A-A+

نامراتلار باھاسى چۈشىدىغىنىنى سېتىۋېلىپ، ئۆرلەيدىغاننى ئالمايدۇ، بايلار باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىپ،چۈشىدىغىنىنى ئالمايدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 311 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

4-باپ 7-پارىگىراپ

نامراتلار باھاسى چۈشىدىغىنىنى سېتىۋېلىپ،

ئۆرلەيدىغاننى ئالمايدۇ، بايلار باھاسى ئۆرلەيدىغاننى

سېتىۋېلىپ،چۈشىدىغىنىنى ئالمايدۇ

بۇ ماۋزونى كۆرگەندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەردە گۇمان پەيدا بولۇشى مۇمكىن، «باھاسى چۈشىدىغىنىنى سېتىۋېلىپ، ئۆرلەيدىغىنىنى ئالماسلىق» دىگەن نېمە؟ «باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىپ، چۈشىدىغىنىنى ئالماسلىق» دىگەن يەنە نېمە؟

ئالدى بىلەن بىز بۇ ئىككى جۈملىدىكى ئۇقۇمنى  چۈشىنىپ باقايلى. «باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىپ،چۈشىدىغىنىنى ئالماسلىق» ۋە «باھاسى چۈشىدىغىنىنى سېتىۋېلىپ، ئۆرلەيدىغاننى ئالماسلىق» دىگەن بۇ جۈملە كۆپىنچە ھالدا پايچەك ئوينايدىغانلارنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئىككى ئۇقۇمنى كونكېرىت چۈشىنىشتىن بۇرۇن، «ئۆرلەش»ۋە «چۈشۈش» تىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز لازىم. بۇيەردە دېيىلىۋاتقان «ئۆرلەش» بولسا ھەركەتچان ھالەت، يەنى باھا ئۆرلەۋاتقان مەلۇم باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ باھا ئۆرلەپ بولغاندىن كىيىنكى ئەھۋالنى كۆرسەتمەيدۇ. ئوخشاشلا، «چۈشۈش» مۇ باھا چۈشىۋاتقان مەلۇم باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ،ھەرگىزمۇ باھا چۈشۈپ بولغاندىن كىيىنكى ئەھۋالنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بىر خىل يۈزلىنىش، ھەرگىزمۇ نەتىجە ئەمەس.

«ئۆرلەش» ۋە«چۈشۈش» تىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن بىز پاي ئوينايدىغانلارنىڭ «باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىپ، چۈشىدىغىنىنى ئالماسلىق»پىسخىكىسىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى: پايچەك ئۆرلەش جەريانىدا پاي ئوينايدىغانلارئادەتتە بۇنىڭ داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ، شۇنداق قىلىپ پەقەت پاي باھاسى ئۆرلىسىلا سېتىۋالىدۇ، بىر بۆلەك ۋاقىت ئۆتۈپ پاينىڭ باھاسى ئۆرلىگەندىن كىيىن پاينى سېتىۋېتىپ ئارلىقتىكى پەرقتىن پايدا ئالىدۇ. ئەكسىچە، پاينىڭ باھاسى تۆۋەنلەۋاتقان چاغدا، پاي ئوينايدىغانلار قايسى ۋاقىتتا پاي باھاسىنىڭ مۇقىملىشىدىغانلىقىنى بەلگىلەشكە ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يىنىكلىك قىلىپ پايچەك سېتىۋالمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، پايچەك باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئېغىر بولسىلا،پايچەك تىز سۈرئەتتە پاخاللىشىپ ئۆزىنىڭ سالغان مەبلىغىنىمۇ قايتۇرۋالالمايدۇ –دە، ئېغىر زىيان تارتىدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، «باھاسى چۈشىدىغىنىنى سېتىۋېلىپ، ئۆرلەيدىغاننى ئالماسلىق»تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتىگە سېلىشتۇرغاندا، «باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىپ،چۈشىدىغاننى ئالماسلىق» بولسا خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ھەركىتى.

پايچەك ئوينايدىغانلارلا «باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىپ، چۈشىدىغىنىنى ئالماسلىق» تەك بۇ ئاساسى پىرىنسىپقا رىئايە قىلىپلا قالماستىن، باشقا ساھەدىكى مەبلەغ سېلىش ھەركىتىمۇ بۇ ئىقتىسادىي قائىدىگە رىئايە قىلىشى لازىم. ئۆي ئېلىپ – سېتىشنى مىسال قىلساق، ئۆينىڭ باھاسى «ئۆسۈش» ھالىتىدە تۇرغان ۋاقتىدا سېتىۋالغاندا، ئۆزى ئېھتىياجلىقلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندىمۇ بۇ ئۆينىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان بولغان بولىدۇ، چۈنكى ئۆينىڭ باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆسىدۇ؛ ئۆي ئېلىپ – ساتىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۆينىڭ باھاسىدا يەنە ئۆسۈش بوشلۇقى بولغاچقا،ۋاقتىدا سېتىۋالغاندا يەنە پايدا ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار؛ ئوخشاش قائىدە بۇيىچە ئېيىتساق، ئۆينىڭ باھاسى «چۈشۈش» ھالىتىدە تۇرۋاتقاندا ئۇنى سېتىۋالساق، ئۆزى تۇرۇش ئېھتىياجى بارلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندىمۇ بۇ ئۆينىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولىدۇ، چۈنكى ئۆينىڭ باھاسى داۋاملىق چۈشىدۇ؛ ئۆي ئېلىپ – ساتىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندىمۇ، ئۆينىڭ باھاسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە چۈشۈش بوشلۇقى بولغاچقا، ئۆينى بالدۇر سېتىۋالغاندا ناھايىتى چوڭ خەتەردىن ساقلانغان بولىدۇ، چۈنكى ئۆيمۇ مەبلەغنى تۇتۇپ تۇرۋالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى پايچەك ئويناش، ئۆي سېتىۋېلىش، ئالتۇن سېتىۋېلىش ياكى باشقا مەبلەغ سېلىش ھەركىتى بولسۇن، چوقۇم بازار قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇش، تەرەققىيات يۈزلىنىشى بۇيىچە مېڭىش كېرەك، «باھاسى ئۆرلەيدىغاننى سېتىۋېلىش، چۈشىدىغاننى ئالماسلىق» تىن ئىبارەت مەبلەغ سېلىشنىڭ بۇ پىرىنسىپىگە رىئايە قىلغاندىلا، ئاندىن بايلىق يارىتىش يولىدا ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يەردە بىز ئاۋۋال ئامېرىكا غەرب نىفىت شىركىتىنىڭ باش لېدىرى، «خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچى»دەپ نام ئالغان يامېن. ھامنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

يامېن. ھام 1898– يىلى نىيويورك شەھرىدىكى بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن تەلىم – تەربىيە بېرىشى ئارقىسىدا يامېن.ھامنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يەنە سىمسىز ئېلېكتىر،ئايروپىلان مودىلى ياساش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالغان، ھەمدە تولۇق ئوتتۇرامەكتەپتىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش نۇتۇق مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا، يامېن.ھام روكفېللېر، كارنىگ قاتارلىق قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىگە مەھلىيا بولۇپ قالغان بولۇپ، پۇل تېپىشنىڭ ئاماللىرىنى ئىزدەشنى باشلىغان ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان16 ياش ۋاقتىدا، يامېن.ھام ئۆزىنىڭ تۇنجى «چوڭ مەبلەغ» ىنى توپلىغان.

1917 –يىلى، يامېن.ھام ئۆزىنىڭ ئىككى يىللىق مېدىتسىنا تەييارلىق سىنىپىدىكى ئاساسىغاتايىنىپ، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كولومبىيە تىببى ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغان.

بىر كۈنى يامېن.ھام دادىسىنىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.خەتتە دادىسى‹ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل مەبلىغىنى سالغان دورا ياساش شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى؛  ئۆزىنىڭ تەن – سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا باش قاتۇرغىدەك ماجالى قالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن شىركەتنىڭ باش لېدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ شىركەتنى ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى...› يازغان ئىدى.

بۇرۇنلا بىرمەيدان سىناققا تەييارلىق قىلىپ قويغان يامېن.ھام ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇنى قوبۇل قىلىپ، ناھايىتى تىزلا بۇ قېتىملىق «جەڭ» گە تەييارلىق قىپتۇ. شىركەتنى ئۆتكۈزۋالغاندىن كىيىن، يامېن.ھام پۈتۈن زېھنىنى شىركەتنىڭ تىجارىتىگە قارىتىپ،ئاۋۋال شىركەتنىڭ تىجارەت تەدبىرى ۋە سېتىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىپتۇ، ئاخىرىدا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان شىركەت ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قاپتۇ.

ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەتلەر جەنۇبنىڭ زەنجىۋىل ھارىقىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشىنى ئاللىبۇرۇن مۆلچەرلەپ بولغان  بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا قارىتا ھەرخىل تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى، مەسىلەن: بەزىلىرى مال جۇغلىسا، بەزىلىرى باھانى تەڭشىگەن، يەنە بەزىلىرى كۆپ مىقداردا يېڭى زەنجىۋىل سېتىۋېلىۋاتقان ئىدى. يامېن.ھام بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن كىيىن، دەرھال جەنۇبقا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتۇ، ئويلىغاندەك ئۇ جايدىكى زەنجىۋىلنىڭ باھاسى ئۆسۈۋاتقان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، يامېن.ھام دەرھال ھىندىستان، فىجى قاتارلىق ئامېرىكىغا زەنجىۋىل ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ زور مىقداردا زەنجىۋىل سېتىۋاپتۇ، ھەم بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ زەنجىۋىل بازىرىنى مونوپول قىلىۋاپتۇ، ھەتتاكى مەخسۇس زەنجىۋىل تىجارىتى قىلىدىغان چوڭ سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ قولىدىن زەنجىۋىل سېتىۋاپتۇ.

يامېن.ھامنىڭ بۇ «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتى ئۇنى نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشتۈرۈپتۇ، ھەمدە كولومبىيە ئىنىستىتۇتىدىكى، ھەتتا پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مىليونىربولۇپ قاپتۇ.

كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىش ۋە بىر قاتار «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق»تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتى ئارقىلىق يامېن.ھام ناھايىتى تىزلا ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە مەنسۇب بولغان بايلىق ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ.

دورا ياساش شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھالقىلىق پەيىتتە، يامېن.ھام خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ پۈتكۈل شىركەتنى ئۆتكۈزۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي ، ئۈنۈملۈك بولغان ئىسلاھاتى ۋە «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتى ئارقىلىق، تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان شىركەت ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ زورتەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ، ھەمدە يامېن.ھاممۇ ئۆزىنىڭ ئوزۇن مەزگىللىك بايلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بايلىق يولىدا شۇنچە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىدىك ىسەۋەب يامېن.ھامنىڭ «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك پىرىنسىپنى چۈشەنگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دەل «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتىدە چىڭ تۇرغاچقا،يامېن.ھام ئامېرىكىنىڭ زەنجىۋىل بازىرىنى مونوپول قىلىپ غايەت زور بايلىققا ئېرىشكەن؛ دەل «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتىدە چىڭ تۇرغاچقا، يامېن.ھام ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىق ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان.

ئويلاپ باقايلى، ئەگەر يامېن.ھام «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك پىرىنسىپقا رىئايە قىلماي، «باھاسى چۈشكەننى سېتىۋېلىش، ئۆرلىگەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ سېلىش ھەركىتىنى قوللانغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بايلىق يولىدا غەلبىگە ئېرىشەلەمتى؟

جاۋابى ئەلۋەتتە «ياق.»

بۇ مىسال دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى: يەنى ، نامراتلار «باھاسى چۈشكەننى سېتىۋېلىپ، ئۆرلىگەننى ئالمايدۇ،» بايلار «باھاسى ئۆرلىگەننى ئېلىپ، چۈشكەننى ئالمايدۇ.»

قەدىمدىن –ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ تارىخىدا، يامېن.ھامغا ئوخشاش «باھاسى ئۆرلىگەننى ئېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» پىرىنسىپىنى چۈشىنىدىغان بايلار ئاز ئەمەس، «پايچەك پىرى» دەپ نام ئالغان ياش سىتۇيەنئېن دەل «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ يولىنى چۈشىنىدىغان باي.

سىتۇيەنئېن ئادەتتىكى بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى پايچەك ۋاستىچىسى بولۇپ،سىتۇيەنئېنغا قويغان تەلىپى ناھايىتى قاتتىق ئىدى.

دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن سىتۇيەنئېن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى»،«سودا ھەپتىلىكى» قاتارلىق مالىيە تۈرىدىكى گېزىت – ژورناللارنى كۆرۈشكە باشلىغان،ھەمدە دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ 24 سائەت قويۇلىدىغان ئىقتىساد قانىلىنى كۆرگەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا، سىتۇيەنئېندە پايچىكىگە بولغان تونۇش ھاسىل بولۇپ،دائىم پايچەكنىڭ ئۆرلەش – چۈشۈشىگە نىسبەتەن مۆلچەرلەش ئېلىپ بارغان، مەسىلەن:كىيىنكى ھەپتىدە قايسى پايچەكلەر چۈشىدۇ، قايسىلىرى ئۆرلەيدۇ قاتارلىقلار.

دەسلىپىدە ئائىلىدىكىلىرى ئۇنىڭ پايچەككە بولغان مۆلچەرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، پەقەتلا كىچىك بالىنىڭ ئويۇنى دەپ قارىغان. ئەمما كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ پايچەك ۋاستىچىسى بولغان دادىسى ئوغلىنىڭ مۆلچەرىنىڭ ھەمىشە پايچەك بازىرى بىلەن ئوخشاش چىققانلىقىنى بايقىغان.

سىتۇيەنئېننىڭ پايچەككە بولغان ھەقىقىي قىزىقىشى 1987 – يىلى 10 – ئاينىڭ19 – كۈنى – تاراتقۇلار تەرىپىدىن «قارا رەڭلىك دۈشەنبە» -دەپ ئاتالغان كۈنىدىن باشلانغان. بۇ كۈنى، داۋجىس سانائىتىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچ سانى 508 نۇقتىغا ئۆرلىگەن، بۇ ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن سىتۇيەنئېننى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ پايچەك بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشىنىشكە باشلىغان.

شۇنىڭدىن باشلاپ، پايچەك بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرماپ، دائىم شۇجايدىكى پايچەك بازارلىرىنى ئايلىنىدىغان بولغان. سىتۇيەنئېن پايچەك بازىرىدىكى ئۇلانما كومپيۇتېرنى ئۆگىنىشنى باشلىغان، پايچەك بازىرىدىكى ئەھۋال كۆرسەتكۈچ تاختىنى كۈزەتكەن، يەنە دائىم كۇتۇپخانىلارغا بېرىپ مەبلەغكە ئالاقىدار كىتابلارنى كۆرۈپ،مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاشنى باشلىغان. سىتۇيەنئېن ئۆزىنىڭ ۋورىن.باففىتقا ئوخشاش مىليادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغان.

سىتۇيەنئېن14 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، دادىسى ئۇنىڭ پايچەك بازىرىدا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويغان. «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك پىرىنسىپنىڭ يىتەكلىشى ئارقىسىدا، سىتۇيەنئېن كۆپلىگەن پايچەكلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغان، ھەمدە ئۆزى مايىل بولغان پايلار تەۋە بولغان شىركەتنىڭ پايدا نىسبىتى، ھېساباتى ۋە يىتىلىش نىسبىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ھەر تەرەپلىمە تەھلىل ئېلىپ بارغان، ئاخىرىدا بوۋا – مومىسى بەرگەن 700 ئامېرىكا دوللىرى دەسمايە بىلەن بىر يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغان. قىسقىغىنە ئۈچ ئايدىن كىيىن، بۇ پاينىڭ باھاسى %114 ئۆرلەپ،سىتۇيەنئېننىڭ تۇنجى مەبلەغ سېلىشى غەلبىلىك بولغان.

پايچەككەمەبلەغ سېلىش ماھارىتىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ – يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، سىتۇيەنئېننىڭ پاي بازىرىدىكى مەبلىغىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىمۇ بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلىگەن. 15 ياش ۋاقتىدا سىتۇيەنئېن دادىسىنىڭ ياردىمىدە بىر ئورتاق فوند تەشكىللىگەن، ھەمدە ئۆز قولى بىلەن ئورتاق فوندقا مۇناسىۋەتلىك بىر چۈشەندۈرۈش كىتابى تۈزگەن. بۇ كىتابتا، سىتۇيەنئېن ئاددى ھالدا فوند مەبلىغى ئىستىراتىگىيىسى ۋە خەتىرى، ھەر بىر پاينىڭ تەننەرخى ۋە مۆلچەرلەنگەن پايدا نىسبىتى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەن  ھەمدە بۇ يېڭىچە مەبلەغ فوندىنىڭ ئىسمىنى «سىتۇيەنئېن فوندى» دەپ ئاتىغان.

توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق سىتۇيەنئېن 33 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جۇغلىغان، ھەمدە بۇنىڭ بىرقىسىمىنى پايچەك بازىرىغا مەبلەغ سالغان. «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» پىرىنسىپىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، سىتۇيەنئېن مەبلەغ سېلىپ بىرىنچى يىلى %30دىن ئارتۇق پايدا نىسبىتىگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ يۇقىرىلىغان.

«ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» سىتۇيەنئېننى مەخسۇس زىيارەت قىلغان، ھەمدە بۇنى باش بەتكەباسقان. ئۇلارنىڭ سىتۇيەنئېننىڭ ئىپادىسىگە بەرگەن باھاسى ۋال كوچىسىدىكى پايچەك مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان. ئارقىدىنلا، سىتۇيەنئېننىڭ نامى چىقىشقا باشلىغان،  ئۇنىڭغا ئۈزۈلمەي تېلفۇن ۋە خەت كېلىشكە باشلىغان، نۇرغۇنلىغان پايچەككە مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلىغىنى ئۇنىڭغا بىرىپ ئۆزلىرىگە ۋاكالىتەن پاي سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن سىتۇيەنئېن فوندى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇش شىركەتلىرى، مال – مۈلۈك باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئۇنى دەرس سۆزلەشكە، مەسلىھەتچى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.

كىچىككىنە سىتۇيەنئېننىڭ پايچەك بازىرىدا بۇنچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەنلىكى، بازار سەزگۈرلۈكىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك سىتۇيەنئېن ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پايچەك بازىرىدا مۇقىم ئىلگىرىلەپ، ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېكىسىدىن تەر چىقىرىدىغان، كۆپچىلىك بەس – بەستە تەرىپلىشىدىغان «پايچەك پىرى» غا ئايلانغان.

«باھاسى چۈشكەننى سېتىۋېلىش، ئۆرلىگەننى ئالماسلىق» بىلەن «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» نىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى خەتنىڭ ئورنى ئالماشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بىر – بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مەبلەغ سېلىش ھەركىتى، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەتىجىسىمۇ تەبئىيلا ئوخشىمايدۇ. «باھاسى چۈشكەننى سېتىۋېلىش، ئۆرلىگەننى ئالماسلىق» ياكى «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تىن ئىبارەت بۇ قائىدىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ : سىز نامراتلىققا قاراپ ماڭامسىز ياكى بايلىققىمۇ؟ دوستلارنىڭ ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بايلىقنىڭ بايانى:

مەبلەغ سېلىش شەكلىنى تاللاش جەھەتتە، نامراتلار ھەمىشە «باھاسى چۈشكەننى سېتىۋېلىش،ئۆرلىگەننى ئالماسلىق» نى قارىغۇلارچە تاللايدۇ، بىراق بايلار «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» نى تاللايدۇ، چۈنكى ئۇلار زىياندىن ئۆزىنى قانداق قاچۇرۇشنى بىلىدۇ. گەرچە بايلاردا كەلگۈسىنى كۆرۈش ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇئەييەن تەرەققىيات يۈزلىنىشنى كۆرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار «باھاسى ئۆرلىگەننى سېتىۋېلىش، چۈشكەننى ئالماسلىق» تەك مەبلەغ سېلىش شەكلىنى قوللىنىپ،ئۆزىنى زىياندىن قاچۇرۇشتەك ئىقتىسادىي ئاڭنى يىتىلدۈرىدۇ.

****************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ