بايلار ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ
سۈرەتتە : جۇڭگۇدىكى ئون مىليادىر ئايالنىڭ بىرى ، شىياڭگاڭ فۇخۇا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى چېن لىخۇا
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار جاپا تارتماي ئېرىشىشكە ئامراق، بايلار ئىشلىرىنى مەخسۇس پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ
بىز ئاۋۋال بىر ھېكىمەتلىك ھىكايىنى كۆرۈپ باقايلى:
بۇرۇننىڭ –بۇرۇنىسىدا ناھايىتى قابىلىيەتلىك، خەلققە كۆيۈنىدىغان بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن.ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن باشقۇرۇشى ئارقىسىدا پۇقرالار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پاراۋان،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.
ھالبۇكى،پادىشاھ ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، پۇقرالارنىڭ يەنە تىنچ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ دۆلىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىپ پۇقرالارنى باياشات، ئەمىن قىلىشنىڭ مەڭگۈلۈك قانۇنىيىتىنى تېپىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ.
پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى چۈشۈرۈلۈپ نەچچە كۈن ئۆتمەستىنلا، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئارسىدىكى بىرئۆلىما ئۈچ پارچە قېلىن كىتابنى كۆتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھازىر بوپتۇ، ئۇ ۋەزمىنلىك بىلەن «پادىشاھ ئالىيلىرى، ئالەمدىكى باي بولۇشقا ئائىت بارلىق ئىلىملەر مۇشۇ كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن. پەقەت خەلقىمىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتسىلا،ئۇلارنىڭ پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» دەپتۇ.
پادىشاھ ھەم قېلىن ھەم ئېغىر بولغان بۇ كىتابلارنى كۆرۈپ، پۇقرالارنىڭ بۇلارنى ئوقۇپ تۈگەتكىدەك ۋاقتىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ بېشىنى چايقاپتۇ، ھەمدە بۇ ئۆلىمانى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.
نەچچە ئايلىق تىرىشىش ئارقىلىق بۇ ئۆلىما ئىلگىرىكى ئۈچ پارچە كىتابنى بىر كىتاب قىلىپ يىغىنچاقلاپتۇ. ئۇ بۇ يىغىنچاقلانغان كىتابنى پادىشاھقا تەغدىم قىلغان ۋاقىتتا،پادىشاھ يەنىلا رازى بولماي بېشىنى چايقاپ، ئۇنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا بۇيرۇپتۇ.
ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆلىما بىر پارچە نىپىز قەغەزنى پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ، پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال ھالدا: «ناھايىتى ياخشى، مېنىڭ پۇقرالىرىم پەقەت مۇشۇ قىممەتلىك ئەقىل – پاراسەتكە تايانسىلا، ئۇلارنىڭ چوقۇم پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» دەپتۇ.
ئارقىدىنلا بۇ ئۆلىمانى كاتتا ئىنئاملار بىلەن تارتۇقلاپتۇ.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆلىمانى پادىشاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشتۈرگەن بۇ نىپىز قەغەزگە نېمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلگۈسى كەپتۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇنى كۆرۈپلا ھەيران قاپتۇ،
ئەسلىدە قەغەزدە ناھايىتى ئاددى بولغان ‹‹ جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق›› دىگەن بىر جۈملە سۆز بار ئىكەن.
ھېكايىدىكى بۇ ئۆلىما دەسلەپتە ھېچقانداق تەتقىق قىلماي تۇرۇپلا ئۈچ پارچە كىتابنى پادىشاھقا سۇنۇپ ئۆتكەلدىن ئۆتمەكچى بولغان، نەتىجىدە رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. جاپا تارتماي ئېرىشىش، پۇرسەت ئوغرىلاش ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كىيىن، ئۆلىما پۈتۈن زېھنى بىلەن تەتقىق قىلىشنى باشلىغان، ھەمدە كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۆلىما مۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلغان: ئالەمدە جاپا تارتماي ئېرىشكىلى بولىدىغان ھىچقانداق نەرسە يوق، مېھنەت قىلماي تۇرۇپ ھالاۋەت كۆرۈشنى ئويلاش ئېنىقلا ئەخمەقنىڭ ئىشى!
ھېكايىنىڭ خاتىمىسىدە ئۆلىما ئۆزىنىڭ جاپا تارتىپ كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئارقىلىق پادىشاھنىڭ كاتتا ئىنئامىغا ئېرىشكەن، بۇ نۇقتىمۇ ئۆلىما خۇلاسىلەپ چىققان نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن: جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق!
شۇنداق،خۇددى دۇنيادا ھەقسىز تاماق بولمىغىنىغا ئوخشاش، دۇنيادا جاپا تارتماي ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە يوق. ھالبۇكى رىئال تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرھەمىشە جاپا تارتماي بىر كېچىدىلا باي بولۇشتەك پىسخىكىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان، شۇڭا ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا باي بولغىلى بولىدىغان ئىشلارغا ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ.
مەسىلەن: بىزدائىم «ئۆيىڭىزدىن چىقماي تۇرۇپلا بىر ئاينىڭ ئىچىدە سىزنى مىليونىرغا ئايلاندۇرۋىتىدىغان تۈر»، «كۆپ پۇل، كۆپ زېھىن ۋە ناھايىتى ئىنچىكە ھۈنەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپلا ئەركىن پۇل تاپالايسىز» دىگەندەك باي بولۇش ھەققىدىكى ئېلانلىرىنى كۆرۈپ قالىمىز، بۇ ئېلانلار دەل جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرۈشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان.
ئەمەلىيەتتە ئازراقلا كاللىمىزنى ئىشلەتسەك، بۇ دۇنيادا بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىمىز. قەدىمدىن – ھازىرغىچە، ھەر قانداق بىر باي بۇ خىلدىكى ئېلانلارغا ئىشىنىش سەۋەبلىك باي بولمىغان. بايلار بۇنداق نەرسىلەرگە ئىشەنمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە قارىشى تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پەقەت بەدەل تۆلىگەندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
بۇ دەل بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى: نامراتلار جاپا تارتماي ئېرىشىشكە ئامراق،بايلار مەخسۇس پىلانلاپ ئۆز-ئۆزىنى كۈچلەندۇرىدۇ.
ياپونىيەدىكى داڭلىق دۆلەت ھالقىغان گورۇھ سەنياڭ ئېلېكتىر ماتورى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جىڭجى موبىيەن بايلارنىڭ مەخسۇس پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىشىدىكى تىپىك ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جىڭجى موبىيەن بىر نامرات كېمىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق ۋاقىتلىرىدا دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى سەۋەبلىك كىچىكىدىلا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن.
1925 –يىلى، ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن جىڭجى موبىيەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككىنچى كۈنى يۇرتىدىن ئايرىلىپ يېزىنىسى سوڭشىيا شىڭ جىجۇنىڭ «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ياساش ئورنى» دا كىچىك شاگىرت بولغان.
گەرچە يېزىنىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، جىڭجى موبىيەن ھەرگىزمۇ ئىشلىمەي تۇرۇپ ئېرىشىشتىن ئۈمىد كۈتمىگەن، ئەكسىچە سوڭشىيا شىڭ جىجۇغا ئوخشاش كارخانىچى بولۇشقا ئىرادە باغلىغان. جىڭجىمو ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم بىر ئاز – بىر ئازدىن تىرىشىش ئارقىلىق پىلانلىق ھالدا ئىش كۆرۈش لازىملىقىنى بىلەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى ناھايىتى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا تىرىشقان. كەچ ۋاقىتلىرى ھەمدە دەم ئېلىش كۈنلىرى باشقا شاگرتلار ئۇخلاۋاتقان ياكى ئويناۋاتقان چاغدا، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى كېچىلىك مەكتەپكە بېرىپ ئۆگىنىش قىلغان. مۇشۇنداق سەككىز يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جىڭجىمو رېمونتچىلىق، سودا بوغالتىرلىقى قاتارلىق ئاساسى ماھارەتلەرنى ئىگەللىگەن.
خىزمەت نەتىجىسى ۋە شەخسىي ساپاسى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبلىك، جىڭجىمو 19 ياش ۋاقتىدىلا زاۋۇت باشلىقىلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، كىيىن توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ياساش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، سوڭشىيا شىركىتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەخسكە ئايلانغان.
1949 –يىلىنىڭ بېشىدا، ئىگىلىك يارىتىش غايىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن جىڭجىمو ئىستىپا بېرىپ 24 يىل خىزمەت قىلغان سوڭشىيا شىركىتىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ يېزىنىسى سوڭشىيا شىڭ جىجۇغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھەرگىزمۇ كىچىك زەربە ئەمەس ئىدى.
ئىككىنچى يىلى، جىڭجىمو چوڭ ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە شەنياڭ ئېلېكتىر ماتورى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ شىركىتىنى ئۈچ چوڭ ئوكيان – تىنچ ئوكيان، غەربى چوڭ ئوكيان ۋەھىندى ئوكيانغا يۈزلەنگەن چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق شىركەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. خوجايىنغا ئايلانغان جىڭجىمو بۇنىڭدىن قىلچە مەغرۇرلانماي،ئىزچىل تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىشقا ۋاقتىدا كېلىپ، ھەر دائىم شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا باشلاپتۇ.
سەنياڭ شىركىتىدە جىڭجىمونىڭ يەنە «ئايدا 48 قېتىم كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئادەم» دىگەن لەقىمى بار. بۇنداق لەقەمنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، جىڭجىمو ئەڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈندە ئۈچ – تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئارام ئالىدىغان ۋاقتى يوق.
جىڭجىمونىڭ توختىماستىن تىرىشىشى ۋە ئاقىلانە رەھبەرلىكى ئاستىدا، سەنياڭ ئېلېكتىر ماتورى شىركىتى كەسكىن بازار رىقابىتىدە ناھايىتى تىزلا باش كۆتۈرۈپ چىققان، ھەمدە ئىسمى –جىسمىغا لايىق ئۈچ ئوكياندىن ھالقىغان گورۇھقا ئايلانغان.
جىڭجىمو ئۆزىنى «مەڭگۈ ھېرىپ قالمايدىغان سازاڭ» غا ئوخشاتقان، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ كۈچلىنىشنى پىلانلىغان. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ بىر كىچىك شاگرتتىن دۇنياغا داڭلىق كارخانىچىغا ئايلانغان.
ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جىڭجىمو پەقەت جاپا تارتماي ئېرىشىشنى ئويلاپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرمىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىسى بولامدۇ؟ بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە«سەنياڭ» دىن ئىبارەت بۇ ماركا بولامتى؟
جاۋاب ئېنىقلا «ياق.» ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا
(بولۇپمۇ پۇل تېپىپ باي بولۇش) تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.
ئەگەر ھەمىشە جاپا تارتماي ھالاۋەتكە ئېرىشىشنى ئويلاپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلغاندا، بايلىق ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈملۈك دوستلار! تىزراق ئويغىنىڭلار! ھەرگىزمۇ ھەمىشە ئۆزىگە لاتارىيە بېلىتىدىن بەش مىليون چىقىدىغان كۈننى ئويلاشقا، ھەمىشە ۋاقىتنى ماجىياڭ ئۈستىلىدە ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. توختىماستىن مىدىراۋاتقان K سىزىقىغا قاراپ باي بولۇشنى ئويلاشقا، ياكى بىر مەيدان قىمار ئويناپ مىليونىر بولۇشنى ئويلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ! بۇ خىلدىكى جاپا تارتماي ئېرىشىشنى ئويلايدىغان، بىر كېچىدىلا باي بولۇشنى ئويلايدىغان پىسخىكا دەل سىزنىڭ بايلىق يولىڭىزدىكى توسقۇنلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پەقەت بۇ خىلدىكى پىسخىكىنى يېڭىپ،بايلارنىڭ مەخسۇس پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن سىز غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.
بايلىقنىڭ بايانى:
ھەقسىز تاماققا ئېرىشىشنى، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن بەھىرلىنىشنى ئويلايدىغان ئادەم ھامان دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ. بىر ھەقىقىي باي ھەرگىزمۇ ئاسماندىن گۆشنان چۈشۈشى ياكى گۆشناننىڭ ئۇدۇللا ئالقىنىغا كىرىپ قېلىشىدەك گۈزەل خىياللارنى قىلمايدۇ .ئۇ بۈگۈنكى غەلبىنىڭ تۆنۈگۈنكى تىرىشچانلىققا، ئەتىدىكى غەلبىنىڭ بۈگۈنكى پۇختا پىلانلاپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ.
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك
ناملىق كىتابنىڭ 1-قىسمىدىن ئېلىندى