A-A+

ئۈنچە-مەرۋايىت نېمىشقا سودا سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە قويۇلىدۇ؟

2017-يىل 4-مارت جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 129 قېتىم

hhhhh

بىر كىچىك دەريا بويىدا چاچلىرى قاردەك ئاقارغان بېلىقچى بوۋاي بېلىق تۇتۇۋاتاتتى، ئۇ قارىماققا ناھايىتى غەمسىز كۆرۈنەتتى. بېلىق تۇتىدىغان، سەيلە قىلىدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ، ھەش-پەش دېگۈچە بېلىقچى بوۋاينىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن سەيلىچىلەر ئولىشىۋالدى.

بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟ ئەسلىدە بۇ بېلىقچى بوۋاي باشقىلارغا ئوخشاش تۇتقان بېلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېلىق سېۋىتىگە سالماستىن، كىچىكلىرىنىلا ئېپقېلىپ چوڭلىرىنى قويۇپ بېرىۋاتاتتى. بۇنداق غەلىتە ئىش ئەتراپتىكىلەرنى تولىمۇ تەئەججۈپلەندۈردى. كۆپىنچە ئادەملەر ئۆز-ئۆزىگە:«مىڭ تەستە تۇتقان چوڭ بېلىقنى نېمىشقا قويۇپ بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟» دەپ كۇسۇلدىشاتتى.

بىر قىزچاق بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ:«بوۋا، سىز نېمىشقا چوڭ بېلىقنىڭ ھەممىسىنىلا قويۇپ بېرىسىز؟» دەپ سورىۋىدى، بوۋاي كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:«مېنىڭ ئۆيۈمدە پەقەت بىرلا كىچىك قازان بار، چوڭ بېلىقلارنى پىشۇرالمايمەن، شۇڭا كىچىك بېلىقلارنىلا تۇتىمەن دە!» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ھېكايە ئىقتىساد ئىلمىدىكى ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى ئۇقۇمىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بەردى، ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، ئەنگلىيە كامبىرج ئېقىمىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ئالفېرد مارشال تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇ ئېھتىياجنىڭ باھاغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، باھانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باھا ئۆسسە كىشىلەرنىڭ تاۋارغا بولغان ئېھتىياجى كېمىيىدۇ، باھا چۈشسە ئېھتىياجمۇ ئاشىدۇ.

ئىستېمال ئىستىكى بىلەن ئىستېمال ھەرىكىتى ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا بىردەك بولمايدۇ، ئادەمنىڭ ئىستېمال ئىستىكى چەكسىز، بىراق ئىستەك ئىستېمال ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىن «ئېھتىياج» دەپ ئاتالدى. يەنە كېلىپ بىر ئادەمنىڭ مەلۇم خىل تاۋارغا بولغان ئېھتىياجى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئادەم ئېھتىياجىنىڭ ئۆزىمۇ ئېلاستىكىلىققا ئىگە.

ئوخشاش بولمىغان تاۋارلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى بىلەن باھانىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپ ساندىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلىگەنسېرى ئېھتىياج مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تاۋارلارنىڭ بازار ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى چوڭ بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى چوڭ تاۋار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىدىغان زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىدۇر.

يەنە بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسى قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر ئېھتىياج مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر بۇيۇملار بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى تۆۋەن ياكى مۇتلەق ئېھتىياجلىق تاۋار دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگەر بىز ھەر قايسى سودا بازارلىرىغا بېرىپ بىر ئايلىنىپ باقىدىغان بولساق، ئاساسەن ھەر بىر سودا بازىرىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرى، ئۈنچە مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، ئىككىنچى قەۋىتىدىن باشلاپ ئاياللار كىيىملىرى، ئەرلەر كىيىملىرى، ئۆي جاھازلىرى، يېمەكلىكلەر قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنى سودا سارايلار مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغانمۇ؟ چوقۇم شۇنداق، سودا سارايلارنىڭ ئۇلارنى بۇنداق قويۇشى مەقسەتلىك بولۇپ، بۇنىڭ بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار.

ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، سودا سارايلارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە قويۇلغان قىممەت گىرىم بۇيۇملىرى، ئۈنچە مەرۋايىت، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى چوڭ تاۋارلاردۇر. بۇنداق تاۋارلار ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن سېتىۋالسىمۇ، سېتىۋالمىسىمۇ بولىدىغان ھەشەمەتلىك بۇيۇملار ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى چوڭ تاۋارلارنى سودىگەرلەر چوقۇم ئەڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان، سېتىۋېلىش قولايلىق بولغان ئورۇنغا قويىدۇ.

تېلىۋېزور، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى ئادەتتە يۇقىرى قەۋەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئېلىكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى كىچىك بولغان تاۋارلاردۇر، ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ تاۋارلارغا بولغان تەخىرسىزلىك دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ، ئىستېمالچىلارمۇ بۇنداق تاۋارلارنى دائىم سېتىۋالمىغاچقا، بۇنداق تاۋارلارنى سېتىۋالغۇچىلارغا قولايلىق ئورۇنلارغا قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

ئۇنىڭدىن باشقا سىز نېمىشقا تاللا بازىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا سېغىزنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبىمۇ دەل باشقا تاۋارلارغا قارىغاندا سېغىزنىڭ ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقىنىڭ يۇقىرىراق بولغانلىقىدىندۇر. سېتىۋالغۇچىلار ھەمىشە ھېسابات قىلىش جەريانىدا سېغىز سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېغىزنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ. ئەگەر بۇ ئورۇنغا قويۇلمىسا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقمايدۇ-دە، ئۇنى ئاتايىتەن ئىزدەپ بېرىپ سېتىۋالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېغىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى تەبىئىيلا ئازلاپ كېتىدۇ.

ئەگەر تاللا بازىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قويۇلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى جياڭيۇ، تۇز بولسا ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى چوقۇم مال جازىسىغا تىزىلغاندىكىدەك يۇقىرى بولمايدۇ، سېتىۋالىدىغانلار ئىزچىل سېتىۋالىدۇ، سېتىۋالمايدىغانلار باشتىن ئاخىر سېتىۋالمايدۇ. شۇڭا سودا سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ئەڭ ياخشى ئورۇننى ئاشۇ ئېھتىياج ئېلاستىكىلىقى چوڭ بولغان تاۋارلارغا قالدۇرۇش كېرەك.

ليۇ شياۋلىڭ ئاپتورلۇقىدىكى، روزى مەتقاسىم تەرجىمىسىدىكى ئىقتىساد ئىلمى دېگەن كىتابتىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ