A-A+

بايلارنىڭ كۆڭلىدە مىننەتدارلىق بولىدۇ

2016-يىل 17-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 158 قېتىم

timg

سۈرەتتە : دۇنيا IT ساھەسىدىكى مىليادىرلارنىڭ بىرى ، دۇنيادىكى 3-چوڭ كومپىيوتىر شىركىتى ~ ئامرىكا دېل كومپىيوتىر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مىخائېل دېل


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

نامراتلار پەقەت ئاغرىنىشنىلا بىلىدۇ، بايلارنىڭ كۆڭلىدە مىننەتدارلىق بولىدۇ

ئوخشاش بىر تال ئالما ئېسىلزادىلەرنىڭ نەزىرىدە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، لىكىن نەچچە كۈن ئاچ قالغان ئادەمگە نىسبەتەن ئۇ قۇتقۇزۇش دورىسى بولۇپ، ئالمىنىڭ ھەقىقى تەمىنى پەقەت ئۇنى قەدىرلەيدىغان ئادەملا چۈشىنىدۇ.خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بەلكىم نۇرغۇن ئادەمدە كىشلىك مۇناسىۋەتنى قەدىرلەش ئېڭى بۇلۇشى مۇمكىن، لىكىن ھەقىقى قەدىرلىيەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس.

قەدىمكى دەۋىردە ئەرلەر ئائىلىدە بىر ئائىلىنى قامدايدىغان ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. مۇنەۋەر ئەرلەر بىر ئائىلىنى باي، باياشات تۇرمۇش كەچۈرگۈزگەن. ئادەتتىكى ئەرلەر پەقەت مىڭ تەسلىكتە ئائىلىنى قورساق توق ھالەتكە يەتكۈزگەن.

بۇرۇن گو پامىلىلىك ياۋاش بىر دېھقان ئۆتكەن ئىكەن . ئۇ ئۆيدىكىلەرنى باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلمىگەچكە ئايالى ئەتىدىن كەچكىچە ئۇنى ئەيىبلەپ ئوڭايسىزلاندۇرىدىكەن. بوۋاينىڭ ئىككى ئوغلى بۇلۇپ ،چوڭ ئوغلىمۇ ئانىسىغا ئوخشاش ئاتىسىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغىرنىپ،ئۇنىڭدىن زادىلا  رازى بولمايدىكەن. ئەمما كىچىك ئوغلى ئاتا-ئانىسىغا ئىنتايىن ۋاپادار بولۇپ، داۋاملىق ئاكىسىنى ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بۇلۇشقا ئۈندەيدىكەن .بىر كۈنى تەڭتۇشلىرى كىچىك ئۇغۇلدىن سوراپتۇ:<سسنڭ ئاتاڭ بەك ئىقتىدارسىز، ئاناڭنىڭ بەك ئاچچقى يامان. سەن نىمە ئۇچۈن ئۇلارغا يەنىلا ۋاپادارلىقىڭىنى يەتكۇزۇسەن ؟> بۇنى ئاڭلىغان كىچىك ئۇغۇل مۇنداق جاۋاب بىرىپتۇ: <چۇنكى ئۇلار ماڭا ھاياتلىلق بەردى؛ ئۇلار بولمسا مەنمۇ بولمايتم. شۇڭا مەن ھەققەتەنمۇ ئۇلاردىن ئنتاين منىنەتدار>. كىچىك ئۇغۇلنىڭ ۋاپادارلقى ئاخىرى تەڭرىنى تەسرلەندۇرۇپتۇ؛تەڭرىنىڭ ئېلتىپاتى بىلەن كىچىك ئۇغۇل يەر تېرىغاندا پېل ۋە قۇشلار كېلپ ئۇنىڭغا ياردەم قپتۇ؛ ئەينى ۋاقىتتىكى قەبىلە باشلىقى بۇ ئشنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانسنڭ ھالدىن خەۋەر ئېلشقا 9 مۇلازىم ئەۋەتپتۇ، ھەمدە قىزىنى ئۇنىڭىغا ياتلىق قىلپ ئورنىنى ئۆتكۈزۇپ بىرىپتۇ.

كىچىك ئۇغۇلنىڭ ۋاپادارلىقى نام-مەنپەئەت ئۇچۈن، كىشلىك مۇناسۋەت ئۇچۈن ئەمەس، پەقەت سەبىلەرچە ئاتا-ئانىسغا مننەتدارلىقنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن بولغاچقا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى مننەتدارلىق تەڭرىنى تەسرلەندۇردى؛ ئەگەرسەمىمى پۇزىتسيە ۋە مننەتدارلق بولمسسا، ھەر قانچە تىرىشقان تەغدىردىمۇ كىلىپ چىقىدىغان نەتىنجە ئوخشمايدۇ ؛شۇڭا ئاۋال باشقىلارنڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنڭ مەجبۇرىيەت ئەمەسلىكىنى توغرا تۇنۇپ يىتىشمىز كىرەك. ئاتا-ئانا ئۇلۇغ؛چۇنكى ئۇلار شەخسيەتسز ھالدا  سزگە ياردەم قلىدۇ ؛لىكن دۇنيادا ھىچكىمنىڭ سزدىن ئەنسرەيدىغان مەجبۇريىتى يوق.

نۇرغۇن نامراتلار كىچىكىدىن باشلاپ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىتبارسىز قارىشىغا ئۇچىرايدۇ. خىزمەتتىمۇ ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچىرايدۇ. ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى ئۇلارنىڭ مۇھىتقا بولغان چوڭقۇر ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل ئۆچمەنلىك ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئۇلارغا بولغان كۈيىنىشىنى كۆرمەيدىغان قىلىپ قويغان. ئەگەر باشقىلار ئۇلارغا بىر پوتۇلكا بەرسە، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى نىمشقا ئىككىنى بەرمەيدۇ بۇلۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ باشقىلارنى خوشال قىلىشى ئىنتايىن قىيىن بۇلۇپ ،شۇ تۈپەيلى ئۇلار ھەقىقى دوسىت تاپالمايدۇ.

كىچىك ئۇغۇلنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئۆزگىچە بولۇپ ،كۆپ قىسىم كىشلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭ بالىلىقىمۇ كەمسىتىشتە ئوتكەن. ئاچچىقى يامان ئانىسىمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئازاپلىق كەچمىشلەرنى قالدۇرغان. لىكىن ئۇ بۇلارنى كوڭلىگە ئالمىغان. چۈنكى ئۇ باشتىن ئاخىر < ئۇلار مېنى تۇغدى، تەربىيلىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرشۇم كېرەك > دەيدىغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياشىغان .بونداق سەمىمىي مىننەتدارلىق تەڭرىنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتكەن.شۇڭا ھەرقانداق ئادەمدە  پەقەت مۇشۇنداق ئىدىيە بولسىلا ئاندىن ئۆزىگە تەۋە بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

بەلكىم يامانلىققا ياخشىلىق قىلماق ناھايىتى تەس بۇلۇشى مۇمكىن. لىكىن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقنى قەدىرلەش، تۆلىگەن بەدىلىگە ئىتبارسىز قارماسلىقمۇ –ھەقىقىي بايغا ئايلىنىشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى.

بىر توپ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ۋېلسونغا كەلگەن ۋاقىتتا بىر ياخشى نىيەتلىك بازار باشلىقى ئۇلارنى مول ئۇزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاچارچىلىق بۇ كىشىلەرنى < نەزىرىدە ئاشلىقتىن باشقا نەرسە يوق  > قىلپ قويغان، شۇڭا ئۇلار بازار باشلىقىنىڭ ئاشلىقىنى ئالغان ۋاقىتتا ھىچكىممۇ رەھمەت ئېيتمىغان. پەقەت بىر ئادەم ئاشلىق ۋە مېزىلىك نازۇ-نىمەتلەرنىڭ ئازدۇرىشىغا چىداپ بازار باشلىقىنىڭ ھەدىيەسىنى رەت قىلغان.

-مەن سىز ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بەرمىدىم. نەرسىڭىزنى ئالسام بولمايدۇ.

-لىكىن مەن سىزنىڭ ماڭا جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزنى تەلەپ قىلمىدىم. قىينچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم .

-سىزگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرمىسەم ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نەرسىڭىزنى يىمەيمەن.

بۇ ياش شۇنداق جاھلىلىق قىلىپ تۇرۋالغاچقا، بازار باشلىقى ئامالسىز «ئۇنداقتا مېنىڭ  دۈمبەمنى ئۇۋلاپ قۇيۇڭ» دەپتۇ.

ياش يىگىت بازار باشلىقىنىڭ دۈمبىسىنى مۇنداقلا ئۇۋلاپ قويسا ،ئۇ بەرگەن يىمەكلىككە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ،ئۇنىڭ دۈمبىسىنى  كۈچ چىقىرىپ كۈڭۈل قۇيۇپ ئۇۋلاپتۇ.

بازار باشلىقى بۇ يىگىتتىكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خارەكتىر ۋە پەزىلەتنى ھىس قىلىپ ئۇنى بېغىدا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپتۇ. ياش يىگىت تىرىشىپ ئىشلەپ، بازار باشلىقىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ كۇيئوغلىغا ئايلىنىپ  ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىپتۇ. يەنە 20 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق بۇ ياش يىگىت  داڭلىق نىفىت ماگىناتىغا ئايلىنىپتۇ. باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان بۇ يىگىت ئارماندېر خامىر ئىدى.

نۇرغۇنلىغان نامراتلارنىڭ ئىچىدە ئارماندېر خامىرلا باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئەستە تۇتۇپ ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان. ۋە ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاشۇ كىشلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلا ئالاھىدە  غەلبىگە ئېرىشكەن.

بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپىقيىتى قارىماققا تاساددىبىيدەك كۈرىنىدۇ. لىكىن مۇۋاپىقەيەت قازانغۇچىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ. ئويلاپ بېقىڭ ئەگەر يېزا باشلىقى ئارماندىر خامېرنى باغقا بېرىپ ياردەملىشىشكە چاقىرمىغان بولسا، بەلكىم يەنە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەن بولاتتى. سەرگەردانلىق سەپىرىدە باشقا يەردە يەنە يىمەكلىك بەرگۈچىلەرگە ئۇچرايتى. باشقىلارمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭ ھەركىتىدىن تەسىرلىنەتتى. ھامان بىر كۈنى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇراتتى. شۇڭا مىننەتتار بۇلۇشمۇ غەلبىنىڭ سەۋەبى.

سەمىمى مىننەتدارلىقنىڭ بىزگە ئەكىلدىغىنى چەكسىز. كىشلەر ئۆزىگە رەخمەت ئېيتىدىغان كىشىنى تېخىمۇ ياقتۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا كىشى قەدىرلەنگەندەك ھىس قىلىدۇ. ئەگەر قىلغان ياردىمىنىڭ ھاسىلاتىنى ھاۋاغا ئوخشاش كۆرگىلى تۇتقىلى بولمىسا، بۇ خىل مەغلۇپ بۇلۇش ھىسياتىنى ھىچكىم ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر كىشلىك ئالاقىنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ، ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلغانلارغا سەمىمى رەھمەت ئېيتسىڭىز نۇرغۇن كىشلەرنى  ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆردىغان قىلالايسىز ھەم ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيسىز.

بايلىقنىڭ بايانى:

بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك. كىشلەر تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر تەرەققىيات مۇساپىسىدە ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ كۈچىگە تايانغان ئەمەس. بىز باشقىلارغا تايانغان بولغاچقا ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز ،سەمىمىيتىمىز بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك. باشقىلارنىڭ قىلغىنىغا چىن كوڭلىدىن مىننەتتار بۇلۇش، بىر تال يۇشۇرۇن ئىقتىدارى چەكسىز بولغان ئۇرۇق. بىر كۈنى ئۇ تۇتقان مېۋە تاتلىق بۇلۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ