A-A+

140 مىليۇنلۇق ئالماس

2017-يىل 9-ماي جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 143 قېتىم

يەر شارى تورى 8-ماي خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى :

20170508192248833

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئېغىرلىقى 92 كارات كېلىدىغان مۇكەممەل ھالەتتىكى يۈرەك شەكىللىك ئالماس كىرىستى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە سېتىلىدىغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 15 مىليون 520 مىڭ فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 140 مىليون يۈەن) دەپ پەرەز قىلىنغان.

بۇ چوڭ ئالماس بىر مەرۋايىت مارجانغا ئېسىلغان بولۇپ، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بېرگ تۆت پەسىل مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىرىستى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە سېتىلىدىكەن. كىمئارتۇق قىلىپ ساتقۇچى شىركەت بۇ ئالماسنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ۋە نۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئالماسنىڭ پەرەز قىلىنغان سېتىلىش باھاسى يېقىندا سېتىلغان كىچىك ئالماسنىڭ باھاسىدەك يۇقىرى بولمىغان. 2017-يىلى 4-ئايدا ئېغىرلىقى 59.6 كارات كېلىدىغان «ھالرەڭ يۇلتۇز» ناملىق ئالماس 55 مىليون 260 مىڭ فوندستېرلىڭلىق يۇقىرى باھادا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 490 مىليون يۈەن) سېتىلغان.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ