A-A+
چۇڭچىڭدا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەشەمەتلىك قەبرە بايقالدى
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، چۇڭچىڭدا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قوش لەھەتلىك ھەشەمەتلىك قەبرە بايقالدى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك مەدەنىي ئاسارە-ئەتىقىلەر تەتقىقات ئورنىدىن ئىگەللىنىلىشىچە، يېقىندا چۇڭچىڭ شەھىرى جىياڭجىن رايونى بەيشا بازىرىدىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قوش لەھەتلىك ھەشەمەتلىك قەدىمىي قەبرە بايقالغان بولۇپ، لەھەتنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا ئويما نەقىشلەر بار ئىكەن، ئارخىئولوگلارنىڭ پەرىزىگە قارىغاندا، بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى بەلكىم بىر قەدەر يۇقىرى سالاھىيەت دەرىجىسىگە شۇنداقلا يۇقىرى ئىجتىمائىي تەبىقىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىگەللىنىلىشىچە، بۇ قەبرىلەر تارىختا ئوغرىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن.(نۇر تورى تەرجىمىسى)