A-A+

مەرۋايىتنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىشى

مەرۋايىت ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ( 3 )

ئەقىدە  شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى

2000-2000-poly-b

ماقالىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە مەرۋايىتنىڭ چىققان ئورنىغا ئاساسەن تاتلىق سۇ مەرۋايىتى ۋە تۇزلۇق سۇ مەرۋايىتى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق .

200794104530618

بۈ ماقالىمىزدا مەرۋايىتلارنىڭ  تۈزۈلۈش شەكلىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىشى ئۈستىدە توختىلىمىز .
DORLAN-WT006180-3

مەرۋايىتلار  تەبىئى شەكىللەنگەن شەكلىگە ئاساسەن يۇمىلاق ، يېرىم يۇمىلاق ۋە غەيرى شەكىللىك مەرۋايىتلار دەپ ئۈچ  چوڭ تۈرگە  ئايرىلىدۇ .

ماقالىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە يۇمىلاق مەرۋايىت ئۈستىدە  توختالغان ئىدۇق . مەزكۇر ماقالىمىزدا يېرىم يۇمىلاق ۋە غەيرى شەكىللىك مەرۋايىتلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز .

قۇلۇلىنىڭ سىرىتقى شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ،لېكىن ھەربىر دانە قۇلۇلىنى يارغىنىمىزدا ئۇنىڭ تېنىدىن چىققان مەرۋايىتلارنىڭ سان،سۈپەت،شەكىل ،رەڭ جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۈرىمىز.مەرۋايىتلارنىڭ بىر پۈتۈن ،تۇلۇق  ، ئۆلچەملىك يۇمىلاق شەكىلدىكىلىرى مەرۋايىت ئۇمۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتىنى

تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ،قالغانلىرى ھەرخىل شەكىللەردە بولىدۇ.شۇڭا ئۆلچەملىك يۇمىلاق مەرۋايىتلارنىڭ باھاسى

مۇ يۇقۇرى بولىدۇ.ھەم بۇ خىلدىكى مەرۋايىتلار تىبابەت،گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىگە ئىشلىتىلمەيدۇ.

01200000165118134426548459533_s

u187689742118436921fm21gp0 u11962651141526230189fm21gp0

يېقىنقى يىللارغا قەدەر يېرىم يۇمىلاق ۋە غەيرى شەكىلدىكى مەرۋايىتلار ئاساسەن تىبابەت،ساغلاملىق بۇيۇملىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

u1792758737415772294fm21gp0 u20349093463495414810fm21gp0

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۈنچە - مەرۋايىت لاھىيلەش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى . شۇنىڭ بىلەن بازار ئېھتىياجىغا ماس ھالدا  كىشىلەر  غەيرى شەكىللىك ۋە يېرىم يۇمىلاق مەرۋايىتلارنىمۇ زىننەت بۇيۇملىرى ھەم سوۋغات بۇيۇملىرى ياساشقا ئىشلىتىدىغان بولدى.

猎豹截图20150617193849

ئەمەلىيەتتە يېرىم يۇمۇلاق ۋە غەيرى شەكىللىك مەرۋايىتلارنىڭمۇ سۈپىتى ئوخشاشلا ياخشى بولۇپ، ئېھتىياجنىڭ قانداق بولۇشى ياكى قانداق ئۇرۇنغا ئىشلىتىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ گۈزەللىكى،ئادەم بەدىنىگە بولغان رۇلى ۋە باشقافىزىكا،خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ