جۇڭگۇ خوتەن قاش پريوم مەركىزى رەسمىي ئىشقا چۈشتى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 96)
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...
يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...
يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
جۇڭگۇ خوتەن قاش پريوم مەركىزى رەسمىي ئىشقا چۈشتى
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - 12 - كۈنلىرى دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئەۋەتكەن مۇتەخەسىسلەر گوروپپىسى شىنجاڭ سۈپەت تەكشۈرۈش يۇرتىغا جايلاشقان << جۇڭگۇ خوتەن قاش پريوم مەركىزى >> نى تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
تەكشۈرۈش گوروپپىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر خوتەن قاش پريوم مەركىزىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرلۇشى ، تېخنىكا ئىقتىدارى ، قۇشۇن قۇرلۇشى ، پەن - تېخنىكا ئىقتىدارى ، يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەھۋالى ، جەمىئەتتىكى تەسىرى ۋە نۇپۇزى قاتارلىق ئالتە تەرەپتىن ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلېپ باردى ھەم مۇنداق يەكۈن چىقاردى : << بۇ مەركەزنىڭ پريوم ئىقتىدارى خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە ، دۆلەت ئىچىدە باشلامچىلىق سەۋىيەسىگە يېتىپتۇ . >> . مەزكۇر ئورۇن خوتەن قاشلىرى ، قاش ئويمىلار ، ئۈنچە - مەرۋايىتلار ، گۆھەر تاش .... قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتى تەكشۈرىدۇ . تۈرلۈك كەسپى ئۆلچەملەرنى بېكىتىدۇ ھەم مەھسۇلات سۈپىتىگە نىسپەتەن ئادىل گۇۋاھلىق بېرىدۇ .
جۇڭگۇ خوتەن قاش پريوم مەركىزىنىڭ دىيارىمىزدا قۇرۇلىشى خوتەن قاشگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر تارىخى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئۇ دىيارىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ .
مەنزىل :
新疆维吾尔自治区产品质量监督检验研究院
地址:乌鲁木齐市新市区河北东路188号
تېلىفۇن : 0991-2320871
مەنبە : 新疆质检院和田玉检验中心
2016 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى