A-A+

ئۈزۈك تاقاش ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

2015-يىل 26-سېنتەبىر جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,155 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى 

( بۇ ماقالىدىكى ئۈزۈك تاقاشقا دائىر ئۇچۇرلار خەلقئارادا  ئومۇملاشقان ئۈزۈك تاقاش ئادىتىگە قارىتىلغان )

57v58PIC4Vb_1024

ئىنسانىيەت دۇنياسى يارالغاندىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىشنى بىر مىنىتمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق . بولۇپمۇ قىممەت باھالىق گۆھەر تاشلار بىلەن تۈرلۈك زىبۇ - زىننەتلەرنى ياساپ تاقاش ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشىنىڭ كونكىرىتنى ئىپادىسىدىن بىرى بولۇپ كەلدى . بۇ زىبۇ -زىننەتلەر ئىچىدە ئۈزۈك پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئورتاق ئىشلىتىدىغان زىننەت بۇلۇپ ئومۇملاشتى .  دەۋىرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۈزۈك تاقاش ئۇسۇلى ، مەقسىتى ۋە پاسۇنلىرىدا ، ئىشلىتىلگەن گۆھەر تاشلارنىڭ تۈرلىرىدە مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۈزۈك تاقاش ئادىتىدە سىجىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە .

كىشىلىك تۇرمۇشتا بىز كىشىلەرنىڭ دائىم ھەر خىل ھەر پاسوندىكى ئۈزۈكلەرنى تاقىۋالغىنىنى ئۇچرىتىمىز . كىشىلەر ئۈزۈكنى مەيلى قانداق مەقسەت ، نىيەتتە تاقىسۇن ئۈزۈكنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدا كام بولسا بولمايدىغان بىر بۇيۇمغا ئايلانغانلىقى كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت . ئۇيغۇرلارمۇ تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي ، مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئۈزۈك تاقاش ئەنئەنىسىگە ئىگە . 

  تەتقىقاتچى راخمان ئابدۇرىھىمنىڭ << ئۇيغۇرلاردا شاماننىزىم >> ناملىق كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىنغان << ئويغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئەنە شۇ تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئىچىدىكى قاشتېشىنى تېخىمۇ ئەتىۋارلىغان.كىشىلەر ئادەتتە قاشتېشىنى يېنىدا ساقلىسا ''قىزلارغا كۆز تەگمەيدۇ،ئوغۇللارنى چاقماق سوقمايدۇ ،،دەپ قارايدۇ.تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بۇلىشىچە،ئويغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى قاشتېشى ۋە قاشتېشى تۈرىدىكى ئەتىۋارلىق تاشلاردىن گۈزەل، نەپىس زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساپ بوينىغا مارجان قىلىپ ئاسقان؛بىلىكىگە بىلەيزۈك ،بارماقلىرىغا ئۈزۈك،قۇلىقىغا ھالقا قىلىپ سالغان .بۇنىڭدىن قارىغاندا ،ئەجدادلاردىكى تاشلاردىن ياسالغان تۇمارنى ئۇلۇغلاش چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.>> ( مىللەتلەر نەشىرياتى 2006-يىلى 6- ئايدا نەشىر قىلغان كىتاب .)

بۈگۈنكىدەك ئېچىۋېتىلگەن ، خەلقئارالاشقان جەمىيەتتە خەلقئارادا ئومۇملاشقان ئۈزۈك تاقاش ھەققىدىكى زۆرۈر قائىدىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز مەيلى ئىجتىمائىي ئالاقىدە بولسۇن ، مەيلى گۈزەللىكنى سۈيۈش جەھەتتە بولسۇن ،مەيلى مىللىي ئۆرپ - ئادەت نۇقتىسىدىن بولسۇن ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن .

134063735578

تارىخىي خاتىرلەردە خاتىرلىنىشىچە  قەدىمكى مىسىر ئاھالىسى ئەڭ بۇرۇن ئۈزۈك تاقىغان قەۋم بولۇپ ، قەدىمكى مىسىر يېزىقىدا كىچىك دۈگىلەك مەڭگۈ دىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىكەن .

قەدىمدە ئەرلەر ئۈزۈك تاقىسا ھۇقۇق مەرتىۋىلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

قەدىمدە خانىم - قىزلار ئۈزۈك تاقىسا چاي ئىچكۈزۈپ قويغانلىقىنى ، توي قىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

21 - ئەسىردە بۇ خىل قاراشقا تەلتۈكۈس خاتىمە بېرىلىپ ئۆزگىچە ئۈزۈك تاقاش مەدەنىيىتى بارلىققا كەلدى .

20140618190821_QHXE4

خەلقئارالىق  قائىدىدە :

باش بارماققا ئۈزۈك تاقاش  ________  ھەقىقىي مۇھەببەتكە تەلپۈنىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى.

بىگىز بارماققا ئۈزۈك تاقاش  ________  كۆيگەن ئادىمى بارلىقى ، ئەمما تويلاشمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى .

ئوتتۇرا بارماققا ئۈزۈك تاقاش  ________  مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ھەم تويغا پۈتۈشۈپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى .

نامسىز بارماققا ئۈزۈك تاقاش  ________ تويغا پۈتۈشكەنلىكىنىڭ ياكى توي قىلىپ بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى

چىمچىلاق بارماققا ئۈزۈك تاقاش  ________ بويتاقلىق ياكى ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

20120228185244475

شەرق ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۈزۈك تاقاش ئادىتى : 

ياۋرۇپالىقلارنىڭ قارىشىدا ئىنساننىڭ تەقدىر - قىسمىتى سول قولىدىن ئەكس ئېتىدۇ . شۇڭا ياۋرۇپالىقلار ئۈزۈكنى ئاساسەن سول قولىغا تاقايدۇ . بويتاقلار ئۈزۈك تاقىمايدۇ .

غەرب ئەللىرىدىكى ( كۈن پېتىشتىكى دۆلەتلەر ) خەلقنىڭ گۈزەللىك قارىشىدا باشمالتاققا ئۈزۈك تاقاش ئىنساننىڭ سالاپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، ئىشلىرىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ . شۇڭا غەربلىكلەر باشمالتىقىغا ئۈزۈك تاقىمايدۇ . غەرب ئاياللارنىڭ سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىغا ئۈزۈك تاقىشى بىر بولسا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ ، بىر بولسا ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن تويلىشىپ بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .

31-140H21Z30C27

ئۈزۈك تاقاش ئادىتى ۋە خارەكتىر :

باشمالتاق ئۈزۈك ____________ قەدىمكى رىم رىۋايەتلىرىدە باشمالتاققا ئۈزۈك تاقىسا ئىشلىرى يۈرۈشۈپ ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ دەيدىغان قاراش بار. بىراق باشمالتاققا ئۈزۈك تاقايدىغانلار تەبىئىتىدىن قوپال ، ئەسكى كېلىدۇ .

بىگىز بارماق ئۈزۈك ___________ بىگىز بارماققا ئۈزۈك تاقايدىغانلار تەبىئىتىدىن قەيسەر ، كاج كېلىدۇ . بىراق بىگىز بارماققا ئۇزۇن مۇددەت ئۈزۈك تاقاپ يۈرگەندە  ئادەمنىڭ مىجەزى ئۇچۇق - يۇرۇق بولۇپ قالىدۇ ، بىگىز بارماق ئۈزۈك ئەركىن يۈرۈيدىغانلارنىڭ تاقىشىغا ماس كېلىدۇ .

ئوتتۇرا بارماق ___________  ئوتتۇرا بارماققا ئۈزۈك تاقىغان ئادەمنىڭ مىجەزى خۇش خۇي ، ئۇچۇق - يۇرۇق ، جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ .

نامسىز بارماق ئۈزۈك _________ تويلۇق ئۈزۈكنى نامسىز بارماققا تاقاش قەدىمكى رىمدىن تارالغان ئادەت بولۇپ ، رىۋايەت قىلىنىشىچە نامسىز بارماقنىڭ تۇمۇرى يۈرەككە تۇتىشىدىكەن . تويلۇق ئۈزۈكنى نامسىز بارماققا تاقىغاندا ئىككى ياشنىڭ رىشتى ئۇزۇن بولىدىكەن . نامسىز بارماققا ئۈزۈك تاقاش قان ئايلىنىشقا پايدىلىق بولۇپ  كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ . نامسىز بارماققا ئۈزۈك تاقايدىغانلار مۇلايىم ، رايىش ، چىقىشقاق كېلىدۇ .

چىمچىلاق بارماق ئۈزۈك __________  چىمچىلاق بارماققا ئۈزۈك تاقىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇس ، بىراق ئاسانلا باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ . چىمچىلاق بارماققا ئۈزۈك تاقىغاندا ئادەم ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ . چىمچىلاق بارماققا ئۈزۈك تاقاش مودا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ .

d3355f05-d7ee-4268-82ed-44d260b38480

ئۈزۈك رەڭگى ۋە قىزلارنىڭ خارەكتىرى

سۆسۈن رەڭدىكى ئۈزۈكنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار  _______  رومانتىك ، ھېسياتچان كېلىدۇ .

قىزىل رەڭدىكى ئۈزۈكنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار  _______ قىزغىن ، شوخ كېلىدۇ.

كۆك رەڭدىكى ئۈزۈكنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار  _______  ئىچ مىجەز ، ئېغىر - بېسىق كېلىدۇ .

يېشىل رەڭدىكى ئۈزۈكنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار  _______ نازۇك ، ئىنچىكە مىجەز ، ھېسيات جەھەتتىن ئاجىز كېلىدۇ .

20130329155854312021

ئۈزۈكنىڭ تۈرى ۋە يىگىتلەرنىڭ خارەكتىرى

كۈمۈش ئۈزۈك تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەر _______ مېھرىبان ، چىقىشقاق كېلىدۇ.

ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەر _______ پايدا - مەنپەئەتنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغان ، سودىدا كاللىسى ئۆتكۈر يامان كېلىدۇ .

قاش ئۈزۈك تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەر _______ ئەمەلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ئۆزىنىڭ ئۈستى - بېشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان ، ئىشنى كەسكىن بېجىرىدىغان كېلىدۇ.

نۇسقىسىز ، تەبىئىي ئۈزۈك تاقاشنى ياقتۇرىدىغان يىگىتلەر  _______ مۇھەببەتنى ئەتىۋارلايدىغان كېلىدۇ .

ئۈزۈك سېتىۋالغاندا چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ، ئۈزۈك سېتىۋېلىش ۋە تاقاش مەقسىتىڭىزنى ئەستايىدىل ئويلاشقاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى توختىتىپ سېتىۋېلىشىڭىزنى  بولۇپمۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىگە ئىشلىتىلگەن گۆھەر تاشلارنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمىز .

سۈرەتلەرنىڭ مەنبە : تور دۇنياسى

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ