A-A+

ھەر بىر خىزمەتچى خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 184 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 11-پارىگىراپ

ھەر بىر خىزمەتچى خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىش

پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەك

ئەگەر بىر كارخانىدىكى ھەر بىر خىزمەتچى خىزمەت خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلىنالىسا، ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلالىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىن بەھىر ئېلىش-ئالالماسلىقى رەھبەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىغا باغلىق.

مايۈن ئالى بابانى خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلالايدىغان كوللىكتىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچىگەن رەھبەر، ئۇ خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قانداق ئۇرغۇتۇشنى ۋە ئۇلارنى قانداق قىلىپ خۇشاللىق ئىچىدە خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ قانداق قىلغان؟

ئالى بابادا، خىزمەتچىلەر خالىسىلا مۇز تېيىلىش ئايىغىنى كىيىپ خىزمەت قىلسىمۇ بولىدۇ. مايۈننىڭ قارىشىچە، كارخانىدا خىزمەتچى بىرىنچى، رەھبەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار بولمايدىكەن ئالى بابامۇ بولمايدۇ، پەقەت خىزمەتچىلەر خۇشال بولسا خېرىدارلار ئاندىن خۇشال بولالايدۇ. خېرىدارلارنىڭ مەدەت سۆزلىرى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئالى بابانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مايۈن دائىم خىزمەتچىلەرنى خۇشال قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ دائىم خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كەسپ توغرۇلۇق پاراڭلىشىدۇ، ھەمدە پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛ ئۇ يەنە خىزمەتچىلەر بىلەن ۋېيچى، سىگو (قارات تۈرلىرى) لارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ياخشى ئوينىيالمىغاچقا دائىم ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ-دە، خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ قارات ئويناش تېخنىكىسىنى يۇمۇر قىلىدۇ؛ خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە «ئېتىشىش» ئويۇنى ئوينىغاندا، ئۇ بەك كۆپ سۆزلىگەچكە دائىم بىرىنچى بولۇپ «ئۆلىدۇ»؛ ئۇ يان تېلېفونىنىڭ قوڭغۇرىقىنى «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» غا تەڭشىۋالغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئاڭلىغىنىدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر سىز ئالى بابانى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز، سىز چوقۇم مايۈننىڭ ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان مۇنداق بىر سۈرەتنى كۆرەلەيسىز: سۈرەتتە چۈمبەل تارتقان «شىنجاڭ قىزى» تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئالى بابا بىلەن ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنىڭ 2005-يىلى 9-ئايدا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە تارتىلغان بولۇپ، بىراق نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ «شىنجاڭ قىزى» نىڭ مايۈننىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن.

ئالى بابادا بۇنىڭدەك پائالىيەتلەر ناھايىتى كۆپ. مايۈن بەزىدە ئۇيغۇر قىزلىرىدەك ياكى جياڭنەن كوچىلىرىدىكى بېلىقچى ئاياللاردەك ياسىنىۋالىدۇ؛ ئالى بابانىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى ساچۇڭشىن-كىشىلەر تەرىپىدىن كۆپ گەپ قىلمايدۇ، ناھايىتى كەسكىن دەپ قارالغان بۇ كىشىمۇ بەزىدە ئاياللارنىڭ پايپىقىنى كىيىۋېلىپ ئۇسۇل ئويناپ كېتىدۇ.

ئالى بابادا، بۇ كىشىلەر مايۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىشلارنى قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ، خىزمەتچىلەر خىزمەتتە ئەستايىدىل، تىرىشچان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئويۇن ئويناشتىمۇ قانغۇچە ئوينايدۇ.

بىر توپ تور سودىسى سېتىقچىلىرى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش تېلېفونىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ، قول-پۇتلىرى ھەرىكەتلىنىپلا تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى «ئاكې»، «چىڭتۇڭ»، «پوخۇ» (چەۋندازلىق ھېكايىلىرىدىكى پىرسۇناژلار) دەپ چاقىرىشىدۇ، بۇلار ھەرگىزمۇ جىنكاڭنىڭ چەۋەندازلار ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش مەيدانى ئەمەس، بەلكى ئالى بابا قارمىقىدىكى تاۋباۋ شىركىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت مەيدانى. مايۈن جىنكاڭنىڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى كۆرگەچكە، باشقا خىزمەتچىلەرمۇ مايۈندىن «يۇقۇملىنىپ» جىنكاڭنىڭ مەستانىسىغا ئايلانغان. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۇلار تاۋباۋ شىركىتىنىڭ يىغىن زالىنى «جىنكاڭ ئۇسلۇبى» دا قىلىپ، ئۇنىڭغا «خېيمۇدا»، «جياكېدا» دېگەندەك ناملارنى بېرىپ، ئادەمگە چەۋەندازلارنىڭ چامباشچىلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەردە رول ئېلىۋاتقاندەك ھېسىياتنى ئاتا قىلغان...

2006-يىلى 11-ئايدا، ۋېيجى BQ گۇرۇھى جۇڭگو رايونىنىڭ باش لىدىرلىقىدىن ئىستىپا بېرىپ ئالى باباغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمەت مۇھىتىدىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالغان. ۋېيجى يەنە بىر يېڭى خىزمەتچىدىن بۇنى سورىغاندا، قارىشى تەرەپ مۇنداق دېگەن: «ئەجىبا سىز مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟» ئەمەلىيەتتە، ئىككى ئاي بۇرۇن بۇ خىزمەتچى شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل «ئەسەبىيلىكى» نى كۆرگەندە چۈشىنەلمەستىن ئىچىدە كۈلگەن ئىدى.

ئەنئەنىۋى سېتىش كەسپىدىكى بۇ خىزمەتچى كېيىن مۇنداق ھېسىياتقا كەلگەن: «ئالى بابا جۇڭگو بويىچە كۈلكە ئەڭ كۆپ شىركەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى شىركەت ئىكەن.»

ۋېيجى بىلەن مايۈن كونا دوستلاردىن ئىدى. ئۇلار 2000-يىلى 1-ئايدا تۇنجى كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىغا بېرىپ خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس سۆزلىگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مايۈن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئىنتېرنېت سودىسىنىڭ كەلگۈسىنى تەسۋىرلىگەندە، ۋېيجى ھېچنىمىنى چۈشەنمەي كارى بولمىغان ئىدى. 2003-يىلى، مايۈن تۇنجى قېتىم ۋېيجىغا رەسمىي ھالدا ئىتىپاقلىشىش تەكلىپىنى قويغان، ئەمما ۋېيجى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. 2006-يىلى، مايۈن يەنە ۋېيجىنى ئىزدەپ بارغان، ئەمما ئۇ بىۋاستە تەكلىپ قىلماستىن مۇنداق سۇئال سورىغان: «سىز خۇشالمۇ؟» بۇ ئىشتىن كېيىن، ۋېيجى ئۆزىنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆز سەۋەبلىك ئالى باباغا كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيىتقان. ۋېيجى بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ «ئادەمنىڭ يۈرىكىگە بارىدىغان» لىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئىش قىلىشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ۋېيجى كەسپنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئۈلگىسى، بىراق ئۇ ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلامدۇ؟ ئۇ ئەزەلدىن بۇنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

مايۈن ئىزچىل خىزمەتچىلەرنى «ئىش قىلغاندا بېرىلىپ ئىشلەش، ئوينىغاندا قاتتىق ئويناش» قا يېتەكلەشكە كۈچەۋاتىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ خادىملارنىڭ خىزمەتنى بىر خىل يۈك قاتارىدا كۆرىشىنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئېيىتقاندا: «كۈلكە ئاۋازى يوق شىركەتتە ئىشلەش ئەڭ ئازابلىق.» شىركەت خىزمەتچىلىرى ھوزۇر ئالالايدىغان، خۇشاللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسىلا، مايۈن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.

ئالى بابادىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىلگىرى ئالى باباغا مىجەزى ناھايىتى ئېغىر بىر ئايال كەلگەن، ئەمما ئۈچ ئايدىن كېيىن بۇ ئايال خىزمەتچى باشقىچىلا ئادەمگە ئايلانغان. گەرچە ئۇنىڭ مائاشى يۇقىرى بولمىسىمۇ، ھەر ئايدا پەقەت 3000 يۈەن ئالسىمۇ، بىراق بۇ ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغان، ئۇ دائىم خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دەيىتتى: «مەن بىلەن يەنە ئەخمىقانە تېمىلار توغرىسىدا پاراڭلاشماڭ، مەن جۇڭگو ئىنتېرنېت سودىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمەن.»

ئالى بابانىڭ كۆڭۈللۈك خىزمەت قىلىش ئىدىيەسى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئالى بابا «CCTV جۇڭگودىكى يىللىق ئون چوڭ كارخانا» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغاندا، مايۈن مۇنداق دېگەن: «بىز ئىككى قېتىم باھالاندۇق... بىز تۆت-بەش يىل ئىچىدە (دۇنيادىكى ئون چوڭ كارخانا) نىڭ بىرى بولۇشنى، ياشلار كىرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان شىركەتكە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز!»

ئالى بابا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابئاتلىرىغا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە، مايۈن مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە ئالى بابانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسىرى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالى بابالىقلار. ھەر كۈنى خىزمەتتىن كېيىنكى خۇشاللىقنى ئائىلىسىگە ئېلىپ كېتىدىغان، ئىككىنچى كۈنى ئائىلە تۇرمۇشىدىن ئېرىشكەن خۇشاللىقى ۋە ئەقل-پاراسىتىنى خىزمەتكە ئېلىپ كىرەلەيدىغان كىشىلەر! مەن ئۈمىد قىلىدىغان ئالى بابالىقلار بىر تۈركۈم غايىلىك، قىزغىن ۋە ئىش قىلالايدىغان، تۇرمۇشتا قانداق ياشاشنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر! تۇرمۇش ۋە خىزمەتنى قارىمۇ-قارىشى قىلىپ قويغان ئادەم ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئالى بابالىق بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ! ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئۇ تېخى ئالى بابالىققا ئايلىنالمىغان بولىدۇ!»

مايۈن مۇنداق ئەقىدە قىلغان: «كۆپچىلىك ئۆزى ئۈچۈن، ئائىلىسى ئۈچۈن، ئالى بابانى ھەقىقىي ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشى، ئەستايىدىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك!»

*************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ