بايلار بىلىمىنى جانلىق ئىشلىتىدۇ
سۈرەتتە : Polo ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مىليادىر رالف لاۋرېن
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
بىلىمگە نىسبەتەن، نامراتلار پەقەت ساقلاشنىلا بىلىدۇ، ئەمما بايلار جانلىق ئىشلىتىدۇ
ئوخشاش شەيئى ئوخشاش بولمىغان كىشلەرنىڭ ئالدىدا ئوخشىمىغان قىياپەتتە پەيدا بولىدۇ. بىلىممۇ شۇنداق. ئەگەر سىز پەقەت بىلىمنى ئېگەللەشنىلا بىلىپ، ئەمىليەتتە ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز ئۇنداقتا بۇ بىلىملىرىڭىز قورسىقىڭىزدا سېسىپ كىتىدۇ. بىلىمنى ئەمىليەتتە ئىشلىتىشنى بىلىش-بىلمەسلىك بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ ،بۇ ھەم باي-نامراتلار پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
بىلىمنى ساقلاش دەرۋەقە مۇھىم. لىكىن بىز بىلىمنى ئۆگۇنۇش بىلەن بىرگە، يېڭىلىق يارتىشنى، ئۆزىمىزدىكى بىلىمنى جانلىق قوللىنىشنى، باشقىلار بايقىمىغان نەرسىلەرنى بايقاشنى بىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، سىز پەقەتلا ئىقتىدارى تۆۋەن بىر كومپىيوتېر خالاس.
فىردىمان نىيۇيۇرۇك شەھىرىدە تۇغۇلغان يەھۇدى. ئۇ ئېرىقى كەمسىتىش سەۋەبلىك ئۆزى ئارزۇلىغان موسكوۋا قۇرلۇش فىزىكا ئىنىستۇتىغا كىرىپ ئۇقۇيالمىغان. بۇ ئوڭۈشسىزلىق ئۇنىڭغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىگەن. ئالى مەكتەپنى پۇتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇ بىر نەچچە دوستى بىلەن بىرلىشىپ، ئەلپا گوروھىنى قۇرغان. ئەينى چاغدا روسىيە ماددى ئەشيا كەمچىل شارائىتتا تۇرىۋاتقاندا، فىردىمان سەزگۈلۈك بىلەن بۇ سودا پۇرسىتىنى تۇنۇپ يىتىپ، نىفىتنى كۇبادىن ئاشلىققا تىگىشىپ سېتىپ، نۇرغۇن پۇل تاپقان .بۈگۈنكى ئەلپا ئاللىقاچان روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە ۋە سانائەت گوروھىغا ئايلانغان بۇلۇپ، ئۇ سېمنۇت ئىشلەپچىقىرىش، نىفىت ئىكىسپورتىدىن، سەنئەت بۇيۇملىرى سودىسىغىچە؛ بانكا، تاللا بازىرىدىن ئۆي-مۈلۈك ۋە تېلگىرافقىچە نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەلپا گوروھىنىڭ مۇۋاپىقيىتى ئۇنىڭ ئۆزگىچە بولغان باشقۇرۇش ئىدىيىسىگە ئىگە بولغانلىقىدا. باشقا شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى نىفىت، مېتال قاتارلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، فىردىمان سودا ھەركەتچانلىقىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، يېڭى سودا پۇرسىتىنى بايقىغان. فىردىمان ئەمىليەتتە بىلىمنى قانداق قىلىپ جانلىق ئىشلىتىشنى بىلىپ، بىلىمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان، ئاندىن سودىدا غايەت زۆر غەلبىگە ئېرىشكەن.
بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئۇچۇرى پارتىلاۋاتقان دەۋىر. بارلىق بىلىم ۋە ئۇچۇر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت بىلىم توپلاش ۋە ئۆگۇنىشنى بىلسىلا دەرۋىر قەدىمگە يىتىشكىلى بولمايدۇ. پەقەت بىلىمنى ئشلىتىشكە ماھىر بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق يارتقىلى بولىدۇ.
ھازىر جەمئىيەتتە مۇنداق ھادىسە ساقلانماقتا: <شىركەت خوجايىنىنىڭ يۇقىرى ئۇقۇش تارىخى يوق. لىكىن شىركەت قۇبۇل قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە>. بۇ خىل پەرىق دەل بىلىمنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىدىكى پەرىق. خوجايىننىڭ گەرچە مول بىلىمى بولمىسىمۇ، لىكىن بىلىمنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولغاچقا ، بىلىمنى بايلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. شىركەت خىزمەتچىللىرىنىڭ بىلىمى مول بولسىمۇ ،بىراق ئۇنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولمىغاچقا باشقىلارغا ياردەم قىلىپ بايلىق يارتىدۇ ھەم مۇقىم مۇئاش ئالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلاردا پەقەت بىلىم بار. لىكىن جانلىق ئىشلىتەلەيدىغان ئىقتىدار يوق. شۇڭا ئۇلار پەقەت باشقىلار پىلانلىغان ئشىقا ياردەملىشىپ پۇل تاپىدۇ.
خارۋارد سودا ئىنستىتۇتى ئەڭ ياخشى ئەمەس. لىكىن خارۋارد ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى دائىم باشقا ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ نەچچە ھەسسسىگە توغرا كىلىدۇ. خارۋارد سودا ئىنستىتۇتى سودا باشقۇرۇش ماگىستىرى يەنى MBA «ئالتۇن پاسپورت» دەپ ئاتىلدىغان بۇلۇپ، بايلىق يارتىشنىڭ ئالتۇن يول خېتى .21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە خارۋار سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىرى (MBA ) بولغانلارىنىڭ ھەر بىر ئوتتۇرچە تۆت كىشلىك خىزمەتكە ئېرىشىش مۈمكىنچىلىكىگە ئىگە بولۇپ،يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 140 مىڭ ئامېركا دوللار ئەتراپىدا ئىدى. خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ فىرافىسسورى ئۇقۇغۇچىلارغا دائىم مۇنداق تەربىيە بېرىدۇ «كاللاڭنى ئىشلىتىپ، بىلىملىرىڭنىڭ قىممىتىنى ئاشۇر!» خارۋارد سودا ئىنستىتۇتىدا ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ باشقا ئۇقۇغۇچىلاردىن پۇلنى كۆپ تېپىشىدىكى سەۋەب، خارۋارد سودا ئىنستىتۇتىنىڭ تەربىيلەش ئىدىيىسىدە. باشقا مەكتەپلەر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يىتىلدۇرۋاتقان ۋاقىتتا، خارۋارد سودا ئىنستىتۇتى ئۇقۇغۇچىلارغا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى قانداق جانلىق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىدۇ ھەمدە ئۇنى بىر خىل پۇل تېپىش ئىقتىدارىغا ئايلاندۈرىدۇ. بۇ بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ «مۈلۈك بۈلۈنمىسى»دىيىلىدۇ.
لى يەنخۇڭنى تىلغا ئالساق، جۇڭگۇدىكى كومپىيوتىر ئىشلىتىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنى بىلىدۇ. بەيدۇ تور بېتى -دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇتىلى ئىزدەش موتىرى بولۇش سۈپۈتى بىلەن كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەتتە ئۇ بىلمەيدىغان نەرسە يوق. بەيدۇنىڭ قۇرغۇچىسى قۇشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يەنخۇڭ ئۆزىنىڭ مول تور بىلىمى ۋە سودا پۇرسىتىگە بولغان سەزگۇلىكى بىلەن غەلبە قازانغان.
1987-يىلى 19 ياشتا ئالى مەكتەپ ئارزۇسى تولدۇرغاندا ئۇ بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش فاكۇلتىتىنى تاللىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغان كەسپى كومپىيوتېر ئەمەس ئىدى. ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ياش ئوسمۈرلەر فىروگىرامما لاھىيلەش مۇسابىقىسگە قاتناشقان بۇلۇپ، بۇ ئۇنىڭ كومپىيوتىرغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. لى يەنخۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار بۇلۇپ، ئۇ كومپىيوتىر كەلگۈسىدە كەڭ قوللىنىلسىمۇ، لىكىن پەقەت كومپىيوتېر بىلىملىرىنىلا ئۆگەنگەندىن، كومپىيوتىر بىلەن باشقا بىلىملەرنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ قوللانغاندا، ئاندىن تېخىمۇ ئىستىقبالى بولىدۇ دەپ قارايتى.
ئۇ بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، چەتئەلدە داۋاملىق يۇقىرلاپ ئۇقىدى. 1992-يىلى ئامېركىدا تور تېخى ئۇمۇملاشمىغان بۇلۇپ، يېتەكچى ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ «ئىزدەش موتورى تېخنىكىسى تورنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ،ئۇنىڭ چۇقۇم ئىستىقبالى بار» دىگەن بىر جۈملە سۈزى ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئېلھام بەردى. لى يەنخۇڭنىڭ نىشانىمۇ كومپىيوتېرنى مەخسۇس ئۆگۇنۇشتىن، ئۇچۇر ئىزدەش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا ئۆزگەردى.
سۇڭشىيا تەتقىقات ئورنىدا پاركتىكا قىلىش داۋامىدا ئۇ ئۇچۇر ئىزدەش تېخنىكىسىنىڭ راۋاجنىۋاتقان سودا پۇرسىتىنى كۆردى. كىيىن ئۇ ئەينى چاغدا كىرمىنى جىلغىسىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقيەت قازانغان توردا ئۇچۇر ئىزدەش شىركىتى infoseek قا كەلدى. ئۇ يەردە ئىككىنچى ئەۋلاد ئىزدەش موتورى تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. 2000-يىلنىڭ باشلىرىدا دۆلەتكە قايتىپ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بەيدۇ تور تېخنىكا شىركىتىنى قۇردى. 2009-يىلغا كەلگەندە، بەيدۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان مۇستەققىل ئىزدەش موتورىغا ئايلاندى. خەنزۇ يېزىقى بىلەن ئىزدەش تورى بۇيىچە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇراتتى.
نامراتلارنىڭ نامرات، بايلارنىڭ باي بۇلۇشىدىكى سەۋەب ،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىمنى تۇنۇشتا ناھايتى چوڭ پەرىق مەۋجۇت. بايلار بىلىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇششاق ھالقىلاردىن سودا پۇرسىتى بايقىيالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىملىق سودا پۇرسىتىنى تۇتالايدۇ. نامراتلار پەقەت بىلىم توپلاشنىلا بىلىدۇ. ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ. لى يەنخوڭنىڭ مۇۋاپىقيىتىدىن بىز بىلىمنىڭ كۈچىنى كۈرۋالالايمىز. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭدا بىلىمنى ئىشلىتىشكە ماھىر كاللا بار.
كىشىلەر «دۇنيانىڭ بايلىقى يەھۇدىلارنىڭ يانچۇقىدا، يەھۇدىلارنىڭ بايلىقى ئۆزىنىڭ كاللىسىدا» دىيىشىدۇ. ئۇنداقتا يەھۇدىلارنىڭ كاللىسىدىكى سودا پاراسىتى زادى نىمە؟ ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى پاراسەتلەرنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى -بىلىمنى جانلىق قوللىنىش، ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىم بىلەن سودا پۇرسىتىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەر بىر باينىڭ بېيىش سىرى. نامراتلار بايلارنىڭ قانداق تاۋلىنىپ چقققانلىقنى بىلگەن ۋاقىتتا بايلىق ئۇنىڭدىن يىراققا كەتمەيدۇ.
بايلىقنىڭ بايانى:
بىلىم بايلىق يارتىدۇ. بىلىمنى ئۆگۇنۇش بىلەن بىرگە جانلىق ئىشلىتىش كېرەك. شۇندىلا غەلبىنىڭ ئاساسىنى سالغىلى بولىدۇ. بىلىمنى ئۈلۈك ئوگۇنۇپ ئىشلەتمىسە، ئاخىرى بېرىپ كاللىغا تۇشۇپ كەتكەن ئەخلەت بولىدۇ. كىشىلەر بايغا ئايلىنىشنى ئويلىسا،ئۆزىنىڭ ھېسسىيات بۈلۈنمىسى ۋە ئەقىل بۈلۈنمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، تىرىشىپ ئۆزىنىڭ مۈلۈك بۈلۈنمىسىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك. بېلىق تۇتۇشنى ئۆگۈنۈش بىر تال بېلىققا ئىگە بولۇشتىن مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، مۈلۈك بۈلۈنمىسى ھەر دائىم بايلىقتىن مۇھىم.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى