دىيارىمىزدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتەپلىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
دىيارىمىزدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ھەقىقىي خەۋەر تېپىش ئۈچۈن جۇڭگۇنىڭنۆۋەتتىكى قاشتېشى مائارىپ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش زۆرۈر بولىدۇ . شۇڭا ئالدى بىلەن جۇڭگۇنىڭ قاشتېشىمائارىپ ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ئويمىچىلىق مەكتەپلىرى بىلەن تۇنۇشىمىز .
1. جوڭگۇ قاشتېشى مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
ئىسلاھات،ئېچىۋېتىشتىن كىيىنكى بازار دۇلقۇنىدا قاشتېشى بازىرىنىڭ جانلىنىشى،بولۇپمۇ خوتەن قاش بازىرىنىڭ
مۆلچەردىكىدىن نەچچە ئون ھەسە تېز سۈرئەت بىلەن يۇقۇرى كۆتىرىلىشى نەتىجىسىدە قاشگەرلىك ئېلىمى
مەدەنىيەت بازىرىدىكى غوللۇق كەسىپ ھەم قىزىق نوقتىغا ئايلاندى.ۋە بۇ قىزغىنلىق جوڭگۇ مائارىپىدا ئۆز
ئىپادىسىنى تاپتى.خوتەن قاشلىرىغا بولغان تەتقىقاتنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى،كىشىلەرنىڭ قاش ۋە
قاش مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ جوڭگۇدا 89 ئۇرۇندا مەخسۇس قاشگەرلىك
مەكتەپلىرى ياكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ قارمىقىدىكى قاشگەرلىك كەسپى ئىنىستىتوتلىرى بارلىققا كەلدى.بۇ مەكتەپلەر 1992-يىلدىن باشلاپ قاشگەرلىكنىڭ ھەرقايسى تارماق كەسىپلىرىنى چۆرىدىگەەن ھالدا گۈھەر قاشتاشلار كەسپى
بويىچە دوكتۇر،ماگىستىر ئاسپىرانت،باكلاۋىرلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كەسىپ ئىگىلىرىنى تۈركۈملەپ
يىتىشتۈردى.بۇ ئىختىساس ئىگىلىرى بۈگۈنكى جوڭگۇ قاشگەرلىك تەتقىقاتى ۋە قاش-تاش
بازىرىنىڭ تەرەقىياتىدا تىگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇردى ھەم قىلدۇرىۋاتىدۇ.
جوڭگۇنىڭ قاشگەرلىك مائارىپى نوقتىلىق تەرەقىي قىلغان ئۇرۇنلار بېيجىڭ ،شەڭخەي،گۇئاڭدوڭ،يۈننەن، جىياڭسۇ ،خېنەن ،گۇئاڭشى قاتارلىق جايلار بولۇپ،قاشگەرلىك مەكتەپلىرىنىڭ كونكىرىت جايلىشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
ھازىرغىچە(2013-يىلى يىل ئاخىرغىچە) ئېنىقلانغانلىرى يۇقارقى ئۇرۇنلاردىكى مەكتەپلەر بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە
جوڭگۇ گىئولوگىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ۋۇخەن ئۈنچە-مەرۋايىت ئىنىستىتوتى 中国地质大学(武汉)珠宝学院
ۋە بېيجىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت ئىنىستىتوتى 中国地质大学(北京)珠宝学院 ، شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ خوتەن قاشلىرى ئىنىستىتۇتى ناھايتى داڭلىق.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاش-تاشچىلىق تەرەققىي قىلغان رايۇنلاردا قاشگەرلىكتىكى خاس تۈرلەر بۇيىچە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ئېچىلىپ توختاۋسىز ئادەم تەربىيلىنىۋاتىدۇ.دۆلەت قاشگەرلىك كەسپى ۋە قاشتېشى بازىرىنى نوقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈپ بۇ ساھەنى پايدىلىق بولغان سىياسى،ئىقتىسادىي
مۇھىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
مەنبە:‹‹جوڭگۇ خوتەن قاش بازارلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش دوكىلاتى-(2013-يىللىق )››ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى
ئىلاۋە:خوتەن قاشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان قاشتاشلارنىڭ ئىچىدە سۈپەت جەھەتتىن بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ھەم ئۇ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدۇ.ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭخۇا خەلق جەمھۇريىتىنىڭ پۇقرالىرى ،قاش ماكانىنىڭ ئىگىلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ قاشگەرلىككە ئائىت تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەتلىرىدىن،مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا،بۇ ئارقىلىق قاشگەرلىك كەسپىنى زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تامامەن ھەقلىق.ئەپسۇس ،دىيارىمىزدا ئانا تىلىمىزدىكى قاشگەرلىك مائارىپىنىڭ بولماسلىقى،قاشگەرلىرىمىزنىڭ كەسپى ھەم مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ھەتتا قاشگەرلىك كەسپىگە بەزىلەرنىڭ بىتەرەپلىمە قارىشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر قاشگەرلىك كەسپى خىرىسقا دۇچ كەلدى.قاشگەرلىرىمىز زامانىۋى كەسپى مائارىپتىن بەھىرلىنەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەت ،ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى .زامانىۋى سودا رىقابىتىگە ماسلىشالماي تۈرلۈك ئىقتىسادىي ،ئىجتىمائى پاجىئەگە گىرىپتار بولدى .
بازار تولىمۇ رەھىمسىز.رىقابەت بەكمۇ كەسكىن .مەيلى قاشگەرلىكتە بولسۇن ياكى باشقا كەسىپلەردە بولسۇن بىز ھازىرقى زامان سودىسىغا ئىپتىدائى،ئەنئەنىۋى قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلساق ھامان شاللىنىپ قالىمىز.چۈنكى سودا ساھەسىدە رىقابىتچىلىرىمىز بىلەن تەڭ تۇرۇش ئۈچۈن تەڭ بىلىشىمىز،يېڭىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن كۆپ بىلىشىمىز كېرەك.
ئۇنداقتا بىز بۇ خىل بىلىشكە قانداق ئىرىشىمىز؟
دىيارىمىزدا ئانا تىلىمىزدا قاشگەرلىك كەسپى بۇيىچە تەربىيلەش ئۇرۇنلىرىنى ئېچىپ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ۋە شۇغۇللانماقچى بولغانلارنى تىز سۈرئەتتە تەربىيلەپ چىقىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ،بۇ تەربىيلەشنى ھۈكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ،خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ.قاشگەرلىك نەزىرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئۆگىتىدىغان ئۇستازلار ئارىمىزدىن چىقىدۇ.ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن كەسپى ئۇستازلار بىرلەشسە ئىشىنىمىزكى،بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.
بەزىلەر <تاشچىلىق ئوقۇمىسىمۇ قىلغىلى بۇلىدىغان كەسىپ،مەكتەپ قۇرۇپ بەرسىمۇ ئۇقۇيدىغان ئادەم چىقمايدۇ>،دىيىشىدىكەن.ھەتتا نادانلىقى تۈپەيلىدىن <تاشچىلىقنى كەسىپ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ> دىيىشىدىكەن.قاشگەرلىك كەسىپمۇ ،كەسىپ ئەمەسمۇ؛ئوقۇيدىغان ئادەم يوقمۇ ياكى ئوقۇتىدىغان مەكتەپ يوقمۇ؟مېنىڭچە ئاپىسىنىڭ ئاپپاق سۈتىنى ئەمگەن،ئازغىنا ئەقلى بار ئادەم بولسىلا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلەلەيدۇ.
ئەجىبا دىيارىمىزنىڭ بۇ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ،ئىقتىسادنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ بىزمۇ ئەل قاتارى سۈپەتلىك ياشاپ باقساق بىزگە ياراشماسمۇ؟
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
2. دىيارىمىزدىكى خوتەن قاش مەدەنىيەت، ئىجادىيەت باغچىسى
新疆和田玉文化创意产业园
دىيارىمىزدىكى خوتەن قاش مەدەنىيەت، ئىجادىيەت باغچىسىنى شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن شىنجاڭ چىڭخې خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت شىركىتى بىرلىشىپ قۇرغان بولۇپ ئومۇمىي يەر مەيدانى سەككىز مىڭ كۋادىرات مېتىر،قۇرۇلۇش كۆلىمى 4500 كۋادىرات مېتىر.
بۇ جايدا كوھكەنلىك (ئويمىچىلىق)،مەھسۇلات كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش،خوتەن قاش مەدەنىيەت سارىيى،قاشتېشى مەكتىپى قاتارلىقلار بار بولۇپ ،خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەنزىل:ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى بايىنغۇلۇن يولى
乌鲁木齐市沙依巴克区巴州路
تېلىفۇن:0991-4840331
يانفۇن:13909927177
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
3.دىيارىمىزدىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتىپى
新疆白玉城民族玉雕工艺品开发有限公司
شىنجاڭ ئاق قاشتېشى شەھەرچىسى قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتىپى- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ،خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان مەخسۇس خوتەن قاشتېشى ئويمىچلىرىنى تەربىيلەيدىغان كەسپىي مەكتەپ.
قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى:
ماشۆۋۇ-تۇڭگان.1957-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭدا تۇغۇلغان.شىنجاڭ سانائەت ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن.ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىسى ،دۆلەت دەرىجىلىك ھۈنەر-تېخنىكا ئۇستىسى،شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى،قاشتېشى ئويمىچىلىق تەربىيلەش مەكتىبىنىڭ مۇدىرى،شىنجاڭ ئۈنچە-مەرۋايىت قاشتېشى جەمىئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىنجاڭ ئاق قاشتېشى شەھەرچىسى مىللىي قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتۇرى.
ما شۆۋۇ قىرىق نەچچە يىللىق قاشتېشى ئويمىچىلىق تارىخىغا ئىگە بۇلۇپ، ئۇ دىيارمىزنىڭ خوتەن قاشتېشى ئويمىچىلىقىدا تىخىمۇ كۆپ ئىز باسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن قاشتېشى ئويمىچىلىق تەربىيلەش مەكتىپى قۇرۇپ ،مەخسۇس ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ نەزىرىيە ۋە ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلىمەكتە.
شىنجاڭ ئاق قاشتېشى شەھەرچىسى مىللىي قاشتېشى ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
新疆白玉城民族玉雕工艺品开发有限公司
قاشتېشى ئويمىچىلىق مەكتىپىنىڭ ئادرېسى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى خېيلوڭجىياڭ يولى 44 -نۇمۇر
0991-4508531 0991-4508532
地址:乌鲁木齐市黑龙江路44号
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
4.خوتەن قاش ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس باشلاندى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جاۋاھىراتلار سودا ئويۇشمىسىدىن ئىگەللىشىچە تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن قاش ئويمىچىلىق
تەربىيلەش سىنىپىدا 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى دەرس باشلانغان .
دۆلەت دەرىجىلىك قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىسى جاۋمېينىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ياڭزى ، ۋاڭ چۈن خۇا ،
ما لىمىڭ ، پۈ چۈنلېي قاتارلىق ئويمىچىلار خوتەن ناھىيەسىگە كېلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت
ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىنى ھەقسىز تەربىيلەش سىنىپىدا دەرس ئۆتۈشنى باشلىغان .
خوتەن ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە تۇنجى قاراردا تەربىيلىنىدىغان ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى
خوتەن ناھىيسەنىڭ ھەر قايسى يېزا بازارلاردىكى نامرات ئائىلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ، ئۈچ
ئايلىق مەخسۇش تەربىيلەشكە قاتنىشىدىكەن .
ئۈچ ئايدىن كېيىن ئىككىنچى قارارلىق تەربىيلەش سىنىپى ئوقۇش باشلايدىكەن . بۇ قېتىمقى تەربىيلەشتە لاياقەتلىك
بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەت ئاز سوممۇلۇق ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى بېرىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ
ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قايسى تەرەپتىن ئېتىبار بېرىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئويمىچىلارنى تەربىيلەيدىغان كۇرۇسلار توختاۋسىز ئېچىلىدىكەن.
بۇ تەربىيلەش سىنىپىنى ئېچىش ئۈچۈن شىنجاڭ جاۋاھىراتلار سودا ئۇيۇشمىسى بىلەن خوتەن ناھىيەلىك پارتىكوم ۋە ھۆكۈمەت ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى .
ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ جاۋاھىرات سودا ئۇيۇشمىسى 100 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ قاشتېشى ئويمىچىلىق ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدى .
بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىن 25 دانە ئويمىچىلىق ئۈسكۈنىسى خوتەن ناھىيەسىگە يۆتكەپ كېلىندى .
خوتەن ناھىيەلىك پارتىكوم، ھۆكۈمەت خوتەن ناھىيەلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىپىدە قاشتېشى ئويمىچىلىق سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى ھەم دەرىسلىكلەرنى تاللاش ، ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش ، دەرسلىك ماتىرياللارنى تەييارلاشجەھەتلەردە ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ تەربىيلەش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇراق قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىدىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالدىنقى تەييارلىقلارنى پۈتتۈردى .
شىنجاڭ جاۋاھىراتلار سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى گو لەنشىياڭ خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى : دۆلەت << بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىراتىگىيەسى >> نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم شىنجاڭ << يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنىڭ ياردرولۇق رايۇنى >> قىلىپ بېكىتىلدى . خوتەن قاشلىرى شىنجاڭدىكى مۇھىم بىر قېزىلما بايلىق بولۇپلا قالماي دىيارىمىزنىڭ داڭلىق نامدار ماركىسى بولۇپ ئىنتايىن زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى .بۇ قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسى بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنى ئىجرا قىلىش ھەم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ << يۈز كارخانا يۈز كەنتكە ياردەم بېرىپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ تەرەققىي قىلىش >> چاقىرىقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىدىكى تېخنىك خادىملارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيلەش ۋە خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇش ،ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
خوتەن ناھىيەسنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى جاڭ ۋېن جېيې مۇنداق دېدى : << بۇ قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان قاشتېشى ئويمىچىلىق تەربىيلەش سىنىپى خوتەن تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئويمىچىلىرىنى تەربىيلەش سىنىپى شۇنداقلا خوتەننىڭ قاشتېشى كەسپ زەنجىرىدە خام ئەشيا سېتىپ چىقىرىشتىن قاشتېشى ئويمىچىلىقىغا ئۇزارتىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . بۇ ئۆگۈنۈش كۇرسىنىڭ ئەھمىيىتى يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ، خوتەن قاشلىرىنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردىلا بولۇپ قالماي مۇھىمى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى چوڭئەھمىيىتى بار .
شىنجاڭ جاۋاھىرات سودا ئويۇشمىسى خوتەندە ئېچىلغان بۇ سىنىپنى كەسپى تېخنىكا جەھەتتىن يۆلەپلا قالماي ماددىي جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور كۈچ چىقاردى . بۇ يىل بىرىنچى ئايدا شىنجاڭ جاۋاھىرات سودا ئويۇشمىسى 2015-يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى كىم ئاشىدۇ قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىر يۈز ئەللىك بەش مىڭ يەتتە يۈز يۈەن پۇل تەييارلىغان ئىدى ھەم بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خوتەننىڭ
ئويمىچىلىق ئۇستىلىرىنى تەربىيلەشكە ئىشلىتىشنى قارار قىلغان . بۇ قېتىمقى تەربىيلەش جەريانىدا ئۆگۈنۈشنەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى بولغان بەش ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە تۆت مىڭ يۈئەن قىممىتىدىكى ئويمىچىلىق ماشىنا ئۈسكىنىسى ھەدىيە قىلىنىپ ئۇلارنىڭ بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ئىشقا
ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىنىدۇ .
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت تەرجىمىسى
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى