A-A+

كەسىپنىڭ ‹چوڭى› بۇلۇش نىشانىڭىز بارمۇ – يوق؟

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 387 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( ئىككىنچى كىتاپ )

s27185139

4-باپ 7-پاراگىراپ

كەسىپنىڭ ‹چوڭى› بۇلۇش نىشانىڭىز بارمۇ - يوق، باي

بولۇش نىشانىڭىزنى بەلگىلىيەلەمسىز؟

ھەممەيلەنگە مەلۇم ،ھەربىر كەسىپنىڭ ‹چوڭى› بولىدۇ، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا،‹چوڭى›بولسا ئەڭ نۇپۇزلۇق، ئەمەلى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك،ھۇقۇقى ئەڭ چوڭ قاتارلقلارنىڭ ئالماش سۈزى.بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۆزىنى چوڭغا ئايلاندۇرۇشنى مۇۋاپىقىيەت ئۈچۈن ئۇل سالغانلىق دىيىشكە بولىدۇ، بۇ نۇرغۇن بايلار ھازىرلىغان ئالاھىدىلىكتۇر.

كۈپۈنچە ۋاقىتتا نامراتلارغا سېلىشتۇرغاندا، بايلارئۆزى شۇغۇللانغان كەسىپنىڭ ‹چوڭى›بولالايدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئاساسلىقى نىشاندىكى پەرق بەلگىلىگەن، چۈنكى بايلارنىڭ كاللىسىغا‹‹باشقىلارغا يۆلەنمە،ئۆزەڭگە تايان››دەيدىغان ئىدىيە ئورناپ كەتكەن. ئۇلار مۈشكۈل ئەھۋالغا يۇلۇققاندا ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۈتۈشنى خىيال قىلمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۈزىگە تايىنىش -باي بۇلۇشتىكى پەلسەپە.

رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇھىتتا كەسىپنىڭ <چوڭى > بولغان بۇ نۇپۇزلۇقلارنىڭ ئۈزىگە تايىنىشتىن باشقا  تاللىشى يوق. چۈنكى ئۇلار ھەممە ئىشنى ئۈزى ھەل قىلغاندىلا ھەمدە كەسىپنىڭ مەشھۇرى بولغاندىلا ئاندىن غەلبە قىلىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تەرەققى قىلالايدۇ، شۇنداقلا باي بۇلۇش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۈزىمىزنى كەسىپتىكى ‹چوڭ›غا ئايلاندۇرالايمىز؟ ياپۇنيەنىڭ سېتىش ماھىرى يۈەن يىپىڭ: «غايەت زور نىشان بېيىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى» دەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى ئادەم نام-شۆھرەتلىك ھەم باي ‹چوڭ› غا ئايلىنىش، ئىسمى-جىسمىغا لايىق باي بۇلۇش ئۈچۈن سان-ساناقسىز ئوڭۇشسىزلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىشى؛ ئۆزىنى تېخىمۇ قەيسەر، تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىپ تاۋلاپ چىقىشى كېرەك، شۇندىلا باشقىلارنى ھەۋەس قىلدۇرالىغۇدەك‹چوڭ›بولالايدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە بىر ھازىرلاشقا تىگىشلىك مۇھىم شەرت غايەت زور نىشان تىكلەش كېرەك.

20-ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئەمدىلا 56    ياشقا كىرگەن باي سودىگەر ئاجىل.تېل كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئۈلۈش ئالدىدا بىر پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرغان بۇلۇپ، ۋەسيەتنامىگە ئېنىق قىلىپ مۇنداق يېزىلغان:نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى نېمە؟ ئەگەر بۇ سۇئالغا كىم جاۋاپ بېرەلىسە ،توغرا جاۋاپ بەرگەن ئادەم 500مىڭ ئامىركا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئامېرىكا ئاخپارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ ۋەسيەتنامىسىنى بېسىپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈن تېزدىن بەلگىلەنگەن جايغا يىتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابىنىڭ كۆپىنچىسى پۇل، ھۇقۇق ھەتتا ئارزۇ،ئەلۋەتتە يەنە باشقا ئوخشىمايدىغان جاۋاپمۇ بار بولۇپ ، نەچچە ئونمىڭلىغان جاۋاپ ئىچىدە پەقەت ماتگىرىن ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بەرگەن جاۋابىلا ئاجىل تېل قالدۇرغان جاۋاپ بىلەن ئوخشاش چىققان.

ئۇنىڭ جاۋابى ‹ نىشان › دىگەن بىرلا سۆز بولۇپ ، ئەلۋەتتە ماتگىرىن غەلبىلىك ھالدا 500مىڭ ئامىركا دوللىرىغا ئىرىشكەن.
ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى‹‹نىشان››، ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى باشقىلاردىن تۆۋەن،غەلبە قىلىشىنى بەك تەس دەپ قارايدۇ، ئەگەر مۇشۇنداقلا ئويلىسا ئەسكەرتىپ قۇيۇش زۆرۈركى، بۇ خىل قاراش غەلبىنى قوغلىشىش يۇلىدىكى ئەڭ چوڭ پۇتلىكاششاڭدۇر. نۇرغۇن ۋاقىتتا ‹مېنىڭ ھىچبىر ئىقتىدارىم يوق،ئەھۋالىم ناچار › دەيدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۋالىدىغان دورا يوق ئەمەس،مۇھىمى شۇ كىشىلەر غەلبە قىلىشنى خالامدۇ يوق، بايغا ئايلىنىشنى ئويلايدىغان نىشانى بارمۇ-يوق؟دىگەن مەسىلىدۇر.

چىرايى كۈرۈمسىز جوۋېىيلىن تۇنجى رەت دىرامما كۆرگىلى بارغان چاغدا،ئەر باش رولچىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كۈرۈپ، ئۇنىڭغا مەسخۇش بولغان ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۈزىنىڭ ئارتىس بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بالىلىق دەۋرىدە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئوتتۇرھال سەۋىيەدىكى ئائىلە بۇلۇپ، ئاتا - ئانىسى سەنئەتچى بۇلۇشنىڭ جاپاسىنى بىلگەچكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ئارتىس بۇلۇشىغا قارشى تۇرغان، لىكىن جوۋېيلىن بۇنىڭلىق بىلەن نىشانىنى ئۆزگەرتمىگن، ئەكسىچە ئالاھىدە كومىدىيە ئارتىسى بۇلۇشتا چىڭ تۇرغان. ئاتا - ئانىسىنىڭ قارشىچە ئۇنىڭدا ئارتىس بۇلۇشقا تۇغۇلىشىدىنلا دەسمايە يوق. چۈنكى ، ئۇنىڭ بۇيى پاكار بۇلۇپلا قالماي تەلەتى كۈرۈمسىز ئىدى.ئەمما جۇۋېيلىن  نىشانىدىن زادىلا ۋاز كەچمىدى ھەم ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئاخىر

1903-يىلى تۇنجى رولغا چىقتى، ئۇزۇن ئۆتمەي رەسمى ھالدا بىر  گېزىت ساتقۇچى بالىنىڭ رولىغا چىقتى. ياش جوۋېىيلىن ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئۈزلۈكسىز سەنئەت ساھىسىگە قەدەم تاشلىغان. كۆپچىلىك ئۇ ئۇرۇنلىغان نۇمۇر كىشىلەرگە قانداق يېڭىلىق بېرەركىن دەپ كۈتۈپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن غايىپ بۇلۇپ ئامېرىكىغا بېرىپ ۋوللىۋودتا تەرەققى قىلغان. ئۇ ئىلگىرى:‹‹مىنڭ ھايات نىشانىم سەنئەت ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىش››دىگەن ئىدى،  ئاشۇ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ۋوللىۋودتىكى ھەربىر كىنو ئىشلەش سودىگەرلىرىنىڭ يېنىغا بارغان،  ئەمما رەت قىلىنغان.ھىچكىممۇ بەدىنى ۋىجىك، كۆرۈمسىز ئارتىسنى ئىشلىتىشنى خالىمىغان. ئۇ قايتا-قايتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىغان بولسىمۇ، لىكىن ئۈمۈتسىزلەنمىگەن شۇنداقلا ھەر قانداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەن، ناھايتى كىچىك رول بولسىمۇ ئىككىلەنمەي كۈڭۈل قۇيۇپ ئوينىغان.

سەنئەت ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيگەن ،ئۆزىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى بەلگىلىگەن جۇۋېيلىن ئىشلىرىدا كۈنسايىن روناق تاپتى،بۇلۇپمۇ كومىدىيە ۋە ئاۋازسىز كىنو قاتارلىقلاردا كۈرىنەرلىك تەرەققىياتقا ئىرىشتى.ئۇ ئىشلىگەن قىسقا كومىدىيە‹‹ئىتنىڭ ھاياتى››،‹‹مائاش تارقىتىدىغان كۈن›› ھەمدە ‹‹فىرانسىيەدىكى ئايال››قاتارلىق ئاۋازسىز كىنو كۈرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.نام چىقارغاندىن كىيىن جوۋېيلىن بىر ئىزىدا توختاپ قالماي كىنو ئىشلىگۈچى بۇلۇش ھەم كىنو ئىشلەش شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە ئارتىس قۇشۇمچە كىنو ئىشلىگۈچى بولدى. ئۇ ئىشلىگەن تۇنجى فىلىم ‹‹مۇستەبىت››قۇيۇلغاندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشتى،سەرخىل نۇمۇرلىرى ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈردى ھەم ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن دەۋر ژورنىلى ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:« جوۋېيلىننىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك رول ئېلىش ماھارىتى پەقەت خاۋلەيۋۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماي بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىسىدە قالدى.»
ئەمەلىيەتتە بايلىق قابىليىتى بارلارغا ئەگىشىدۇ،چۈنكى ئىقتىدارلىق ئادەم بايلىقنى ئۈنۈملۈك تۇتۇپ تۇرالايدۇ،ھەربىر ئادەم ئۈزىنىڭ ئىقتىدارلىق بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،گەرچە كىشىلەر ئىقتىدار جەھەتتىن پەرىقلىق بولسىمۇ لىكىن بۇ بايلىقنى تۇتۇشنىڭ بىردىنبىر يۇلى ئەمەس.كۆپ ۋاقىتلاردا ياشاش نىشانىنى بىكىتكەن ھەمدە كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەردە ئاندىن بايلىقنى تۇتالايدىغان ئىقتىدار بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەسىپنىڭ‹‹چوڭ››ىغا ئوخشاش مۇۋاپىقەيەتنىڭ چوققىسىدا تۇرۇشنى ئۆگىنىش لازىم،شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆرگىلى يەنە كىشىنى ھەۋەس قىلغۇزغىدەك بايلىققا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

بايلىقنىڭ بايانى:

بايلىق قوغلىشىش يولىدا بايلار كەينىدە قېلىشنى خالىمايدۇ،ئەكسىچە‹‹چوڭ››بۇلۇش نىشانىنى بەلگىلەيدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىش قىلسا چۇقۇم ئەڭ ياخشى قىلىش،نۇپۇزلۇق بۇلۇش،قەتئى ئەڭ چوققىسىدىكى ئۇرۇندا تۇرۇش كېرەك،شۇندىلا نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ ھەمدە بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

*****************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

 2014-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ