A-A+

سىزدە جاپا-مۇشەقەتتىن قورىقمايدىغان روھ بولسۇن

2015-يىل 1-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 228 قېتىم

جېجىياڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى

145701pe2u8dlwu6x7uzro

ئۈچۈنچى باب

سىزدە جاپا-مۇشەقەتتىن قورىقمايدىغان روھ بولسۇن.

*ياخشى ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك

چىڭ چۈن باۋ شىركىتى مۇدىرىيەت باشلىقى فىڭ گىن سىڭ مۇنداق دەيدۇ:‹‹تىجارەتتە يۈز-ئابروي ئىنتايىن مۇيىم،يۈز-ئابرويىنى يوقىتىش -چوڭ يوقىتىش ھىساپلىنىدۇ،تۇغۇلىشىدىنلا ئاددى-ساددىلىققا ئادەتلەنگەن جېجاڭ سودىگەرلىرى تىجارەتتە يۈز-ئابرويىنى ساقلاش ئۈچۈن،بەزىدە قېتىۋالىدۇ،ئىسىلزادىلەردەك بولىۋالىدۇ،بىراق جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا جاپا-مۇشاقەتككە باش ئىگىدىغانلار ئەمەس ››

   سو مىڭ لى  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بازار ئىگىلىكى ئەمدىلا باشلانغان چاغدىلا سىرىتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك ھاياتىنى باشلىغان،20نەچچە يىل ئەپكەش كۆتىرىپ يۇرىت كىزىپ،تۈرلىك جاپا-مۇشەقەتلەرنى يېڭىپ باشقىلار قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى،ئۇنىڭ قارىشىچە تەندىكى جاپالار، ئازاپلار- ئازاپ ھىساپلانمايدىكەن،ھەقىقى جاپا ۋە ئازاپ-روھىيەتتە بولىدىكەن،ئۇ غەلبىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن كىشىلەر ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان ھەتتا ھاقارەت قىلغان،ئۇ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كەزدى،يەرلىكتىكىلەر بىلەن تىل ئ ۇقۇشالمىسىمۇ نۇرغۇن سودىلارنى قىلدى،كونا پاختا ئاتتى،ئاياق يامىدى......نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىدى،نۇرغۇنلار ئۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى پەس كەسىپ دەپ كۆزگە ئىلمىدى،لىكىن ئۇ يۇلىدىن قايىتمىدى،ئۈنتۈنسىز ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولدى،ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان،ھاقارەتلىگەنلەر ھۇشىنى تېپىپ ماڭقىسىنى ئېيتىپ بولغىچە  ئۇ غايەت زور بايلىققا ئىرىشتى.

تۈرلۈك جاپا-مۇشاقەتلەرگە چىداش -جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ غەلبىگە ئېرىشىشىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك سىرىدۇر،جاپانىڭ تىگى ئالتۇن دىگەندەك جاپالىق ئەجىر قىلغانلىكى ئادەم تەببى ھالدا جاپانىڭ راھىتىنى كۆرمەي قالمايدۇ.

داڭلىق ئىقتىسادشۇناس ۋۇ مىي لىيەن مۇنداق دىگەن:‹‹جېجاڭ كارخانىچىلىق روھىيغا ناھايىتى باي يۇرىت،جېجاڭ سودىگەرلىرى -ئەقىللىق،جاپاغا چىدايدۇ،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالايدۇ،ئالغا ئنتىلىش روھى كۈچلۈك بۇلۇپ ئادەمنى قايىل قىلىدۇ››

جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا‹‹كۈندىزى خوجايىن بۇلۇش،كەچتە داق يەردە يېتىش››تەك جاپا-مۇشاقەتكە چىداش روھى،‹‹پۇرسەت بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىش،پۇرسەت بولمىسا پۇرسەتنى ئۆزلىرى يارىتىش››تەك بازار ئېچىش قارىشى،‹‹ھەرقانداق يەرگە ماسلىشىش،ھەرقانداق شارائىتتا تەرەققى قىلىش››تەك ياشاش ئىقتىدارى،باشقىلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىش،باشقىلار چىدىمىغان جاپا-مۇشاقەتكە چىداش،باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىشتەك تۈرلۈك ئىقتىدار بولغاچقا ئۇلار باشقىلار زادىلا ئېرىشەلمەيدىغان بايلىققا ئېرىشكەندۇر.

دېھقان پۇشتىدىن بولغان جېجاڭ 001 ئىلىكتىرون گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ،باش لىدىرى شاڭ چىڭ سۇڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىسىنى زادىلا ئەستىن چىقارمايدۇ،ھەم دېھقان پۇشتىدىن  بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ،جاپا -مۇشاقەتتىن زادىلا ۋايسىمايدۇ،ئۇ مىسال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹1992-يىلى مەن سۈننى ھەمرا ئانتىناسىنى سىناق قىلغاندا ئۆينىڭ گىرادۇسى 40 گىرادۇسقا چىققان ئىدى،خىزمەتداشلىرىم ماڭا ‹  خوجايىن سىرىتقا چىقىپ شامالدىۋېلىڭ ›دىگەنتى ،مەن ئۇلارغا ھىچقىسى يوق،مەن ھازىر دېھقانچىلىق قىلغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى دىگەن ئىدىم،مەن دائىم شۇنداق ئويلايمەن،شۇڭا نىمىلا ئىش قىلسام جاپا ھىس قىلمايمەن.

نۇرغۇن جاپا تارتىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ بۇ خىل جاپاغا چىداش روھيىنى چۈشىنەلمەيدۇ،ھەتتا ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ،بىراق يىللار ئۆتۈپ بۇ جاپاكەش جېجاڭ سودىگەرلىرى غەلىبە قىلىپ كىچىك شىركىتى چوڭ شىركەتكە ،كىچىككىنە دەسمىسى چوڭ كاپىتالغا ئۆزگەرگەندە بولسا ‹‹جاپاغا چىداپ سىجىل ئەجىر قىلغاندىلا ،بۈيۈكلىككە ئىرىشىكىلى بولىدۇ››غانلىقىنى تۇنۇپ يىتىدۇ.

جۇڭگۇدىكى بىرىنچى باي لى جا چىڭ بولسا ئامرىكا ‹‹دەۋىر››ژورنىلى پۈتۈن يەرشارىدىن باھالاپ چىققان 25نەپەر كارخانىچى ئۇستازنىڭ بىرىدۇر.ئۇنىڭ چاڭجاڭ كارخانا گوروھى شاڭ گاڭدىكى بىرىنچى چوڭ گوروھ بۇلۇپ ئۇ  يۇقارقى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىچە ناھايىتى كۆپ جاپا مۇشاقەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن،

‹‹ئەجرىنىڭ تىگى -ئالتۇن››دىگەندەك،جېجاڭ سودىگەرلىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىگىلىك تىكلەش ئىستىگىنىڭ تۈرىتكىسىدە تىجارەت داۋامىدا تۈرلۈك -تۈمەن قىيىنچىلىقلارغا،جاپالارغا،خورلۇقلارغا،ئازاپلارغا چىداپ ئىگىلمەس- سۇنماس جاسارىتى بىلەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى.

       **تىجارەت داۋامىدا ئۇچرىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن ھۇدۇقۇپ كەتمەڭ

ۋاڭيى تور پونكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىڭ لى مۇنداق دىگەن:‹‹ئىنسان ھاياتلىق جەريانىدا نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە ئۇچرايدۇ،بىراق ئۇ پۇرسەتلەر تۈرلۇك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بەدىلىگە قولغا  كىلىدۇ.شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلمىگەنلەر بۇ پۇرسەتلەردىن بەھىرلىنەلمەيدۇ››.

جېجاڭ سودىگەرلىرى ئىنتايىن جىگەرلىك كوللىكتىپ بۇلۇپ،تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدۇ.ئۇلار تىجارەت داۋامىدا ‹‹تۆگىنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول››دىگەن كۆز قاراش بۇيىچە ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇشقا ماھىر كىلىدۇ.ھەرقانداق زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىمۇ چىشىنى چىشلەپ يېڭىپ كىتەلەيدۇ.ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر ئەقلىيە سۈزى بار:‹‹ھەقىقى تىجارەت جەريانى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراش جەريانىلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكى،شۇ ئۈچرىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە يول ئېچىپ ئىلگىرلەش جەريانىدۇر››.

زىڭ چاڭ بىياۋ جېجاڭ ۋېنجۇلۇق.1992-يىلى شېنياڭغا كىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. قىسقىغىنا 15يىل جەريانىدا ئۇنىڭ رەھپەرلىكىدىكى جوڭشۇ گوروھى ناھايتى تىز تەرەققى قىلغان.تىجارەت دائىرىسى دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلىگەن چاغدىكى رەخت سودىسىدىن تەرەققى قىلىپ سائەتچىلىك،تۈرلى مال،سودا مەيدانلىرى،خەلقارا سودا ،پۇل- مۇئامىلە،يەر-مۈلۈك قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيگەن.بەزىلەر ئۇنى ‹‹تولىمۇ ئامەتلىك››دىيىشىدۇ،لىكىن ئۇ بۇ سۆزگە قارىتا مۇنداق دەيدۇ:‹‹مېنىڭ ئامىتىمنى ئۆزۈم بەرپا قىلغان››.

زىڭ چاڭ بىياۋ ئۈچ ياش ۋاقتىدا بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ يول مېڭىش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ ،ئۇ قىلچە مەيۈسلەنمەستىن ئۆزىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىگە تايىنىپ نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى يارىتىپ ئۆزىنىڭ بىر مەجروھ قۇش ئەمەس،بەلكى كۆك قەھرىدە پەرۋاز قىلالايدىغان بۈركۈت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ بەخىتسىز بالىلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹تۇرمۇشتىكى زەربە ھاياتلىق سەپىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش ئادەمنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىدىكەن،پىشىپ يىتىلدۈرىدىكەن.جىسمىمدىكى مەجروھلۇقتىن بولسا كېرەك ھەرقانداق بىر ئىش قىلسام مۇكەممەللىكنى قوغلىشىمەن.بەزىدە پىكىرىم باشقىلار بىلەن بىر يەردىن چىقمايمۇ قالىدۇ.ئۆزەمنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىگە سەۋىيەمنىڭ تەدرىجى ئۈسىشى قۇشۇلۇپ ئۆز-ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەم تېخىمۇ كۈچەيدى،ئۆزەم مەجروھ بولغاچقا ھەرقانداق ئىشتا كۈچلۈكلەردىن بۇلۇشقا ئىنتىلىمەن.ئۇنىڭدىن باشقا مەن بالىنىڭ چوڭى بولغاچقا ئىنى-سىڭىللىرىمغا ياخشى ئۈلگە بۇلۇشنى ئويلاپ كىچىكىمدىنلا ئۆگۈنۈشتە ناھايتى قېتىقىناتتىم.مېنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرىم-ھەر قېتىم بىرەر ئىشتا غەلبە قىلغاندا باشقىلارغا ئوخشاش زىيادە خوش بۇلۇپ كەتمەيمەن.چۈنكى غەلبىگە ئەگىشىپلا كىلىدىغىنى يېڭى بىر تۈرلۈك قىيىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن بىر قىيىنچىلىق ۋە زەربىگە ئۈچرىغاندا زىيادە ھۇدۇقۇپ كەتمەيمەن ،چۈنكى قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدىنلا غەلبىنىڭ ئەگىشىپ  كىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن.››

ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خادىملار ئۇنى خىزمەت مەستانىسى دىيىشىدۇ.زىڭ چاڭ بىياۋ ئالدىراش ۋاقىتلاردا بىرنەچچە سائەت ئۇخلىغاندىن باشقا كۈن بۇيى ئالدىراش ئىشلەيدۇ.ئۇنىڭ شۇئارى‹‹قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق››بۇلۇپ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ئۇ ئاسانلا پۈتتۈرىدۇ.ئۇنىڭ تىجارەت ھاياتىدا نۇسرەت قۇشقان چاغلىرىمۇ،قاتتىق دۈم چۈشكەن چاغلىرىمۇ بولغان.بىراق ئۇ تىجارەتتىكى پايدا-زىيانغا قارىتا ئىنتايىن سالماق بۇلۇپ،قىيىنچىلىقتىن ھۇدۇقمايدۇ،غەلبىدىن ھۇشىنى يوقاتمايدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق قىممىتىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

ئەنگىلىيەلىك داڭلىق كارخانىچى يۇھان كارخانىچىلىق ھەققىدە مۇنداق دىگەن:‹‹قەتئى ئىرادەڭ بولمىسا سەن بۇ خىزمەتنى قىلالمايسەن.بۇ خىزمەت تەبىئىكى ناھايتى ئېغىر بىر سىناق،ئۇ سەندىن ئۇزاق مەزگىللىك جىسمانى قۇۋۋەتنى،خىزمەت بىلەن تەڭ خوراپ ماڭىدىغان چىدامنى،بېسىم ئاستىدا ھۇدۇقمايدىغان تەمكىنلىكنى،كۈچلۈك تەدبىر بېكىتىش تالانتىنى، كىلىپ چىقىدىغان ھەرقانداق ناچار ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بۇلالايدىغان ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدۇ.يۇقارقىلاردىن بىرەرسى كام بولسا سەن كارخانىچى بۇلالمايسەن.‹قەتئى ئىرادىلىك بۇلۇش› غەلبە قىلغانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر››.

جېجاڭ جىلىيا لۈڭگە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگۇنىڭ  ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئىلمە-تۇقۇلما بۇيۇملار جەمىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت كارخانىسى شۇنداقلا جېجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئىشەنچتە ئۈلگىلىك كارخانا بۇلۇپ جۇڭگۇ لۈڭگە كەسپىنىڭ بايراقدار كارخانىسى.جۇڭگۇدىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنىڭ بىرى.

جىلىيا شىركىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىمۇ ناھايتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.ئۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات جەريانىغا قارايدىغان بولساق-قىيىنچىلىققايۇلۇقۇش ۋە ئۇنى يېڭىش،يەنە قىيىنچىلىققا ئۇچراش يەنە ئۇنى يېڭىش جەريانى ئىكەنلىكىنى كۈرىمىز.

تىجارەت جەريانىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دائىم يۇلۇقۇپ تۇرىمىز.تىجارەت دائىرسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقنىڭ قىيىنلىق دەرجىسىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. تىجارەتتە زەپەر قۇچاي دىسىڭىز -ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ھۇدۇقماي ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇڭ.پايدىسىز ئەھۋالدا بەل قۇيىۋەتمەي تىنىمسىز ئىلگىرلىسىڭىزلا غەلبە چۇقۇم سىزگە مەنسۇپ بۇلىدۇ.

                     ***جاپا  تارىتقانغا ھىچكىم  ئۆلۈپ قالمايدۇ

جېجاڭ     خىڭ  بو          سۈزگۈچ مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى جۇ شۇ جوڭ مۇنداق دىگەن:‹‹جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ جاپا-مۇشەقەتكە چىداش روھى ھەممىزگە ناھايىتى تۇنۇشلۇق،ئۇلار ئىگىلىك تىكلەش يۇلىغا ماڭغاندا مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن،ئۇقۇش تارىخى يوق،كىلىپ چىقىشى نامرات بۇلۇپ نامراتلىق ئۇلارنى قىينىغان،مۇھتاجلىق ئۇلارغا ھار كەلگەن،ئۇلار ئۇزۇن ئويلىنىپ ئىگىلىك تىكلەش يۇلىنى تاللىغان ھەم بۈگۈنكىدەك غايەت زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

تىجارەت جەريانىدا جېجاڭ سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشىپ يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

جىڭتەي گوروھىنىڭ مۇدۇرىيەت باشلىقى ،لىدىرى نەن سۇڭ خۇي جېجاڭ لىياۋشىلىق.ئۇ تۇلۇقسىز ساۋادىغا ئىگە.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹مەن تۇلۇقسىز 2-يىللىقتا ئۇقۇۋاتقاندا دادام ھادىسىگە ئۇچراپ يېتىپ قالدى.ئانامنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.بالىنىڭ چوڭى بولغىنىم ئۈچۈن ئۆينىڭ يۈكىنى مەن ئۈستۈمگە ئېلىشقا توغرا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن 13يېشىمدىن باشلاپ موزدوزلۇق قىلىشقا باشلىدىم.ئۈچ يىللىق موزدوزلۇق جەريانىدا مەن گەرچە كۆپ پۇل تاپمىغان بولساممۇ،سەمىمى ئادەم بۇلۇشنى ئۆگەندىم ھەم سۈپەتنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم.بىر ئادەم چوڭ ئىش قىلماقچى بۇلىدىكەن چۇقۇم بىر ئاددىي ئىشتىن باشلىشى كېرەك.ئاددىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس.››

تىجارەت داۋامىدا نەن سۇڭ خۇي ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى كەسپىدىكى چەكسىز بازارنى بايقىۋالدى-دە،موزدوزلىقىنى تاشلاپ ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى سودىسىغا كىرىشتى.نەن سوڭ خۇي مۇنداق دەيدۇ:‹‹يېڭى باشلىغاندا سەن نەچچە ئون سوم  ،مەن نەچچە ئون سومدىن مەبلەغ چىقىرىپ تۆتىمىز بىرلىشىپ بىر مال تەكچىسى(پۇكەي)ئىجارە ئېلىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە بىر ئاي سودا قىلىپ 35 سوم پۇل تاپتۇق.بىز ناھايتى خوشال بولدۇق.چۈنكى تۇنجى ئېيىدىلا زىيان تارتمىغان ئىدۇق.چوڭ ئىش قىلماقچى بولغان ئادەم تىز بېيىپ كىتىش تاماسىدا بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.مال-دۇنيا سىنىڭ قان-تەرىڭ بەدىلىگە كىلىدىكەن.شۇ چاغدا مېنىڭ كۈندە تاپقان پۇلۇم باشقىلارنىڭكىدىن كۆپرەك بۇلاتتى،چۈنكى مەن باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك تەر ئاققۇزاتتىم››.

قىيىنچىلىقنى يېڭىپ،جاپا-مۇشاقەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش جېجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى.ئۇلار مۇۋاپىقەيەت يۇلىغا قاراپ ماڭغاندا بۇ يولدىن ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ.مۇۋاپىقەيەت قازىنىشتىن بۇرۇن  ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى-بەدەل تۆلەش،بەدەل تۆلەش يەنىلا بەدەل تۆلەشتۇر.ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:‹‹تىجارەتتە دەسمايەڭ بولمىسا كېرەك يوق،يۇلۇڭ

-مۇناسىۋىتىڭ بولمىسىمۇ كېرەك يوق،پەقەت ئىشچان بىر جۈپ قۇلىمىز بولسىلا ،جاپاغا چىداپ ئىشلىسەكلا ھەممە ھەل بۇلىدۇ.ئازراق تەر ئاققۇزۇپلا توختاپ قالماستىن ئەمگىكىمىز ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىپ ،بىر قەدەم بىر قەدەمدىن بايلىق توپلاپ قەدەممۇ قەدەم كۈچلۈكلەر،غالىپلار قاتارىغا ئۈتەلەيمىز››.

خۇدا مەلۇم بىر بەندىسىگە ئالاھىدە ئېتىبارمۇ قىلمايدۇ ياكى بىرەر بەندىسىنى نائۈمۈتتىمۇ قويمايدۇ،شۇڭا بىز قانداق بەدەل تۆلەشنى ،قانداق تىرىشىشنى،ئۆز ئۆزىمىزنى قانداق يېڭىشنى ئۆگۈنىۋالساقلا غەلبە بىزنىڭ بۇلىدۇ.

      خېگۇۋ گوروھىنىڭ باشلىقى ۋېن نەن داۋ --جېجاڭ يۈياۋلىق.ئۇ   IT چاتما دۇكىنى بىلەن سودا،يەر-مۈلۈك كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ 16يىلدا سودا مۆجىزىسىنى يارىتىپ تۆت مىليارت 235مىليۇنلۇق قىممەت ياراتتى.

ئۇ جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپلا بىر ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە لىنفېڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنى قۇردى ھەم ئىنتايىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى.قىينچىلىقتىن قورقۇپ قالمىدى.ئارقىدىنلا خاڭجوۋنىڭ ئاۋات يېرىدىن كومپىيوتىر شەھەرچىسى ئاچتى.تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 40 يەردە IT چاتما دۇكىنىنى ئاچتى.ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى غەلبىنىڭ بەدەل تۆلەش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.جېجىياڭ سودىگەرلىرى بەدەل تۆلەشتىن قورقماي كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن تەر ئاقتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە بۈگۈنكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

***كەسىپڭىزگە ئىخلاس قىلىشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇڭ.

جېجىياڭ جىنخۇالىق كارخانىچى جو ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:‹‹بىر ئادەم مەيلى قانداقلا كەسىپ قىلمىسۇن كەسپىگە ئىخلاس قىلىشى كېرەك.چوڭ ئىشلاردىمۇ شۇنداق،كىچىك ئىشلاردىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.ئۆزىگە ئىشلىسۇن ياكى باشقىلارغا ئىشلىسۇن چۇقۇم كەسپىگە ئىخلاس قىلىشى كېرەك.كەسپىگە ئىخلاس قىلىش دېگەنلىك پۈتۈن مەقسەت -ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىنى بېرىلىپ قىلىش دېگەنلىكتۇر.››

جېجىياڭ سودىگەرلىرى ئەمەلىي بولۇش،تىرىشچانلىق بىلەن كەسپىگە ھۆرمەت قىلىش،جاپاغا چىداش،مېڭىسىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش،قىلغان كەسپىنى سۈيۈش ئالاھىدىلىكى بىلەن شۆھرەت قازاندى.كەسپىگە ئىخالس قىلىشمۇ جېجىياڭ سودىگەرلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.

چېن جى شىڭ بولسا جېجىياڭ نېڭبولۇق.ئۇ يېڭى شىركەتكە كىرگەن ۋاقىتتا ئادەتتىكى خادىم ئىدى.ئۇنىڭ كەسپكە بولغان يۈكسەك ئىخلاسى ئۇزاققا قالمايلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.ئۇ نەگىلا بارسۇن ئىمزا قويغاندا ئۆزىنىڭ شىركىتى ،خىزمەت ئورنى بىلەن بىللە قوياتتى.ئۇزاققا قالماي بۇنى مۇدۇريەت باشلىقى سېزىپ ئۇنى تەربىيلەپ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى.ئۇزۇنغا قالمايلا ئۇ يېڭى مۇدۇريەت باشلىقى بولۇپ قالدى.

كەسپكە ئىخلاس قىلمىغان ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەن بولىدۇ.ئۆزىنى خىزمەتكە ئاتىيالمايدۇ.خىزمەت جەريانىدا مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلالمايدۇ.خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈن ئۆتكۈزۈش ھېسابلىنىپ ،ھېچقانداق خىزمەت پىلانى بولمايدۇ.ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا نىشانىمۇ بولمايدۇ.سودا ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە ئامەت مۇھىم بولسىىمۇ ئەستايىدىللىق،تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەشنىڭ رولىمۇ ناھايىتى مۇھىم.كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ئۇنى ياخشى قىلىشقا ئادەتلەنگەندە ئۆزىنى تاۋلاپ چوڭ ئىش قىلىشنىڭ ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

ھازىرقى مودا گەپ بويىچە دېگەندە ‹‹بۈگۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلمىسىڭىز،ئەتە تىرىشىپ خىزمەت ئىزدەيسىز››.شۇڭا،كەسىپكە ئىخلاس قىلىش روھى بولسا دەۋىرنىڭ چاقىرقى، جەمىئەت تەرەقىياتىنىڭ تەقەززاسى.ئىجتىمائىي رىقابەتنىڭ تەلىۋى.يەنە ئۆز-ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تەلىۋى.بازار ئىگىلىكى-رىقابەت ئىگىلىكىدۇر.بىر كەسپىي خادىم ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا خىزمىتىنى بېرىلىپ ئىشلەپ تۈجۈبىلەپ خىزمەت قىلغاندىلا كەسكىن رىقابەت قاينىمىدا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.كەسىپكە ئىخلاس قىلماي ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزسە ،ئىشلارنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلسا ھەر قانداق ياخشى خىزمەت بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمايدۇ.

*****************

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

مەنبە:بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتى2013-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلغان  خەنچە ‹‹ جېجاڭ سودىگەرلىرىنى غەلبىگە باشلىغان 22 تۈرلۈك سودا قائىدىسى››دىگەن كىتاب

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ