A-A+

پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى دېگەن نېمە؟

2017-يىل 9-ماي كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 135 قېتىم

ئىقتىسادنى يىتەكچى قىلىدىغان بۇ جەمىيەتتە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ ئىچىدە << پۇل مۇئامىلە>> دىگەن سۆز كۈرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ سۆزلەرنىڭ بىرى.ھەر كۈنى گېزىت -ژورناللارنى ۋاراقلىسىڭىز ياكى تېلىۋىزورنى ئېچىپ ئىقتىساد قانىلىنى كۆرسىڭىز ،پۇل مۇئامىلە دىگەن بۇ ئىككى خەت ( سۆز ) كۈزىڭىزگە تاشلىنىپلا تۇرىدۇ.

timg

ئۇنداقتا،سىز پۇل مۇئامىلىنى زادى قانچىلىك چۈشۈنىسىز؟سىز پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ قانداق ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

كۆپچىلىككە ئايان،نىيۇيۇرك خەلقارادىكى ھەممە ئېتىراپ قىلغان پۇل مۇئامىلە مەركىزى،ئۇنى خەلقارا پۇل مۇئامىلە دۇنياسىدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇنغا ئىگە دىيىشكە بولىدۇ.ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى ،خەلقارالىق پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر كۈنى نىيۇيۇركقا ئون مىليارد ئامرېكا دوللىرىلىق مەبلەغ كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ.ئۇزۇن مۇددەت مۇنداق ئۇرۇننى ساقلاپ كېلەلىشى نىيۇيۇركنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ چۇقۇم ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان ئايلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

timg

بايلىقنىڭ يارىتىلىشى مەبلەغنىڭ توختىماستىن يۆتكۈلۈپ تۇرىشىدىن كىلىدۇ.بىر دۆلەت ياكى رايۇننىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ،مەبلەغ ئايلىنىشنىڭ راۋان ياكى ئەمەسلىكى ،بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكى بۇ دۆلەت ياكى رايۇننىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلغان قىلمىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

ئۇنداقتا سىز بۇ زور مەبلەغلەرنىڭ زادى قانداق ئاقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟مەبلەغنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كىرەلىشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆزى سەۋەبىدىن ئەمەس،بەلكى كىشىلەر مەبلەغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن،مەبلەغ پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كىرىپ ئېقىشقا باشلايدۇ.بىز بۇ مەبلەغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتنى پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى دەپ ئاتايمىز.

پۇل مۇئامىلە بازىرىدا نۇرغۇن مەخسۇس مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ،ھەر خىل پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپاراتلار بار بولۇپ،ئۇلار پۇل مۇئامىلە ئاپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى كۆپ مىقتاردىكى مەبلەغنىڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۆلەت ،ھەتتا پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدە كەڭ كۆلەمدە ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ئىككى خىل بولىدۇ،ئۇلار بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپاراتى ۋە غەيرى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپاراتىدىن ئىبارەت.

بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپاراتى ئاساسلىقى ئامانەت قۇيۇش،قەرز بىرىشكە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بېجىرىدۇ.بۇ تۈردىكى پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسەت قىلىشىغا ئىرىشكەندىن كېيىن ئامانەت پۇل قۇبۇل قىلالايدۇ،ئاندىن ئامانەت پۇلنى قەرز پۇل ئورنىدا باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بىرەلەيدۇ.بارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ئىچىدە بىزگە ئەڭ تۇنۇش بولغىنى بانكىدۇر.ئەمەلىيەتتە <<بانكا >> نىڭمۇ نۇرغۇن تۈرلىرى بولۇپ،ئاساسلىقى ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ.يەنى مەركىزى بانكا،سودا بانكىسى ۋە سىياسەت خارەكتىرلىك بانكا.ئۇلارنىڭ خارەكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆتەيدىغان رولىمۇ ئوخشىمايدۇ.

مەركىزى بانكا باشقا بارلىق بانكىلارنىڭ << مەسئۇل بانكىسى >> ياكى بانكىلارنىڭ ئانىسى.ئۇنىڭ رولى بولسا باشقا بارلىق بانكىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش.بىر دۆلەتتە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر مەركىزى بانكا بولىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ مەركىزى بانكىسى جوڭگۇ خەلق بانكىسى.سودا بانكىسىنىڭ مەقسىدى پايدا تېپىش.سودا بانكىسى خەلقنىڭ ئامانەت پۇلىنى قۇبۇل قىلىپ ئاندىن قەرز ئورنىدا باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدۇ.دۆلىتىمىزدە جوڭگۇ سودا-سانائەت بانكىسى ،جوڭگۇ قۇرۇلۇش بانكىسى ،جوڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى،جوڭگۇ قاتناش بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سودا بانكىسىدۇر.

سىياسەت خارەكتىرلىك بانكىنى ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ قۇرىدۇ.ئۇنىڭ مەقسىدى پايدا تېپىش ئەمەس،بەلكى مەلۇم دۆلەتنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ياكى مەلۇم تۈر قۇرۇلىشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشتۇر.

غەيرى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپراتلىرى بولسا پۇل مۇئامىلە مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى ، ۋاستىچىلىك شىركىتى ، سۇغۇرتا شىركىتى ، مالىيە شىركىتى ، پۇل مۇئامىلە ئىجارىگە بېرىش شىركىتى ، مەبلەغ سېلىش بانكىسى ، ئاكسىيە شىركىتى ، فوند قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ئاپراتلار گەرچە پۇل-مۇئامىلە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئامانەت قۇيۇش ۋە قەرز بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھۇقۇقى يوق . مەبلەغنىڭ ئېقىشى ئالدى بىلەن سۇرۇنغا ئېھتىياجلىق . ئۇ سۇرۇن دەل پۇل-مۇئامىلە بازىرى . پۇل مۇئامىلە بازىرى بانكا ، ئاكسىيە بىرژىسى ، ئاكسىيە شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .مەبلەغنىڭ ئېقىشى مۇشۇ ئورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ . مىسال ئالساق ، سىز پۇلىڭىزنى بانكىغا ئامانەت قويغاندا ، بۇ مەبلەغنىڭ سىزنىڭ قولىڭىزدىن بانكىغا ئېقىپ كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .بانكا سىزنىڭ مەبلىغىڭىزگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنى كارخانىغا قەرز بېرىدۇ ، مۇشۇنداق قىلىپ مەبلەغ يەنە بانكىدىن كارخانىغا ئېقىپ چىقىدۇ .

مەبلەغنىڭ ئېقىشى يەنە پۇل مۇئامىلە قورالىنى تايانچ قىلىدۇ.پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نەق پۇلدىن باشقا يەنە پاي چېكى،زايۇم،قەرەللىك ھوقۇق،مەزگىللىك مال تاپشۇرۇش توختىمى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى پەيدا بولدى.دەل مۇشۇ قوراللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە كەسپىنى تېخىمۇ زور بولغان جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

شۇنداق دىيىشكە بولۇدىكى،دەل پۇل مۇئامىلە بازىرى،پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە قورالىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مەبلەغنىڭ ئېقىشىنى مۈمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ،پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەقىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.ئەلۋەتتە پۇل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىشى پەقەتلا بىر باشلىنىش،بىز يەنە پۇل مۇئامىلە ئايلىنىشىنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈكلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالىساق ئاندىن بولىدۇ.پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقچى بولىدىكەنمىز ،چۇقۇم ئىككى ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك.ئۇ بولسىمۇ بىرى،پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىنىڭ تەڭشەش مىخاينىزىمىنى بەرپا قىلىش،يەنە بىرى،پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى << پۇل باھاسى >> ،شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەل تۇرغۇزۇش.

پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى << مال باھاسى >> نىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئۈسۈم نىسپىتى.ئۈسۈم نىسپىتىدىن ئىبارەت مۇشۇ نەرسە بولغاچقىلا پۇل مۇئامىلە تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز.پۇل مۇئامىلە قانۇن بەلگىلىمىلىرى بولسا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم شەرتى.پۇل مۇئامىلە قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ چەكلىشى بولغاندىلا ئاندىن پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىنى قانۇنلۇق ،ئادىل ھالدا قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ.

ھەرقايسى دۆلەتلەرپۇل مۇئامىلىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قانۇن بەلگىلىمىلەرنى بېكىتتى ھەم مەخسۇس پۇل مۇئامىلە بازىرى ،پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئاپاراتلارنى قۇردى.نىيۇيۇركنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى دەل نىيۇيۇرك پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياخشى ئايلىنالىشى،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئزچىل ھالدا پۈتۈن يەرشارى  پۇل مۇئامىلە مەركىزىلىك ئورنىنى ساقلاپ كىلەلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.ئەكسىچە بۇ خىل نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بوشۇشۇپ كەتسە سۈپەتسىز مال كىرزىسىنى پىلتە قىلغان يەرشارى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پەيدا بولىدۇ.

مەنبە: << ئىقتىساد ئىلمى >> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ