سودىدا چوقۇم دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك
جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدسى
بىرىنچى باب
چوقۇم دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك
*تىجارىتىمدە مەسىلە چىقمىسۇن دېسىڭىز- سىياسەتكە ئەگىشىڭ
جېجاڭ سودىگەرلىرى ئارىسىدا ‹‹سىياسەتكە ئەگەشسەڭ بازارغا ئىرىشىسەن››دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان.سىياسەت- بىر كارخانىنى ئايلاندۇرۇشتا زۈرۈر بولغان ‹‹جەمئىيەت، ئورۇن، ئادەم››ئامىلى ئىچىدە ‹‹جەمئىيەت››ئامىلى بۇلۇپ شۇ كارخانىنىڭ تەرەققى قىلىشى، زورىيىشىدا چوقۇم ياخشى بولغان سىياسىي مۇھىت بولىشى، كارخانا شۇ سىياسەتكە ماسلىشىپ تەرەققى قىلىشى كېرەك دېگەنلىكتۇر.
زىڭ چاڭ بىئاۋ ئۆزىنىڭ غەلبىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەربىر قەدەمدىكى غەلبەمدە بىر شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم.شۇنداق قىلغاندىلا ۋەزىيەتكە ماسلاشقىلى، ھەم ئېتىبار ۋە ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى نوقۇل ھالدا ھۆكۈمەتكە ئەگىشپلا تولۇق تەشەبۇسكارلىققا ئېرشكىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئىگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈش ھەم ئۆزىنىڭ سەمىميىتى ۋە پەزىلىتى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە تەسىر قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك››.
مەملىكىتىمىز دائىرسىدە 18 ئۆلكىنىڭ 300 دىن ئارتۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلى ۋە كۆۋرۈكلىرىنى ياسىغان يول-فورىت گوروھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى جۇ گويەن دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ئەگىشىپ قەدەممۇ -قەدەم غەلبىگە ئېرىشكەن كارخانىچىدۇر.
كۆپ يىللاردىن بىرى جۇ گويەن رەھبەرلىكىدىكى يول -فورىت گوروھى شىركىتى ياسىغان قۇرۇلۇش قەيەردە بۇلىشدىن قەتئىينەزەر دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ئېلان قىلغان‹‹ پۇقراۋى كارخانىلارنى قوللاشقا دائىر36 ماددا››دىكى پايدىلىق سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى.
جۇ گويەن بىرەر چوڭ قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېتىبارى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان -بولمايدىغانلىقنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىدىكەن
ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شۇ نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالمىشىش سايلام ئەھۋالىنى، پايدا-زىيىنىنى ئەتراپلىق مۆلچەرلەيدىكەن. ئۇ دائىم ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئۆزىگە ماياك قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىتىبارى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىدىغان تۈرلەرنى تاللايدىكەن.
جېجاڭ سودىگەرلىرى ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي قاراش شەكىللەنگەن:‹ كارخانا -ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىشى،ھۈكۈمەت قايسى تۈرلەرگە ياردەم بېرىدۇ؟،قايسى تۈرلەرنى چەكلەيدۇ؟ دېگەنلەرنى ئېنىق ئايرىپ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسىنى بەلگىلىشى لازىم›. شۇڭلاشقا جېجىياڭ سودىگەرلىرى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتگە بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە ئالاھىدە سەزگۈر ھالەتتە تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار-سىياسىنىڭ بىر كارخانىنىڭ مەۋجۇت بۇلىشى ۋە تەرەقىياتىدىكى مۇھىم رولىنى ناھايىتى ئېنىق چۇشەنگەن.
2004 - يىلى خاڭجۇ شەھىرى شاڭگى لىلا مىھمانسارىيىدا‹‹جېجاڭ سودىگەرلىرىدىكى سەلتەنەت››مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىى ئۆتكۈزۈلدى ھەم جۇاڭ جى گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى جىڭ يۈەنجۇڭ قاتارلىق10 كارخانىچى داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاندى.باھالاش كومىتېتىنىڭ جىڭ يۈەنجوڭ غا بەرگەن باھاسىدا مۇنداق دىيىلدى:‹ ئۇ 186 كۈن تۈرمىدە يېتىش بەدىلىگە جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ داڭلىق سودا ساراي ئىشىكىنى ئاچتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقى دوسلىق رىشتىسى ئارقىلىق جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ ھەمكارلىشىش ئۈلگىسىنى ياراتتى، ئۇ ئۆزىدىكى ھېچنىمىدىن قورقماس جاسارىتى ۋە يۈكسەك پاراسىتىگە تايىنىپ دۆلىتىمىز داڭلىق ماركىسىنىڭ ئوبرازىنى قوغداپ قالدى›.
جىڭ يۈەنجۇڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە مۇنداق دېدى:«پارتىيىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى دۆلىتىمىزئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەنلىكىگە رەھمەت، بولۇپمۇ دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ئېلان قىلغان 36 ماددىلىق پىكىر پۇقراۋى كارخانىلارنى تەلتۈكۈس ئازات قىلدى. ۋېنجۇلۇقلار مېنى يۈرەكلىك، ھەرقانداق سودىنى قىلالايدۇ دەيدىكەن، مېنىڭ پەقەت بىرلا سىرىم بار يەنى ھەرۋاقىت دۆلەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا بولغان سىياسىتىگە دىققەت قىلىمەن.»
جېجاڭلىق كارخانىچى نەن سۇن خۇي مۇنداق دەيدۇ:«كارخانا سودىسىنىڭ، تەرەققىياتنىڭ تىز ياكى ئاستا بولىشى-كارخانىنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىن پايدىلىنىش ۋە سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق ماسلىشىشىغا باغلىق.»
جېجاڭ سودىگەرلىرى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ھەرقانداق ۋاقىتتا سىياسى مۇھىت ۋە ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشتىن ھالقىپ ئىش قىلماسلىق كېرەك، سىياسەتنىڭ ياردىمى بولمايدىكەن پۇقراۋى كارخانىنىڭ تەرەقىياتى بولمايدۇ، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ تەرەققىياتى «جەمىيەت، ئورۇن،ئادەم» دىن ئىبارەت 3 ئامىلدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھات -ئېچىۋىتىش سىياسىتى يۇقارقىلارنىڭ ئىچىدىكى جەمئىيەتتۇر، يەنى كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشىدۇر.
ئەمەلىيەت سىياسەتنىڭ مەڭگۇ بازاردىكى ماياك بولىدىغانلىقىنى، سىياسەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ بازارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، سىياسەتكە ئەگەشمىسە بازاردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
**خەۋەرلەر پىروگىراممىلىرىنى تولۇق كۆرۈپ سودا پۇرسىتىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش
بىر جېجىياڭلىق كارخانىچى مۇنداق دىگەن:«ئىقتىساتنىڭ جان تومۇرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىش،‹‹خەۋەرلەر پىروگىراممىلىرى››نى ۋاقتىدا كۆرۈپ جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. باشقا پىروگىراممىلارنى كۆرمىسەڭ كېرەك يوق.‹‹خەۋەرلەرپىراگىراممىسى››نى چۇقۇم كۆرۇپ ئىقتىسادىي يۆلىنىشنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك.
جىڭ ۋېيجې جېجىياڭدىكى بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ خوجايىنى. ئۇ ئىشنى ‹‹خەۋەرلەر پىروگىراممىسى ››نى كۆرۈشتىن باشلىغان. ئەينى چاغدا ئۇ بىر قۇرۇلۇشتا نىمكا ئىدى، قۇرۇلۇش ئورنىدا تېلېۋىزور بولمىغاچقا ئۇ ھەركۈنى قۇرۇلۇش ئورنىغا يېقىن جايدىكى تاللا بازىرىغا دەل ۋاقتىدا كىرىپ ‹‹خەۋەرلەر پىروگىراممىسى ››نى كۆرۈشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىۋالغان ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ‹‹خەۋەرلەر پڭروگىراممىسى››دا ئۆز يۇرتىدا يېڭى يېزا قۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ دەرھاللا كاللىسىغا جىن كىرىدۇ: يېزىلارنى شەھەرلەردەك ئۆزگەرتىدىكىن، بۇ ئىشتا چۇقۇم سودا پۇرسىتى بار مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇ يىڭى يېزا قۇرۇش توغرىلىق كۆپ ئويلاندى، ئاخىرى بىر يۇرتلىقى بىلەن بىرلىكتە ئىشىك - دەرىزە تىجارىتى قىلىشنى پىلانلىدى، چۈنكى يېڭى يېزا قۇرۇشقا ئىشىك-دەرىزە كىتىدۇ-دە. ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېڭى يېزا قۇرۇشقۇرۇلىشى باشلاندى، جىڭ ۋېيجېنىڭ ئشىك - دەرىزە تىجارىتى زور ئۇتۇققا ئىرىشىپ، يېڭى ھايات مۇساپىسىنى باشلىدى.
بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىرىنچى سودا قائىدىسى ھەركۈنلىكى ‹‹خەۋەرلەر پىروگىراممىسى››نى تولۇق كۆرۈشتۇر،
ئەمەلىيەتتىمۇ‹‹خەۋەرلەرپىروگىراممىسى››جۇڭگۇلۇلۇقلارنىڭ قەلبىدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە تېلىۋىزىيە پىروگىراممىسىدىن بىرى بولۇپ، جېجىياڭ سودىگەرلىرى بۇ پروگىراممنىڭ مەزمۇنىدىن سودا پۇرسىتىنى تېپىۋالىدۇ. ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى دەل ۋاقتىدا ئىگەللەپ دۆلەت سىياسىتىدىن خەۋەردار بولۇش - جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە سودا بىلەن سىياسىنىڭ ناھايىتى قۇيۇق مۇناسىۋىتىنى ھەم سىياسەتكە قاراپ سودا پۇرسىتىنى بايقاشنىڭ سودىگەرچىلىكنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ماقامى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
رېن ئەپەندىم جېجاڭ تەيجۇۋدىكى بىر بىخەتەرلىك سايمانلىرى شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى . ئۇنىڭ قارىشىچە دۆلەت سىياسىتى تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەتتىكى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتىكەن. ھەرقانداق بىر سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى تىجارەتچىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن ھەم نۇرغۇن سودا پۇرسىتىنى بىرگە ئېلىپ كېلىدىكەن. رېن ئەپەندىمنىڭ پەقەت ئۆزگەرمەيدىغان بىر ئادىتى ھەركۈنى كەچ سائەت 7دە‹‹خەۋەرلەر پروگراممىسى››نى دەل ۋاقتىدا كۆرۈشكەن.
بىر كۈنى ئۇ‹‹خەۋەرلەر پىروگىراممىسى››دا بىخەتەرلىك سايمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە ، شۇ خەۋەردىكى ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىۋاپتۇ. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:‹‹ئادەتتە كىشىلەر تېلېۋۇزۇردا قويۇلىۋاتقان خەۋەرلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تۈرلۈك خاتا قاراشتۇر، خەۋەرلەردە دېيىلگەن ھەر تۈرلۈك ئىشلار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار بۇلۇپ بىز دىققەت قىلساقلا نۇرغۇن سودا پۇرسەتلىرىنى بايقىيالايمىز››دىدى.
بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارالغان ،‹‹جۇڭگودىكى يەھۇدىلار››دەپ ئاتالغان ئۇلۇغ كوللىكتىپ بۈگۈن قەيسەر روھى ھالىتى بىلەن مېڭىسىنى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ 30 يىل بۇرۇنقى يېڭى شەھەرلەرگە كىرگەندىكى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەبگا ھالىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولماقتا. مانا بۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرىدىكى كۈچ! ئۇلار ھازىر 19- ئەسىردىكى خۇشۆيەن ئەمەس، 30 نەچچە يىللىق بوران-چاپقۇن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى روزىغارلىق جەريانىدا ئۇلار ھۆكۈمەتتىن بىرنەرسە تەلەپ قىلمىدى، يۇقىرى مەنسەپ ۋە پاراغەتنى تاما قىلمىدى، كىملەرگىدۇ تايىنىپ تىجارەتكە، دەسمايىگە ئىرىشىشنىڭ كويىدا بولمىدى، لىكىن ئۇلار ئۆزىدىكى ئۆزگىچە بولغان دۇنيا قاراش ۋە شىجائىتىگە تايىنىپ تەغدىرىنى تەلتۈكۈس ئۆزگەرتتى. چۈنكى ئۇلار ھۆكۈمەت بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش، قانداق سودا قىلىشنى بىلىۋالغان ئىدى.
***ئىنتايىن سەزگۈر بۇلۇپ سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك
جۇڭگودا ‹‹شورپىنىڭ يۈزى تەملىك بۇلىدۇ››دەيدىغان تەمسىل بار. كەسكىن رىقابەت جەريانىدا بازار رىقابىتى ئاساسى گەۋدىدۇر، جېجىياڭ سودىگەرلىرى بازارلارنى ئالدىن ئىگەللەش ئۈچۈن داۋاملىق سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا ئادەتلەنگەن.
يالۇڭ شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىغى جاڭ ۋىنروڭ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەر خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ››ئۇنىڭ بۇ سۈزى ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.
جاڭ ۋىنروڭ - جېجاڭ ۋېنجۇدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئائىلىدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكلا سودىغا كىرىشكەن، ئۇ باشقىلار پايدىسى ئاز دەپ ئويلىغان ساھەدە كۆپ پايدىنى قولغا كەلتۈردى، چۈنكى ئۇ ھامان ئىنتايىن سەزگۈرلىك بىلەن سودا پۇرسىتىنى ئالدىن بايقايتتى.
بىر قېتىم سۇزۇكى شىركىتى ۋېنجۇنى موتوسكىلىت بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان، سۇزۇكى موتوسكىلىت ۋېنجۇدا ناھايىتى قىسلىشىپ كەتكەن،
بۇ چاغدا ئۇ شىمالى جۇڭگۇدا تىجارەت قىلىۋاتقان بۇلۇپ بۇ ئۇچۇردىن خەۋەر تېپىپلا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇزۇكى موتوسكىلىتلارنى دەرھال يىغىپ ۋېنجۇغا ئاپىرىپ ساتقان، 100 نەچچە موتىسكىلىتنىڭ ھەربىرىدىن 10 مىڭيۈەنگە يېقىن پايدا ئالغان. ئۆزىنى رۇسلىۋالغان جاڭ ۋىنروڭ نەزىرىنى شاڭخەيگە تىككەن، ئۇ چاغدا پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرى بولغاچقا شاڭخەيدىمۇ سودىگەرلەر كۆپ ئەمەستى، ئۇ يول بويلىرىدا تاشلىنىپ تۇرغان تۇچ پارچىلىرىنى كۆرۈپ تۇچ يىغىش تىجارىتىنى باشلىۋەتتى، چۈنكى ۋېنجۇدا تۇچ ناھايىتى قىس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تىجارىتى زورايدى.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى ، پۇرسەتنى تۇتۇپ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش سەزگۈر بولغان بازارنى كۈزىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىشىمىز لازىمدۇر. كۆزئالدىمىزدىكى ئازغىنە مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەي ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتنى، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى كۆرىشىمىز كېرەك.
جېجاڭ سودىگەرلىرىدىكى ئىگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارى سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش،ناھايىتى سەزگۈر بۇلۇشتىن يىتىلگەن بولۇپ، بىرەر شەپە ئاڭلىسىلا ۋەزىيەتنى تولۇق مۆلچەرلەش دەرىجىسىگە يەتكەن، شۇڭا ئۇلار ھەرقانداق سىياسى ئۆزگىرىشكە سالماق مۇئامىلە قىلالايدۇ.
خۇالى گورۇھى يۇقارقىدەك سىياسەتنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ‹‹ئىككى تورنى يېڭىلاش››سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز كەسپىدىكى باشلامچىغا ئايلىنالىغان.
خۇالى گورۇھى شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ۋاڭ لىچىڭ مۇنداق دەيدۇ:«دۆلەت 1998-يىلى ئىككى تورنى يېڭىلاشنى ئوتتۇرغا قويدى، مەن كېڭەش باشلىقى جۇ روڭجىنىڭ بىر قېتىملىق سۆزىدىن بۇ پۇرسەتنى ھىس قىلغان ئىدىم،بىراق باشقا زاۋۇتلار تېخى سەزمىگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن شىركىتىمىز بالدۇر تېخنىكا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى بالدۇر پۈتتۈردۇق. ئىككى تورنى يېڭىلش خىزمىتى باشلىنىش بىلەنلا شىركىتىمىز مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى.»
سىياسىي - ئىقتىساد ئىلمىدە -ئىقتىساد سىياسىنى بەلگىلەيدۇ،سىياسىي مەركەزلىك ھالدا ئىقتىسادنىڭ تەلىپىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ئەگەر جېجىياڭ سودىگەرلىرىگە ئوخشاش دائىم سىياسەتنىڭ يۆلىنىشىنى ئىگەللىگەندىلا ئاندىن سىياسەتنىڭ ئالدىدا ماڭغىلى بولىدۇ.
*************
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى:رەيھانگۈل نىزام
مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››ناملىق كىتاب
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى