نامراتلاردا بېيىش نىشانىلا بولىدۇ، بايلاردا كۆپلىگەن مەبلەغ سېلىش نىشانى بولىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
تۆتىنجى باب
نىشاندىكى پەرىق:
4-باپ 1-پاراگىراپ
نامراتلاردا پەقەت بىرلا بېيىش نىشانى بولىدۇ، بايلاردا
كۆپلىگەن مەبلەغ سېلىش نىشانى بولىدۇ
نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدىكى پەرىقنى سۆزلىسەك، نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋال ئىككى تەرەپنىڭ ماددى بايلىقتىكى كەسكىن پەرقىنى ئويلايدۇ. ئەمىليەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەرىقلەرنىڭ بىرى خالاس . ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرىقتە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلەر نۇرغۇن بولسىمۇ، لىكىن ئىككىسىنىڭ نىشاندىكى ئوخشاشماسلىقى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىيدۇ . ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا، نامراتلاردا پەقەت بىر خىل نىشان- باي بۇلۇش نىشانى بولىدۇ. لىكىن بايلاردا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش نىشانى بار.
ئەمىليەتتە، نۇرغۇن بايلىقى كەمچىل نامراتلار كۆپىنچە تەڭرىدىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ. ھەمىشە ئۆزىنىڭ تەقدىرى ناچاردەك ھېس قىلىدۇ. لىكىن بۇ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى سەۋەپنى تەھلىل قىلمايدۇ. ھەمىشە ئاغرىنىپ ھىچقانداق ئۆزگىرىش قىلمىسا، نامراتلارنىڭ قەد كۆتۈرىشى ئىنتايىن تەس. شۇڭلاشقا نامراتلار چوقۇم بايلارغا ئوخشاش نىشان تىكلىشى ھەمدە ئۇلاردا ئەمەلىي قوللانغىلى بولىدىغان نىشان بولۇشى كېرەك . چۈنكى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بايلارنىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى زور نىشانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بايلىققا بولغان توختاۋسىز قوغلىشىش ، كەسپىگە بولغان ئاكتىپ ئىلگىرىلەش روھى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.بايلار نىشانىغا ئاساسلانغان پىلان-كۆرسەتمىسى، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ھەمدە ئۆزىدىكى قەتئىي بوشاشماسلىقتەك ئىرادىسىگە تايىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە تەۋە بولغان بايلىققا ئېرىشىدۇ.
نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدىكى پەرق خام خىيال قىلىش ياكى نىشان بىكىتىشكە باغلىق
نۇرغۇن ئادەم باي بولۇشنى ئويلايدۇ. لىكىن ھەقىقى باي بولالىغانلار ناھايىتى ئاز . بىر قىسىم كىشىلەر تېز باي بولالمىغىنىغا باش قاتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار: «قانداق قىلغاندا تېز بېيىغىلى بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. دۇنيادىكى «تارقىتىش ئىلمى ئاتىسى» سىكرام ئىلگىرى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئەڭ تېز بېيىيدىغان ئۇسۇل − چۈش كۆرۈش!» نىشانى يوق، پەقەت خام خىيال قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم نۇرغۇن . ئۇلار ھەمىشە بايلىقنىڭ ئاسانلا قولغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . نىشان بەلگىلەشنى بىلمىگەنلىكتىن خام خىيال قىلىش بىلەن بىرگە تەدرىجى ھالدا ئىشلىرىدا نەتىنجە قازىنالمايدىغان نامراتقا ئايلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ باي بولالماسلىقىنڭ سەۋەبى-ئۇلار نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋالغان . ئۇزۇن مۇددەت خام خىيال قىلغانلىقتىن ئۇزۇن مەزگىللىك نىشانىنى يوقاتقان .
ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئادەملەر ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا كۈن بويى ئىسىل تۇرالغۇ، ئىسىل ماشىنا، ئىسىل ھاراق، مېزىلىك تاماق، ھەمدە باي بولغاندىن كىيىن نىمىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئويلار پەيدا بولىدۇ. لىكىن ناھايتى ئاز ئادەم قانداق قىلغاندا ئاندىن بېيىغىلى بولىدىغاننى ئويلايدۇ . كۆپ قىسىم كىشىلەر باي بولشنى ئويلىسىمۇ ، لىكىن ئۇلار خام خىيالنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغاچقا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپىدە ئاۋالقىغا ئوخشاش ئۆزگىرىش يوق .
ما تېڭيۈننىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى باي ئەمەس. مەلۇم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇرگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا بىر كىشلىك ئاددى خىزمەت تاپقان. ھازىرقى ھالىتىدىن بىئارام بولغان بۇ ياش نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈپ زېرىككەنىدى. شۇڭا ئۇ چۈشىدىمۇ تېزراق باي بولۇشنى ئويلايتى. لېكىن تۇرمۇش ۋە خىزمىتى بىر خىللا بولۇپ، كىرىمى ئىزچىل يۇقىرىلاپ باقمىغاچقا پەقەت كۈندىلىك چىقىمىغىلا يېتەتتى. ئۇ ھەركۈنى مۇشۇنداق ياشاۋېرىپ، ئۆزىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باي بولۇشىنىڭ تەسلىكىنى بىلدى. ھەم ئۆز ئالدىغا بىرەر ئىش قىلىش مەخسىدىدە شىركەتتە پەقەت ئۈچ ئايلا ئىشلەپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى . تىزراق باي بولۇش ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىش كېرەك ؟كۆڭلىدە ئېنىق نىشانى بولمىغان ما تىڭيۈن بىردىنلا قايمۇقۇپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىزدەپ يۈرۈپ دەسلەپتە توردىن بىر باي بولۇش تۈرىنى كۆردى . شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ تۈر بويىچە ئۆزى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى. لىكىن بۇ ئىشنىڭ پايدىسى ئاز بولۇپ ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ يېتىش كېرەك ئىدى.ئۇ ئىجارە ھەققى، خىزمەتچى تەننەرخى ، سېتىش يۇلى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ، دەسلىپىدە ئىككىلىنىپ قارار قىلالمىدى ، نەچچە كۈن خىيال قىلغاندىن كېيىن ئاخىرى بۇ تۈردىن ۋاز كەچتى . كىيىن ئۇ يەنە يېزىقچىلىق بىلەن جان بېقىشنى ئويلىدى . لىكىن ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە، ئىرادىسى كەمچىل بولغاچقا بولدى قىلدى . كۈنلەر بىر بىرلەپ ئۆتتى . ئۇ ھەركۈنى توردا ئۇيۇن ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزدى . ئويناپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئەيىپلەيتى . دائىم باي بولغاندىن كىيىنكى يىمەك-ئىچمىكىدىن غەم قىلمايدىغان تۇرمۇشنى خىيال قىلاتتى .ئۇ قولىدىكى يىغقان پۇلنىڭ كۈندىن كۈنگە ئازىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلەشسىمۇ، لىكىن ياخشىراق بىرەر ئامال ئويلاپ تاپالمىدى. خىيالغا پېتىپ نەچچە كۈننى بىكار ئۆتكۈزگەن ما تىڭيۈن ئاخىرى يۈزىنى قېلىن قىلىپ ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشقا چىقتى. ئەمما قىلغان ئىشى دىتىغا ياقمىغاچقا توختىماي خىزمەت ئالماشتۇردى . ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كەسپىدە بەلگىلىك نەتىنجە قازانغان بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆيمۇ سېتىۋالدى. لىكىن ئۇنىڭ كىرىمى باشتىن ئاخىر ئاز ئىدى. تېزراق بېيىش ئۈچۈن ئۇ لاتارىيەگە بېرىلىپ كەتتى. ۋاقتى بولسىلا لاتارىيەنىڭ يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلاتتى .ئەمما لاتارىيەدىن ئۈمۈد كۈتۈپ سۈرگەن شىرىن خىيالىمۇ ھىچ نەتىجە بەرمىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىزدىن بېيىش خىيالىدا نىشانسىز قالدى.خىيال قىلغان باياشات تۇرمۇشمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى . ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ ئەزەلدىن نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ باقمىدى ، ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن غەم قىلىشقا باشلىدى.
ماتېڭيۈن بولسا تىپىك خىيالغا باي ھەمدە نىشان بەلگىلىيەلمەيدىغان مەغلۇبىيەتچى . ئۇ كۈن بۇيى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بېيىش ئۇسۇلىنى ئويلايدۇ . لىكىن ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمايدۇ . غايىسى ئۈچۈن تېخىمۇ نىشان بەلگىلىيەلمەيدۇ . ئەڭ ئاخىرى بۇ گۈزەل خىياللارنىڭ ھەممىسى يوققا چىقىدۇ . ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ . ئەگەر بايلاردا غايە بولسا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى غايە شەكىللەنگەندىن كېيىن كونكىرىت ھەرىكەت نىشانىنى بەلگىلەيدۇ . كىيىن تىرىشىپ غەلىبە يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ . نامراتلارنىڭ نامراتلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇلار قۇرۇق خىيال قىلىشقا ئامراق، لىكىن بايلار نىشان بەلگىلەپ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بىلىدۇ.
ئەلى بابا سودا ئىمپىيىسىنى ياراتقان مايۈن بولسا نىشان بىكىتىشنى بىلىدىغان باي. ئۇ باياشات تۇرمۇشنى مۇنداق ياراتقان، كىچىكىدە دائىم ئىش تېرىغاچقا جازالىنىدىغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، مۇئەللىمى ۋە ئائىلە باشلىقى ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەيتى.مايۈن ۋە باشقا تور كەسپىدىكى كىشلەرنى سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغانلىق ئارقا كۆرۈنىشى يوق. ئۇ نۇقتىلىق مەكتەپتىمۇ ئوقۇمىغان. ماشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان. بىرىنجى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا، ماتىماتىكىدا بىر نومۇر ئالغان. ئەينى چاغدا ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى كېيىن چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ قارىمايتى. گەرچە مايۈن ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئەڭ ئىستىقبالى يوق ئادەم» دەپ قارالسىمۇ، لىكىن ئۇ ئەزەلدىن غايىسىدىن ۋاز كەچكەن ئەمەس. ئۇ قايتا ئوقۇش ئارقىلىق مڭ تەسلىكتە خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرگەن . ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنى پۈتۈنلەي تەلىيىگە تايانغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىنجىسى پەقەت مەخسۇس كۇرۇس سىزىقىغىلا يەتكەن ئىدى. لىكىن تولۇق كۇرۇسقا سان توشمىغاچقا ئۇ تولۇقلاپ قۇبۇل قىلىنغان .
مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 5 يىل ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كىيىن ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ تەرجىمە شىركىتى ئاچقان. بۇ جەرياندا ئامېرىكىغا كاماندىروپكىغا چىقىپ، تور بىلەن ئۇچىرىشىپ ، كەلگۈسى دۇنيادا تورنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن.
ئەينى چاغدا جۇڭگۇدا تورغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى تېپىش تەس بولغاچقا ، مايۈننىڭ ھەرىكىتى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان . ئۇلار مايۈننىڭ نىشانىنى ئىشەنچىلىك ئەمەس دەپ قارىغان . لىكىن مايۈن قاتمۇقات بېسىمغا بەرداشلىق بىرىپ ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرۇشنى تاللىدى . ئۇ دوستىدىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ «جۇڭگۇ سېرىق بىتى» تور بېكىتى (中国黄页) نى قۇرغان . بۇمۇ جۇڭگۇدىكى ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان تور شىركىتى . مايۈننىڭ داۋاملاشتۇرۇشى ھەمدە ئۆتكۈر كۆزى ئۇنى 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 5 مىلىيونغا ئىگە قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كارخانىنىڭ نامىنى تارقاتتى. 1999-يىلى ئۇ ئىككىنچى مۇھىم ئىگىلىكىنى تىكلەپ ئېلىكتىرونلۇق سودا ساھەسىگە كىردى . شۇنداق قىلىپ ئەلى بابا بارلىققا كەلدى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مايۈننىڭ ئېلىكتورۇنلۇق تور سودىسىدىن ئىبارەت بۇ نىشانىمۇ ئەمەلگە ئاشتى. ئاخىرىدا ئۇمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايغا ئايلاندى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مايۈن ئېرىشكەن غەلىبە ئۇنىڭ خام خىيالىدىن كەلمىگەن . بەلكى نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كىيىن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . نۇرغۇن كىشىلەر ‹ مايۈن پۇرسەتكە ئۈلگۈرۈپ قالغان › دېيىشى مۇمكىن . لىكىن ئەينى چاغدا تورنىڭ جوڭگوغا كىرگەنلىكىنى بىلگىنى مايۈن بىرلا ئادەم ئەمەس . بۇ ئىشنى قىلىشنى ئويلىغانلار ئىنتايىن كۆپ ،لېكىن مايۈنگە ئوخشاش قىلىشقا پېتىنالايدىغان ئادەم تولىمۇ ئاز بولغان . شۇڭا ‹ باي بولۇش نىشانىغا قاراپ ھەرىكەت قىلالايدىغان ئادەملەرگە مەنسۇپ › دەيمىز. مايۈن ئىلگىرى:«نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش مەنمۇ ئىلگىرى نامرات ئىدىم. لىكىن مىنى بېيىش يولىغا ماڭغۇزغان ھالقىلىق ئامىل -مەن خام خىيال قىلمايمەن . بەلكى نىشان بەلگىلەيمەن ھەم ھەرىكەت قىلىمەن.» دېگەن . ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ، ھەقىقى باي بولۇشنى ئويلىغان ئادەم ھەمىشە
خام خىيال قىلسا بولمايدۇ - دە.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى ئەمىلىيەتتە بىر قەدەمنىڭ پەرقى . نامراتلاردا غايە ۋە ئارزۇ يوق ئەمەس، بەلكى ئۇلار دائىم غايىنى قۇرۇق خىيالغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . ئۇنى بىر نىشان قىلمايدۇ . ھەمدە ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللانمايدۇ . شۇڭا نامراتلارنىڭ بايغا ئايلىنىشى ئىنتايىن قىيىن.
**************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى