A-A+

يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان قاش-تاشلار

2015-يىل 19-ئاۋغۇست ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 1,801 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

ئىلاۋە : ئەسلى تەرجىمىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا بىر قىسىم يېڭى مەزمۇنلار تەرجىمان تەرىپىدىن قۇشۇلدى .

1 . خوتەن قاشلىرى

 HE TIAN YU  和田玉

671

خوتەن قاشلىرى دۇنيادا پەقەت قاراقۇرۇم تاغلىرىدىنلا چىقىدىغان ئەتىۋارلىق گۆھەر بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىن چىقىدىغان ھەر قانداق قاشنىڭ سۈپىتى ، قاتتىقلىقى ، زىچلىقى ، مايلىقلىقى خوتەن قاشلىرىغا يەتمەيدۇ . جۇڭگۇنىڭ دۆلەت گۆھىرى بولغان خوتەن قاشلىرىغا مەبلەغ سېلىش بايلارنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىدۇر .

 2 . كۆك تارغاق قاش

翡翠  FEI  CUI

8251975_083155485000_2

 دۇنيا قاتتىق قاشلىرىنىڭ سەركىسى بولغان كۆك تارغاق قاش يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان  كەڭ قاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ باھاسى شىدەەت بىلەن ئۆرلىمەكتە . كۆك تارغاق قاشنىڭ رەڭگى سەرخىل بولۇپ ئاساسلىقى كۆك ، يېشىل ، قىزىل ، قارامتۇل رەڭلەردە بولىدۇ . كۆك تارغاق خېتىدىكى

翡 FEI قىزىل  رەڭنى ، 翠 CUI يېشىل رەڭنى ئىپادىلەيدۇ .

3 . جىشۆ  تېشى

鸡血石  JI  XUE SHI

8666f80005101a44

جىشۇ تېشى جېجىياڭ ئۆلكىسى ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىن چىقىدىغان تاش بولۇپ ئادەتتە قىزىل رەڭدە بولىدۇ ، رەڭگىدىكى قىزىللىق تۇخۇ قېنىنىڭ قىزىللىقىغا ئوخشىغاچقا كىشىلەر تەرىپىدىن << تۇخۇ قېنى تاش 鸡血石 >> دەپ ئاتالغان . ئەينى زاماندا باش مىنىستىر جۇ ئېنلەي  ياپونىيە مىنىستىرى تىيەنجوڭ جىياۋروڭ ئەپەندىگە جىشۆ تېشىدىن ئويۇلغان تامغىدىن بىر جۈپ مۆھۈر سوۋغا قىلغان . شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە ياپونىيە ، شىياڭگاڭ ،تەيۋەن خەلقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا جىشۆ تېشى ئويناش ، يىغىپ ساقلاش مودا بولىۋاتىدۇ .

4 . دۇشەن قاشلىرى

独山玉  DU SHAN YU

2014030419423000448041

دۇشەن قاشلىرى خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىدىن چىقىدىغان قاش بولۇپ يارىلىشىدىن ئاق ، قارا ، قىزىل ، يېشىل ، سۆسۈن رەڭلەر بىرلىشىپ كەتكەن رەڭ تۈزۈلىشى ناھايىتى مۇرەككەپ ، قاتتىلىقى ياخشى ، خوتەن قاشلىرى ۋە كۆك تارغاق قاشقا ئوخشاش نۇر ئۆتكۈزىدىغان ئىچكى قىسمى پاكىز كېلىدىغان ، جۇڭگۇغا داڭلىق تۆت تۈرلۈك قاشنىڭ بىرىدۇر .

5 . بەھرەيىن ( بالىن ) تېشى 

巴林石  BA LIN SHI

12869565_750910

بەھرەيىن تېشى ئىچكى موڭغۇلنىڭ بالىنزورچى رايۇنىدىن چىقىدىغان بىر خىل تاش بولۇپ ، تەيشەن تېشى ، چىڭتىيەن تېشى ، چاڭخۇا تېشى بىلەن بىر قاتاردا << جۇڭگۇنىڭ تۆت داڭلىق تېشى 中国四大名石 >> دەپ تەرىپلىنىدۇ . بەھرەيىن تېشىنىڭ يارىلىشىدىن يۈزىدە بار بولغان سىزىقچىلىرى ئۆزگىچە ، رەڭگى سەرخىل ، ئاسانلا تىغ يەيدۇ . قەدىمدىن ھازىرغىچە بەھرەيىن تېشى ئاساسەن مۆھۈر ئويۇشقا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ .

6 . تەيشەن تېشى

泰山石  TAI SHAN SHI

2013-09-16_11_28_21

تەيشەن تېشى شەندوڭ ئۆلكىسى تەيشەن تېغىدىن چىقىدىغان تاش بولۇپ  مايلىق ، رەڭگى شوخ ، ئويما ئويۇشقا بەكمۇ ماس كېلىدۇ . فۇجىيەن شەھىرىنىڭ 1500 يىللىق تەيشەن تېشىنى ئويۇش تارىخى بار .

7 . شىيۇۋيۈ قاشلىرى ( ئۆڭكۈر قېشى )

岫玉  XIU  YU  

5734208225549546966

شىيۇۋيۈ قاشلىرى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىيۈۋيەن ناھىيەسىدىن چىقىدىغان مايلىقلىقى ، پارقىراقلىقى ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولغان جۇڭگۇدا قەدىمدىن ھازىرغىچە قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك قاش بولۇپ ، جۇڭگۇغا داڭلىق نۇرغۇن قاش ئويمىلار شىيۇۋيۈ قاشلىرىدىن ئويۇلغان . خۇاشىيا ئەۋلاتلىرى شىيۇۋيۈ قاشلىرىنى << خۇاشىيا گۆھىرى >> دەپ تەرىپلەيدۇ .

8 . چىڭتىيەن تېشى 

青田石  QING TIAN SHI

0_qinhantang_7782_20140514134214

جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭتىيەن ناھىيەسىدىن چىقىدىغان تاشلار يەر نامى بويىچە چىڭتىيەن تاشلىرى دەپ ئاتالغان بولۇپ ، جۇڭگۇ تاش ئويمىچىلىقىدىكى مۇھىم تاش ماتىريالىنىڭ بىرىدۇر .

9 . پروزە

绿松石  LV  SONG SHI

201406191531264

پروزە قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن گۆھەر بولۇپ ، قەدىمدە مىسر ، مېكسىكا ، پارس ئەللىرىدە  ئىلاھى تۈستە ، كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۇمار سۈپىتىدە كىشىلەرگە زىبۇ - زىننەت بۇيۇمى ۋە ھەمنەپنە بۇيۇملىرى بولغان .  جۇڭگۇدا زاڭزۇلار پروزىنى ئىلاھنىڭ نامايەندىسى ھۇقۇق ، مەرتىۋىنىڭ مۇجەسسىمى دەپ قارايدۇ . زاڭزۇلارنىڭ تۇنجى پادىشاھى پروزە تاج تاقىغان . پروزىنى خەلقئارادا غەلبە تېشى دەپ تەرىپلەيدىغانلارمۇ بار . دىيارىمىزدىن پروزە ئاز ، ساز چىقىدۇ . دۇنيادىكى پروزىنىڭ 75 % خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىيەن شەھىرىدىن چىقىدۇ . (湖北省十堰市

HU BEI SHENG SHI YAN SHI)

10 . ھېقىق

玛瑙  MA NAO

562c11dfa9ec8a13cbf0e328f603918fa1ecc014

ھېقىق ھازىر جۇڭگۇدا ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقان بىر تۈرلۈك مېنرال بولۇپ ، يارىلىشىدىن رەڭگى ، شەكلى ئۆزگىچە ، قاتتىق ، پارقىراق بولغاچقا تەبىئىي ھالىتىدە ھۇزۇرلىنىشقىمۇ ياكى ئويۇپ سەنئەت بۇيىمى قىلىپ ھۇزۇرلىنىشقىمۇ بولىدۇ . ھېقىق قانچە نىپىز بولسا باھاسى شۇنچە قىممەت بولىدۇ . دىيارىمىزنىڭ تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقلىرىدىن كۆپ مىقتاردا ھېقىق چىقىدۇ .

مەنبە :  亮马国际珠宝古玩城

2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ