭدۈرۈش، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت پىرىنسىپى تۇرغۇزۇش كېرەك، بۇنداقتا كارخانا چوقۇم خېرىدارلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ، ساغلام ۋە ئىزچىل تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ كارخانىنىڭ يۇمشاق كۈچى ۋە باشقىلار تەقلىد قىلالمايدىغان ھەقىقىي رىقابەت كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مايۈن ئامېرىكىلىق داڭلىق رىياسەتچى چارلىي روس (Charlie Rose) نىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېگەن: «مۇتلەق كۆپ قىسىم سودا ئىنىستىتۇتلىرىدا پىروفېسسورلار قانداق پۇل تېپىش ۋە كارخانىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ، بىراق مەن كۆپچىلىككە شۇنداق دەيمەن: ئەگەر كارخانىڭىزنى يۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز، سىز ئاۋال مۇلازىمەت تەمىنلىشىڭىز، باشقىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىڭىز، ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇشىڭىز كېرەك، بۇ ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە!»

خۇددى مايۈن مۆلچەرلىگەندەك،  باشقىلارغا ياردەم قىلىش، باشقىلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىش 21-ئەسىردە تۇرىۋاتقان ھەر بىر كارخانىنىڭ ئاساسى تىجارەت ئەندىزىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ پۇل تېپىش مەخسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن خېرىدارلار ئۈچۈن قىممەت يارىتىشنى باشلاڭ!

********************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ