ئىگىلىك تىكلىگۈچى چۇقۇم ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرۈش كېرەك
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
2-دەرس 7-پارگىراپ
نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىشىدىكى سەۋەب – تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشىدۇر، پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاللاپ تىرىشقاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان پۇرسەتمۇ چوڭ بولىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئېنىق نىشانى بولمىغاچقا، دائىم باشقىلارغا ئەگىشىدۇ، باشقىلار بۇنى قىلساڭ ياخشى دىسە ئۇ نىشانىنى شۇنىڭغا يۆتكەيدۇ، باشقىلار يەنە ئۇنى قىلساڭ ياخشى دىسە ئۇ نىشانىنى يەنە ئۆزگەرتىدۇ...
ھالبۇكى، مايۈن ئىلگىرى بىر قىسىم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مۇنداق سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن: ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئەڭ مۇھىمى -ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى ياخشى كۆرۈش، چوقۇم قىلىۋاتقان ئىشنى ياختۇرۇپ قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ بىرەر ئېغىز گىپى سەۋەبلىك قىلماسلىق كېرەك. ئىگىلىك تىكلىگۈچى چوقۇم ئۇ ئىشنى ياخشى قىلىش، ئۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈش، چۈشىدىمۇ بۇ ئىشتا قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆرۈش كېرەك.
مايۈن يېڭى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقىتتا، ھەر ئايلىق مائاشى 89 يۈەن ئىدى. كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مايۈن خاڭجۇدا تەرجىمانلىق قىلىشقا باشلىغان، ھەمدە ناھايىتى تىزلا خاڭجۇ تەرجىمانلىق ساھەسىدە ئانچە – مۇنچە نام چىقارغان. بۇ مايۈنگە سودىنىڭ تەمىنى تېتىتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سودا دېڭىزىدا شۇڭغۇپ بېقىشنى قارار قىلغان.
بۇ ۋاقىتتا، سانائەت ئىنىستىتۇتىغا بېل ئىسىملىك بىر چەتئەللىك ئوقۇتقۇچى كەلگەن، ئۇ ئامېرىكىنىڭ سىئاتىل شەھىرىدىن ئىدى.ئۆز – ئارا تونۇشقاندىن كىيىن، مايۈن ۋە ئۇ ئېنتىرنىت تورىنىڭ پارىڭىغا چۈشكەن،مايۈن بۇنى ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىغان، ھەتتا بېلدىنمۇ بەكرەك ھاياجانلانغان. بۇ مايۈننىڭ تۇنجى قېتىم ئېنتىرنىت تورى توغرۇلۇق ئاڭلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تور بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، ھەتتا كومپيۇتېرنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مايۈننىڭ قەلبىدە «تور» يىلتىز تارتىشقا باشلىغان، بىراق تور بىلەن ھەقىقىي ئۇچرىشىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن.
كىيىن مايۈن بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز پۇرسەتتە ئامېرىكىنىڭ سىئاتىل شەھىرىگە بېرىپ، بېلنىڭ كۈيئوغلى Sam نى ئىزدەپ تاپقان. Sam نىڭ يىتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، مايۈن تۇنجى قېتىم ئېنتىرنىت تورى بىلەن ئۇچراشقان. ھالبۇكى، Enternit دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قىزىقارلىق توردىن «جۇڭگو» غا ئائىت ھېچقانداق نەرسە تاپقىلى بولمىغان، مايۈن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەن.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ Sam دىن «خەيبو» تەرجىمانلىق ئورنىنىڭ بىر قىسىم ماتېرىياللىرىنى تورغا چىقىرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىنكاسنى سىناپ باقماقچى بولغان. مايۈننىڭ ناھايىتى قىزغىن بۇ ئامېرىكىلىق دوستى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ «خەيبو» تەرجىمانلىق ئورنىنىڭ تور بېتىنى ياساپ بەرگەن. گەرچە تور بەت ناھايىتى ئاددى ، پەقەت خەتلىك چۈشەندۈرۈشلا بولۇپ رەسىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى «خەيبو»تەرجىمانلىق ئورنىنىڭ تەرجىمانلار سانى ۋە باھاسىغا ئائىت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تور بەت يەنىلا شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن بۇرۇن تورغا چىقىرىلدى.
ئۈچ سائەتتىن كىيىن، Sam كوچا ئايلىنىۋاتقان مايۈنگە تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا بەش پارچە ئېلخەت كەلگەنلىكىنى ئېيىتقان، ئېلخەتلەر ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيەدىن ، يەنى بىر قىسىم ئورگان، شىركەت ۋە شۇ جايدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن ئىدى.كۆپچىلىك ئېلخەتتە شۇنداق دىگەن:< بۇ جۇڭگو شىركىتىنىڭ بىز بايقىغان تۇنجى تور بېتى، سىلەر نەدە؟ بىز سىلەر بىلەن سودا سۆھبىتى قىلماقچى>. مايۈن بۇنى كۆرگەندىن كىيىن ناھايىتى خۇشال بولغان، ھەمدە جۇڭگودا ئېنتىرنىت تورى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولغان ئىرادىسىمۇ مۇستەھكەملەنگەن. شۇنداق قىلىپ، مايۈن بىر دانە 386 تىپلىق خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغان.كىيىنكى بىر نەچچە يىلدا، مەيلى قانداق قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مايۈن ئەزەلدىن ئېنتىرنىت تورىدىن ئايرىلىپ باقمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆردىغان كەسپى بولۇپ، ئۇ چوقۇم بۇ ساھەدە ئازراق ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى.
بىر ئادەم ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئىشنى قىلغاندا، ھەمىشە ناھايىتى ئەستايىدىل بولىدۇ، يەنە ناھايىتى كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئىشنى ياخشى كۆرگەنلىك سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئۇ ئىشنى ياخشى قىلالايدۇ.
«جۇڭگودىكى غەلبە» پروگراممىسىدا، ئىلگىرى ۋۇپىڭ ئىسىملىك بىر ماھىر بولۇپ، ئۇ تاللىغان تۈر ھەركەتچان تارقىتىش ۋاستىلىرى ئىدى. ئۇ بۇ تۈرنى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دىگەن: «ئاۋال ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇھىت ئاسراش ماشىنىسىنى ئۇنىڭ ئاساسى قىلىمىز، ئۇنىڭ خاسلىقى ۋە ھەركەتچانلىقىغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدە يېڭىچە تارقىتىش ئورگانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز،شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئېلان خوجايىنلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىجارىتى ئۈچۈن بىر يېڭىچە سەھنە ھازىرلاپ بېرىمىز، بىز بۇنداق ئېلېكترونلۇق ماشىنىنى ھەركەتچان تاراتقۇ ماشىنىسى دەپ ئاتايمىز.ئۇنىڭدىن باشقا، ھەركەتچان تاراتقۇنىڭ كىرىم قىلىش شەكلى بولسا ئېلان خوجايىنلىرىدىن ئېلېكترونلۇق تاراتقۇ ماشىنىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى يىغىش ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان تارقىتىش ھەققىنى يىغىشتىن ئىبارەت.نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئېلانچىلىق ساھەسى پۈتۈن دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردىغان بولۇپ، تەخمىنەن 40 مىلياردلىق بازار ئۈلۈشى بار، ھەركەتچان تاراتقۇنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى 2009 – يىلىغا بارغاندا بۇ بازار ئۈلۈشىنىڭ مىڭدىن بىرىنى ئىگەللەش. 2006 –يىلى، ھەركەتچان تاراتقۇ كەسپىنىڭ كىرىمى 3 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولغان، شىركەتنىڭ ئەمەلىي سالغان دەسمايىسى 900 مىڭ يۈەن بولۇپ، شۇ يىلىلا دەسمايىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۈچىنچىدىن، بىز بېيجىڭدا پۇت دەسسەپ تۇرۇپ ئولىمپىك مۇسابىقە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىمىز، ھەمدە شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شىنجىن ۋە باشقا ئۆلكە – شەھەرلەردە ھەركەتچان تاراتقۇلارنى يولغا قويىمىز.»
بۇنىڭغا نىسبەتەن، مايۈننىڭ بەرگەن باھاسى مۇنداق بولغان: «بۇ ماھىرنىڭ تۈرى تازا ئىشەنچلىك ئەمەس، ئېھتىمال بىزنىڭ ۋاقتىمىز ناھايىتى قىسقا بولغاچقا شۇنداق ئويلىغان بولىشىمىز مۇمكىن، بىراق بىز يەنىلا سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىزدىن زوقلاندۇق. مېنىڭچە سىز بىر جەمئىيەتشۇناسقا ئوخشايدىكەنسىز، كوللىكتىپ خىزمەتلەرنى قىلىشىڭىز، پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىكەن. مېنىڭچە بۇ تۈردە بىر قىسىم سودا قاراشلىرى كەمچىل بولغان، ئېھتىمال سىز جاڭ نەنچۈندىن <زەھەرلىنىپ> قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.جاڭ نەنچۈننى كۆرگەندىن كىيىن، مەن كۆپچىلىك ھەممىسى ئۇنىڭ سودا ئېلانىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شەكلىنى دوراۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى-ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشى كېرەك، ئۆز ئىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك قىلىشى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ بىرەر ئېغىز گىپى سەۋەبلىك قىلماسلىقى لازىم.»
ھەقىقەتەن، ئىگىلىك تىكلىگۈچى تۈر تاللىغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ ياختۇرۇشىنى ئاساس قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قىزغىن بولغىلى، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملاشتۇرغىلى، بېسىملارغا تېخىمۇ سەۋرچان بولغىلى،قارارىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلغىلى بولىدۇ.
خۇددى مايۈن ئېيىتقاندەك: «باشقىلار مېنىڭ ئۇسۇلۇمنى تەقلىد قىلسا بولىدۇ، ئەمما مېنىڭ ئازابىمنى، مېنىڭ قىزغىنلىقىمنى تەقلىد قىلالمايدۇ، بۇلارنى چوقۇم ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك، بۇلار بىزنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىمىز.»
دەل ئېنتىرنىت تورىغا بولغان قىزغىنلىق بولغاچقا، مايۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا كىرىشكەن. ئەگەر سىز بۇ تۈرنى بەك ياختۇرمىسىڭىز، ئەكسىچە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ تۈر بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، تېخىمۇ ياخشى تۈرلەر سىزگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، سىز ئىرادىڭىزنىڭ تەۋرەنمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايسىز. سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز تەۋرەنگەن ھامان سىزنىڭ بۇ ئىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىڭىزمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزى ياختۇردىغان ئىشنى قىلىش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى تاللاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرت.
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى
2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى