بايلار ئەقىل توپلايدۇ
سۈرەتتە : ۋاڭيى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 2016 -يىلى خۇرۇن دۇنيا مىليادىرلىرى تىزىملىكىدە 121-ئورۇندا تۇرغان مىليادىر دېڭ لېي
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار پۇل توپلايدۇ، بايلار ئەقىل توپلايدۇ
مۇنداق بىرھېكىمەتلىك ھىكايە بار:
بىر باي بۇلاڭچىلارغا ئۇچراپ قاپتۇ، بۇ ۋاقىتتا باي قاراقچىلارغا قاراپ تەمكىنلىك بىلەن: «سەن مېنىڭ ماشىنامنى ئېلىپ كەتسەڭ بولىدۇ، پۇللىرىمنى بۇلىساڭ بولىدۇ، ئەمما مېنى ئۆلتۈرمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.سەۋەبى ھايات بولساملا كۆپ ئۆتمەستىن مەن قايتىدىن بۇ نەرسىلەرگە ئىگە بولىمەن، ئەمما سەنچۇ؟ مەندىن بۇلاپ كەتكەن پۇل – ماللار تۈگەپ كەتكەندە، سەن يەنە ھېچنىمەڭ يوق نامراتقا ئايلىنىسەن.» دەپتۇ.
قاراقچى باينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تىگىگە يىتەلمەي سوراپتۇ: «بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟»
باي ئۆزىنىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «چۈنكى مېنىڭ بارلىق بايلىقىم مۇشۇ جايدا، ئۇ باشقا ئالتۇن– كۈمۈش، پۇل – ماللاردىن قىممەتلىك.» دەپتۇ.
ھىكايىدىكى باي ناھايىتى ئاقىلانىلىك قىلغان، ئۇ ئەڭ پۇلغا يارايدىغان نەرسىسىنىڭ يانچۇقىدىكى مال – مۈلۈك ئەمەس، بەلكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرگە ئوخشايدىغان مېڭىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. پەقەت ئۇنىڭ بېشى ئامان بولسىلا، يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ھامان بىر كۈنى تولدۇرۋالىدىغان كۈن كېلىدۇ. ھازىر ئۆزى بۇلاڭچىغا ئۇچراپ نامراتقا ئايلىنىپ قالسىمۇ، يىللاردىن كىيىن يەنىلا باي ئادەم بولالايدۇ.
بۇنى پەقەت بايلارنىڭ قارىغۇلارچە ئۈمىدى دەپ قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى دەل مۇشۇنداق تەپەككۇر بولغاچقا، بايلار باي بولالىغان. بولۇپمۇ بۈگۈنكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە، مېڭىنىڭ تولدۇرۇلۇش دەرىجىسى يانچۇقنىڭ تولدۇرۇلۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئوخشاشلا، پۇلغا تولغان يانچۇققا ئەقىل-پاراسەتكە تۇيۇنغان بىر ئۆتكۈر مېڭە ئارقا تۈۋرۈك ۋە كاپالەت بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق بولىدۇ، خالاس.
يانچۇق ۋە مېڭىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەرسىگە نىسبەتەن، بايلار ۋە نامراتلارنىڭ پوزىتسىيىسى قەتئىي ئوخشىمايدۇ. نامراتلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا كۆڭۈل بۆلىدۇ،يانچۇقىغا ئازراق نەرسە قوشۇلسا خۇش بولۇپ قېن – قېنىغا پاتمايدۇ، يانچۇقىدىن ئازراق نەرسە چىقىپ كەتسە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايدۇ. بىراق بايلارنىڭ قارىشىچە، نامراتلارنىڭ بۇنداق ھەرىكىتى ناھايىتى ئەخمىقانىلىق، ھەمدە كىچىك بالىنىڭ ئىشىدەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى بايلار بايلىقنىڭ ئەقىللىق مېڭىدىن كېلىدىغانلىقىنى، بىلىمنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.شۇنداقلا بايلىققا ئېرىشىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، يانچۇقنى پۇلغا تولدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىدۇ.سەۋەبى -مېڭە بىلىم بىلەن تولۇقلانغاندىلا يانچۇقمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپلا تولۇقلىنىشقا باشلايدۇ.
بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان مېڭىنى تولۇقلاش دەل كونا كۆز – قاراشلارنى يېڭىلاشنى، توختىماستىن بايلىق توپلاشقا ياردىمى بولىدىغان يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئەقلىي تەپەككۇر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا مېڭىمىزنى بىلىم بىلەن قانداق قوراللاندۇرىمىز؟ئەلۋەتتە توختىماستىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
بويىن. سۇش -دەۋرىمىزدىكى دۇنياغا داڭلىق ناتىق ۋە ئەڭ بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەت تەدبىرى يىتەكچىسى. ئۇ ئادەتتىكى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن مەجبۇرىي توختىغان. بىلىمىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبلىك، ئۇ ھاياتىنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇنلىغان جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلغان، مەسىلەن: قاچا يۇيغۇچى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، ياغاچچى ۋە قۇدۇق قازغۇچى قاتارلىقلار.
30 ياشقا كىرىپمۇ يەنىلا نامرات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بويىن. سۇش ئۆزىدىن توختىماستىن:«نېمىشقا بەزى كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارغا قارىغاندا باي؟ مەن قانداق قىلسام تەغدىرىمنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمەن؟» دەپ سورايدۇ.
توختىماستىن كۈزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق، بويىن ئاخىرى شۇنى بايقاپتۇكى، ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىغان ئاچقۇچ توختىماستىن ئۆگىنىپ،مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدى.
بۇ نۇقتىنى دەل ۋاقتىدا ھېس قىلغان بويىن توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋاپىقەيەت قازىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، ھەمدە بىر بۈيۈك مۇلاھىزە يىتەكچىسىگە ئايلىنىدۇ.
ھەقىقەتەن مېڭە يەنى مېڭىدىكى ئەقىل-پاراسەت يانچۇقنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بايلىق يولى ئەمدىلا باشلانغاندا بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ پەقەت يانچۇققىلا كۆڭۈل بۆلگەندە، ئۇنداقتا يانچۇق پۇلغا قانچىلىك توشسىمۇ پەقەت ۋاقىتلىق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئوزۇنغا بارمايدۇ.
يانچۇقتىكى نەرسە بەدىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى نەرسە بولۇپ، ھەم ئېرىشكىلى ھەم ئاسانلا يوقاتقىلى بولىدۇ، پەقەت مېڭىدىكى بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەتلا ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق بولۇپ، ئۇ ئىزچىل چوڭ مېڭىمىزدە ساقلاقلىق بولىدۇ. ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيمىز (ئەلۋەتتە ئۇ بىر قېتىملىق ئەمەس). ئالتۇن – كۈمۈش پۇلغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ كىشىلەر ئىگە بولغان ھەقىقىي بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلار توختىماستىن ئۆگىنىشنى، مېڭىسىگە «ماي قاچىلاپ» تۇرۇشنى بىلىدۇ، ئۇلار پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى، داۋاملاشتۇرغىلى ھەمدە بايلىقنى زورايىتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
لى جىياچېڭ شاڭگاڭغا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتتىلا، ئەگەر شاڭگاڭدا پۇت دەسسەپ تۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم شاڭگاڭ جەمئىيىتىگە كىرىش ۋە ماسلىشىش كېرەكلىكىنى،شاڭگاڭلىقلاردىن ئۆگىنىپ، تىل ئۆتكىلىدىن ئەڭ بۇرۇن ئۆتۈش لازىملىقىنى چۈشەنگەن.ئەگەر تىلنىمۇ بىلمىگەندە، بۇ جايدا ھايات كەچۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، چوڭ نەتىجە قازىنىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايىتتى. شاڭگاڭنىڭ ئورتاق تىلى بولسا گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزى بولۇپ، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئادەم بۇ تەلەپپۇزدا سۆزلىيەلمىسە،ئىلگىرىلىشى ناھايىتى تەس بولاتتى، شۇڭا چوقۇم تىل ئۆگىنىش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئېنگىلىزتىلى شاڭگاڭنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ سەل قاراشقا بولمايدىغان، ناھايىتى ياخشى بولغان ئالاقە قورالى ئىدى.
چاۋجۇدا چوڭ بولۇپ، چاۋجۇ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان لى جىياچېڭ بۇ ئىككى خىل تىلغا نىسبەتەن ناھايىتى ناتونۇش ئىدى، قىيىنچىلىق ئۇنىڭغا ئايان بولۇپ، چوقۇم نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى.
كۆپ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، لى جىياچېڭ ئاخىرى گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئېنگىلىز تىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تىلنى ئىگەللىگەن، بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى سودا ئىشلىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالغان.
بۇجەمئىيەتكە كىرگەن دەسلەپكى باسقۇچتا لى جىياچېڭ تاغىسىنىڭ جۇاڭجىڭيەندىكى شىركىتىدە شاگىرىت بولىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ توختىماستىن ئۆگىنىش ئارقىلىق باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگەنگەن.
ئۇنىڭدىن كىيىن لى جىياچېڭ ئۆزىنىڭ تەرەپ – تەرەپلەردە چېپىپ يۈرۈيدىغان سېتىش خىزمىتىنى باشلاپ، توختىماستىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سودا بىلىملىرىنى موللاشتۇرۇپ،دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىدىكى سودا ھۈجەيرىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەمدە نۇرغۇنلىغان دوست تۇتۇپ ئۇلاردىن ھەرخىل جەمئىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،سېتىقچىلىق جەريانىدا ئۇ سەمىمىي ئادەم بولۇشتەك جاھاندارچىلىق پەلسەپىسىنى ئۆگىنىۋالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ كىيىنكى ئىگىلىك يارىتىشى ئۈچۈن زور ياردەملەرنى بەرگەن.
ئېنىقكى، لى جىياچېڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئىزچىل ئۆگىنىش روھى ۋە توختىماستىن مېڭىسىگە ئىنىرگىيە توپلاشتەك روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان بولسا، لى جىياچېڭنىڭ شاڭگاڭدا ئادەتتىكى ئالاقىلەرنى ئېلىپ بېرىشىمۇ تەسكە چۈشۈپ، كىيىنكى تەرەققىياتىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايىتتى؛ ئەگەر مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان بولسا،
لى جىياچېڭ باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى،پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنەلمىگەن بولاتتى؛ ئەگەر مېڭىسىنى تەرەققىي قىلدۇرمىغان بولسا، لى جىياچېڭنىڭ سودا، جەمئىيەت بىلىملىرى بىلەن تونۇشلۇق بولۇشى، سودا مەيدانلىرىدا غەلبە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بايلاردىكى ئەڭ پۇلغا يارايدىغان نەرسە ئۇنىڭدىكى بايلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەقىللىق مېڭىسى. باشقىچە ئېيىتقاندا، بايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا نامراتلارنىڭ نامراتلىقى پۇلدا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، نامراتلارنىڭ بايلارغا ئايلىنىشىدىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن بايلىق ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى ئازغىنە پۇلدا، ھەيۋەتلىك بەدەندە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مېڭىسىدە.
شۇنى بىلىش كېرەككى، دۇنيادا پەقەت ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولغان نامرات مېڭە بار، ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولغان نامرات يانچۇق يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن دوستۇم، سىزنىڭ ئىقتىسادىڭىزدىن مەسىلە چىققان ۋاقىتتا، ھەرگىزمۇ ھە دىسىلا يانچۇقىڭىزغا دىققەت قىلماسلىقىڭىز كېرەك، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئاۋۋال تەكشۈرۈپ بېقىڭ. مېڭىنىڭ قىممىتى سىزنىڭ يانچۇقىڭىزنىڭ كېڭىيىشىنى بەلگىلەيدۇ. باي بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ نەزەر –دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز، بۇ ئارقىلىق مېڭىمىزنى تولۇقلىشىمىز كېرەك.
دىققەت قىلىش كېرەككى، ئالەمدىكى بارچە مەخلۇقاتلار توختىماستىن ئۆزگىرىدۇ، مېڭىمىزدىكى بىلىمنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. پەقەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، توختىماستىن مېڭىمىزدىكى بىلىملەرنى يېڭىلىساقلا، ئاندىن رىقابەت كەسكىن بولغان بۈگۈنكى جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايمىز.
بايلىقنىڭ بايانى :
دۇنيادىكى كاتتا زەردار بېل. گەيتىس ئىلگىرى: «مېنىڭ بارلىق بايلىقىمنى ئېلىپ كېتىپ مېنى قۇملۇققا تاشلاپ قويسا، ئەگەر بىر سودا ئەترىتى بۇ جايدىن ئۆتۈپلا قالسا، مەن يەنە بىر قېتىم دۇنيادىكى بىرىنچى بايغا ئايلىنىمەن.» دىگەن. مۇقىم، ئوزۇن مەزگىللىك بايلىققا ئېرىشىشتىكى ئاچقۇچ توختىماستىن ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى بىلىم بىلەن تولۇقلاپ،ئىزچىل بايلىق ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتە. سىزنىڭ مېڭىڭىز باي بولغاندا، پۇل –مال ئۆزلۈكىدىن سىزنىڭ يانچۇقىڭىزغا ئېقىپ كىرىدۇ.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 1-قىىمىدىن ئېلىندى