A-A+

ۋاز كېچىش ھالقىش ئۈچۈندۇر

2015-يىل 24-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 474 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

 5 - باب 2 - پارگىراف 

w0200707133487108540484

   بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: بايلىقنى ئۆزىمىز تىرىشىپ تاپىمىز، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك.

 ۋېنجۇلۇقلار: بايلىق -بىر خىل جاۋاب قايتۇرۇش ،ھاياتلىق ئۈچۈن  كۈرەش قىلىش دېمەكتۇر، بۇنىڭدا چوقۇم ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش، ئېرىشمەكچى بولغانغا چوقۇم ئېرىشىش كېرەك. بەزىدە چوقۇم ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىپ، ۋاز كېچىشكە ماھىر بولغاندا چوقۇم چوڭ پايدىغا ئېرىشەلەيمىز.


  شاڭخەي جيەنچياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ شىڭزېڭ ۋېنجۇلۇق سودىگەر، ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھايات شاھماتقا ئوخشايدۇ. ۋاز كېچىشكە پېتىنالىغاندا ۋە ماھىر بولغاندىلا ئاندىن چوڭ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.» ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى باشقا ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ ئورتاق تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

   بىر سودىگەر شاڭخەيگە بېرىپ ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ئەدىياللارنى ئوراشتا ئىشلىتىلىدىغان يالتىراق خالتا سېتىۋالماقچى بوپتۇ، كىم بىلسۇن، نەتىجىسى ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇپتۇ. گەرچە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ، بىراق قارىشى تەرەپ باھانى ناھايىتى يۇقىرى قويۇپ، يەنە نۇسخا ئىشلەش ھەققى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ سودىگەر ئامالسىزلىقتىن قايتىپ كەتمەكچى بوپتۇ.

 بۇ سودىگەر ئاپتوبۇس بېكىتىدە بېلەت سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئوتتۇرا ياشلىق بىر  كىشىگە يولۇقۇپ قاپتۇ. ئۇ كىشى يۈگۈرەپ كېلىپ بىر تەرەپتىن ئىسىم كارتىسىنى سۇنغاچ يەنە بىر تەرەپتىن سوراپتۇ: «ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ سوراپ باقاي، سىز تىجارەت قىلامسىز؟ ئەگەر بۇ خىل خالتىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز بىزدە بار.» ئەسلىدە، سودىگەرنىڭ قولىدىكى خالتا ئەۋرىشكىسى بۇ ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ دېققتىنى تارتقان ئىكەن.

سودىگەر ئىسىم كارتىسىغا قاراپلا، ئەسلىدە بۇ ئوتتۇرا ياش كىشىنىڭ ۋېنجۇدىكى كونا خالتىلارنى يىغىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ خوجايىنى گۇ خوجايىن ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ خالتا سېتىۋېلىش جەريانىنى گۇ خوجايىنغا ئېيتىپ بېرىپتۇ. گۇ خوجايىن ئاڭلىغاندىن كېيىن قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق دەپتۇ: «بۇ پۇرسەتكە ھەقىقەتەن تەستە ئېرىشتۇق! ئەگەر سىز خالىسىڭىز بىز بىلەن بىرلىكتە ۋېنجۇدىكى زاۋۇتقا بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ، باھا ۋە سۈپەت جەھەتتە چوقۇم رازى بولىسىز.»

   ئىككەيلەن ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن، گۇ خوجايىن ئۇ سودىگەرگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل خالتىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ بىر دوستىدا مال بارلىقىنى، باھاسىنى دوستى بىلەن بىۋاستە دېيىشسە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ ئوتتۇرىدىن پايدا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

   سودىگەر بۇنىڭدىن ناھايىتى غەلىتىلىك ھېس قىپتۇ.چۈنكى بۇ ۋېنجۇلۇق سودىگەر باشقىلار ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق قىلىش خۇددى مۇۋاپىق ئەمەستەك تۇيۇلاتتى.

   سودىگەرنىڭ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، گۇ خوجايىن ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.

 ئەسلىدە سىرتلاردا سودا قىلىدىغان ۋېنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر كېلىشىم بار ئىدى، مەيلى كىم سىرتلارغا چىقىپ سودا قىلسۇن، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلىۋالاتتى، ئەگەر ئۆزى مال تەمىنلەشكە ئامالسىز بولسا، پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرەتتى. بۇنداقتا ئۇمۇ ئوخشاشلا باشقىلار تېپىپ كەلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنالايىتتى.

 ئىككەيلەن ئاخىرى ۋېنجۇنىڭ ساڭنەنگە كەپتۇ. ئۇ سودىگەر مەھسۇلاتنى كۆرگەندىن كېيىن سۈپىتىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى ھېس قىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پەقەت بىر ئاز زاكاس ھەققى تاپشۇرسىلا ئۇلار مالنى بەلگىلەنگەن جايغا يەتكۈزۈپ بېرەتتى.

  ئەقللىق ۋېنجۇ سودىگەرلىرى پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلار بىلەن بەھرلىنىشكىمۇ ماھىر ئىدى، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ياردىمىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپاتتى.

ئاۋمېنلىق بىرىنچى زەردار فۇ خۇڭشىن پۇلنى بىرلا ئادەم ئىگىلىۋالسا بولمايدىغانلىقى، چوقۇم باشقىلارغىمۇ پۇل تېپىش پۇرسىتى بېرىش لازىملىقىنى ئېيىتقان. تىجارەت قىلىشتا ئۆزى پۇل تېپىشنىمۇ، ئازغىنە مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشنىمۇ بىلىش كېرەك، گەرچە بەزىدە ۋاقتلىق پايدىغا ئېرىشكىلى بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىغا ئېرىشكىلى بولمىغاندا ۋاز كېچىشكە بولىدۇكى، ئۆزىمىزنى مەجبۇرلىماسلىقىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقىلارغىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك؛ ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى بولمىسا، تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. ئەگەر بۇ خىل قاراشنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىزدىن ھالقىغان بولىسىز، باشقىلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلىك مۇناسىۋەت تىجارەتتىكى مۇھىم بايلىق.

   2006-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، 60 مىڭدىن ئارتۇق «خۇپەي» ماركىلىق چاقماق ۋېنجۇدىكى «داخۇ» چاقماق چەكلىك شىركىتىدىن ئامېرىكىدىكى باش ۋەكالەتچى شاۋ فۇنىڭنىڭ قېشىغا قاراپ يولغا چىققان.

   «داخۇ» چاقماق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ داخۇ بۇ ۋاقتتا ناھايىتى ھاياجانلانغان.

   ئەسلىدە جۇ داخۇ بىلەن ۋېنجۇ تەۋەلىكىدىكى ئامېرىكىلىق سودىگەر شاۋ فۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايە بار ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، جۇ داخۇ بىلەن شاۋ فۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا سودا ئالاقىسى بار ئىدى. ئەينى ۋاقتتا شاۋ فۇنىڭ «خۇپەي» ماركىلىق چاقماقنىڭ ئامېرىكىدىكى بازىرىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، 1994-يىلى ئامېرىكىدا «خۇپەي» ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، 1999-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتقان.

 بۇ خىل ماركا تالىشىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار «ئوغرىلانغان» ماركىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ بەدەل تۆلەيىتتى، يەنە قارىشى تەرەپ بىلەن «قىزىرىشىپ» قالىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىدى.

بىراق «داخۇ» شىركىتى بىلەن شاۋ فۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىگەن. «داخۇ» شىركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن «خۇپەي» ماركىسى بارغانسېرى ئېتىبارغا ئېرىشىپ، 2005-يىلى «خۇپەي» ماركىسى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئېكىسپورت ماركىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

   ئېكىسپورت قىلىنىدىغان چەتئەل بازارلىرىدا ئامېرىكا بازىرى ناھايىتى مۇھىم ئىدى. «خۇپەي» ماركىسىنىڭ «ئوغرىلىنىپ» تىزىملانغانلىقىنى كۆرگەن جۇ داخۇ بۇ ئىشنىڭ «داخۇ» نىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىكى توسقۇنلۇققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ماركىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولىدۇ، ھەتتا قانۇنى ۋاستىلەرنى قوللىنىشتىنمۇ يانمايدۇ.

بىراق ئۇلار ئامېرىكىدا شاۋ فۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە جۇ داخۇنى تەسىرلەندۈرگەن جاۋابقا ئېرىشىدۇ: «ئەينى يىللىرى ئامېرىكىدا بۇ ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتىكى مەقسەت ماركىنى قوغداشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە ‹داخۇ› نىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، دۇنياۋى داڭلىق ماركا قىلىش ئۈچۈن، بۇ ماركىنى سىز ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ!»

جۇ داخۇ نەق مەيداندا 25 مىڭ دوللارلىق ماركا تىزىملىتىش ھەققى ۋە قوغداش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشنى، ھەمدە شاۋ فۇنىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى باش ۋەكالەتچى قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش ناھايىتى تىنچ ھەل بولىدۇ. جۇ داخۇ بىلەن شاۋ فۇنىڭ «قىزىرىشىپ» لا قالماي، يەنە «بىر ئائىلە كىشىلىرى» گە ئايلىنىدۇ، شاۋ فۇنىڭمۇ شۇ سەۋەبتىن «خۇپەي» نىڭ ئامېرىكىدىكى باش ۋاكالەتچىسىگە ئايلىنىدۇ.

قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىنبو مۇنداق دېگەن: «ئەرزىيدىغان زىياننى تارتىشقا بولىدۇ، ئەرزىمەيدىغان پايدىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، ئەھمىيەتسىز غەلبىنى يوق قىلىش كېرەك.» مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا چوقۇم قىزغىن بولۇش، بۈيۈك غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە بولسا ئەقىللىق بولۇش كېرەك، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلەيدىغان بولۇش، قىسقا مەزگىللىك پايدىغا قارىماستىن، ئۇزاق مەزگىللىك پايدىنى ئويلىشىش، ۋاز كېچىشكە ۋە ئېرىشىشكە ماھىر بولۇش، ئۆزىمىزنىڭ بۈيۈك غەلبىلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك ›› . خۇددى باۋشىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې ئېيىتقاندەك: ‹‹كارخانىنى پۇل تېپىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. مېنىڭ ئارزۇيۇم باۋشىنياۋنى دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق ماركا قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا مەن ھەددىدىن زىيادە پايدىغا ئىنتىلمەيمەن، ئادەمگە نىسبەتەنمۇ ۋاز كېچىش ۋە ئېرىشىش ھەر ئىككىلىسى مۇھىم.»

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

   ئەرزىيدىغان زىياننى تارتىشقا بولىدۇ، ئەرزىمەيدىغان پايدىنى ئېلىشقا بولمايدۇ، ئەھمىيەتسىز غەلبىنى يوق قىلىش كېرەك.

-قىزىل يىڭناغۇچ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چيەن جىبو

   كارخانىنى پۇل تېپىشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. مېنىڭ ئارزۇيۇم باۋشىنياۋنى دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق ماركا قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا مەن ھەددىدىن زىيادە پايدىغا ئىنتىلمەيمەن، ئادەمگە نىسبەتەنمۇ ۋاز كېچىش ۋە ئېرىشىش ھەر ئىككىلىسى مۇھىم.

-باۋ شىنياۋ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىزې


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى 

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ  24 -كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ