A-A+

بايلارئۆگىنىدۇ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىدۇ

2016-يىل 15-ماي مىليادىرلار باھا يوقكەن زىيارەت: 196 قېتىم

timg

سۈرەتتە : دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىليادىرلارنىڭ بىرى ، Snapchat نىڭ قۇرغۇچىسى ئىۋان سىپىگېل


ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

 نامراتلار يۈزەكى ئۆگىنىدۇ، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىشنى

بىلمەيدۇ. بايلار جەۋھىرىنى ئۆگىنىدۇ، ئۆگەنگەننى

ئىشلىتىدۇ

سۇشى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «كىتاپنى كۆپ ئوقۇش دېڭىزغا كىرگەنگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا تۈرلۈك نەرسىلەر بار . ئادەمنىڭ كاللىسى ھەممىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ . لىكىن جەۋھىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ . ئۆگەنگۈچىلەر بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇشى كېرەك.»  بۇنىڭ مەنىسى، كىتاپ نۇرغۇن ، ئۆگىنىدىغان بىلىممۇ نۇرغۇن، لىكىن ئادەمنىڭ زېھنى چەكلىك . كۆپ كىتاپ كۆرسىمۇ ئەگەر چۈشەنمىسە، ياكى يۈزەكى كۆرسە ھىچقانداق ئەمىلى مەنىسى بولمايدۇ . ئۆگەنگەندە جەۋھىرىنى قۇبۇل قىلىش كېرەك . ئاندىن پايدىسى بولىدۇ، بىلىمى ۋە سەۋىيىسى ئۆسىدۇ .

ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . نامرات ياكى باي بولسۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق كۈچىيىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ،ئەمما ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىقتىدارغا ئېرىشەلەيدىغىنى يەنىلا بايلار . نامراتلار ھەرقانچە كىتاپ ئوقۇسىمۇ بىكار . نىمىشقا ئوخشاش ئۆگىنىش ئوخشىمىغان پەرىقنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ سەۋەبى: نامراتلار بىلىمنى سېستىمىلىق قۇبۇل قىلمايدۇ . نىمە بىلىم بولسا ھەممىنى قۇبۇل قىلىدۇ . لىكىن بۇ بىلىملەرنىڭ ئۆزىگە ئىشلىتىلىشى بارمۇ يوق ،دىگەن مەسىلە بىلەن كارى بولمايدۇ . ئەلۋەتتە ،كىتاپ ئوقۇسىلا بايلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ . كىتاپ ئوقۇشمۇ پۇل تېپىشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئەمەس . بىلىممۇ ھەقىقەتەن كىشىنى پۇل تاپقۇزىدۇ ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ . لىكىن مۇھىمى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىلىمنى قۇبۇل قىلدىمۇ يوق ،شۇنىڭغا قاراش كېرەك . بۇ سىزنىڭ غەلىبە قىلىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

بايلار كىتاپ ئوقۇسا تاللايدۇ . ئۇلار ئۆزىگە كېرەكلىكنىلا كۆرىدۇ . ئۇلار پەلسەپە، مۇۋاپپەقىيەت ئىلمى، بايلىق ئىلمى تۈرىدىكى كىتاپلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ . بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇلارنى قوزغىتىدۇ . بىر ھەقىقى قىزغىنلىقى بار ئادەمدىلا ئاندىن ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان ئىشى ئۈستىدە يۈكسەك مەركەزلىشىدىغان پوزىتسىيە بولىدۇ . بايلار ھەمشە ئۆگەنگەننى ئەمىليەتكە تەتبىقلايدۇ . بىلىمنى بايلىققا ئايلاندۇرىدۇ .

نامراتلار ئۆگەنسە مىقدارىغا قارايدۇ . سۈپەتنى قوغلاشمايدۇ . كۆپ كىتاپ كۆرسىلا كېرەكلىك بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ . لىكىن ئۆگەنگىنى ھەمىشە يۈزەكى بولۇپ، كاللىسىدا تۇرمايدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇقۇمۇشلۇق ھېسابلايدۇ . ئەمىليەتتە ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ . شۇڭا ئەڭ مۇھىمى بىلىمنىڭ سانى ئەمەس بەلكى سۈپىتى .

بايلار ئۆگەنگەن بىلىمنى قانداق ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىدۇ . ئېھتىياجلىق بولغاندا قانداق قىلىپ كاللىسىدىكى بىلىمنى چىقىرىش ھەمدە ئەپچىللىك بىلەن قوللىنىشنى بىلىدۇ . مەيلى نىمىش قىلىڭ ، باي ياكى گاداي بولۇڭ ، ئوچۇق تەپەككۇرغا ئىگە بولۇش سىزنىڭ باي بولۇشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ .

بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى ياردەمچى دېرىكتۇر تەكلىپ قىلغان ئىكەن ئۈچ ئادەم كەپتۇ .

بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى ئىكەن؛

ئىككىنچىسى ، گەرچە يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىسىمۇ لىكىن ئون نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار ئىكەن؛

ئۈچىنجىسى ، ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئوقۇش تارىخى ئالدىنقى ئىككىيلەنگە يەتمەيدىكەن .

ئىمتىھان ئورنى باش دېرىكتورنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ، بۇ يەردە بىر دانىمۇ ئۇرۇندۇق يوق ئىكەن. كاتىپ ئۇلارنى تەرتىپ بويىچە كىرىشكە تەكلىپ قىپتۇ.

بىرىنجى بولۇپ دوكتۇر كىرىپتۇ، باش دېرىكتور كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا :«ئولتۇرۇڭ» دەپتۇ . دوكتۇر تۆت ئەتراپقا قاراپ خىجىل بولغان ھالدا :«بولدى ئۆرە تۇراي» دەپتۇ . باش دېرىكتور ئاڭلىمىغاندەك يەنە تەكرار<< ئولتۇرۇڭ >> دەپتۇ. دوكتۇر يەنە بىر قېتىم ئەتراپقا قاراپ:«لىكىن بۇ يەردە ئۇرۇندۇق بولمىسا مەن قانداق ئولتۇرىمەن؟» دەپتۇ . ئۇ دوكتۇردىن بىر نەچچە ئاددى سۇئاللارنى سوراپ ئىمتىھاننى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.

ئىككىنجى بولۇپ مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە كىشى كىرىپتۇ ،باش دېرىكتور ئوخشاشلا  ئۇنىمۇ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. ئۇ:«ھىچقىسى يوق، مەن ئۆرە تۇرۇپ ئادەتلىنىپ قالغان» دەپتۇ . دېرىكتۇر ئۇنىڭ بىلەنمۇ نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپلا چىقىرۋېتىپتۇ.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاخىردا كىرىپتۇ . باش دېرىكتور ئۇنىڭغا «ئولتۇرۇڭ» دىگەن ئىكەن، ئۇ:«رەھمەت سىزگە، بىراق سىز مىنىڭ سىرتقا چىقىپ بىر دانە ئورۇندۇق ئېلىپ كىرىشىمگە رۇخسەت قىلارسىزمۇ؟» دەپتۇ . باش دېرىكتور كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئەلۋەتتە بولىدۇ» دەپتۇ . ئۇ ناھايتى تېزلا سىرتتىن بىردانە ئورۇندۇق تېپىپ كىرىپتۇ ۋە باش دېرىكتور بىلەن ئۇزۇن پاراڭلىشىپتۇ. نەتىنجە ناھايتى ئېنىق. قوبۇل قىلىنغىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.

بۇ ھېكايىدە كىنايە قىلىنغىنى نېمە؟ بىرىنجى قاتناشقۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولسىمۇ لىكىن ئۆزگىرىشنى بىلمەيدۇ . ئىككىنجسىنىڭ تەجرىبىسى مول بولسىمۇ، لىكىن تەجرىبىسى بىلەن چەكلىنىپ قالغان . ئۈچىنجىسى كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئەقلى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغان . غەلىبە بىر ئادەمنىڭ بىلىمى ياكى تەجرىبىسىنىڭ موللىقى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ . پەقەت سىز كاللىڭىزنى جانلىق ئىشلەتسىڭىز ،ئۆگەنگەننى ئەمىليەتكە تەتبىقلىسىڭىزلا ئاندىن ئۆگەنگەن بىلىمىڭىزنى بايلىققا ئايلاندۇرالايسىز .

لى جىياچىڭ ئەپەندى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن:«21-ئەسىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى. بىلىم ئەڭ زور دەرىجىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھەمدە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىنى بەلگىلەيدۇ . بىلىم جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم قورال . بىلىمگە ئېرىشكەندە ئاندىن تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.» كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ خۇلاسىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ .

بىر جۈپ ئاكا-ئۇكىلار بولۇپ ،ئولار ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىدىكەن . بىر قېتىم ئۇلار بىر پاراخوتتا سىپتا ياسالغان ساپال بۇيۇملارنى چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ سېتىشقا تەييارلىق قىپتۇ . يول بۇيى ئېغىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىرغاققا يېقىنلاشقاندا، كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپتۇ−پاراخوت بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپتۇ . ئىككىيلەن ئامان قاپتۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ساپاللىرى چېقىلىپ كېتىپتۇ .

ئەجرىنىڭ بىكار كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئاكىسى كېمىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ھۆكىرەپ يىغلىغىنىچە داتلاپتۇ:«بۇ ساپاللارنى بىز كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىققان. ئۈستىدىكى رەسىملەر ئالەمدە بىر دىگۈدەك چىرايلىق ئىدى . بۇ قېتىم يامان بولدى . بوران-چاپقۇن بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىزنى يوق قىلدى . ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ بۇ ساپال پارچىلىرى كېرەكسىز نەرسىلەرگە ئايلاندى.»

ئاكىسى ئازاپلىنىپ يىغلاپ ئولتۇرغاندا ئىنىسى شەھەرگە كىرىپتۇ . ئۇ ئاۋال ئەڭ يېقىن بازارغا بېرىپ تەكشۇرگەندىن كىيىن مۇنداق ئەھۋالنى بايقاپتۇ : بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېتىك قارىشى ۋە ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، قەھۋە خانا، سودا ساراي ياكى تۇرالغۇ ئۆيدە بولسۇن بېزىلىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن . ئۇ ئويلىنىپ بازاردىن بىرتال بولقا سېتىۋېلىپ كېمىگە قايتىپ كەپتۇ . ھەمدە چېقىلىپ كەتكەن ساپاللارنى تېخىمۇ ئۇششاق قىلىۋېتىپتۇ . بۇ ئىش ئۇكىسىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئاكىسىنىڭ ئەسلىدىنلا ناچار كەيپىياتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۋېتىپتۇ . «سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپتۇ ئاكىسى غەزەپلىنىپ .ئۇكىسى كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىپتۇ:«بۇ قېتىم بىز ساپال بۇيۇملىرى ساتماي، ساپال پارچىلىرى ساتايلى.»

ئاكىسى گۇمانلانغان ھالدا  ساپال پارچىلىرىغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ يەنىلا ئۇكىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاشنى قارار قىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئىككىسى ساپال پارچىلىرىنى ئۆي بېزەش ماتىرياللىرى دۇكىنىغا سېتىپتۇ . چۈنكى بۇلار ئەسلىدىنلا ئىنتايىن سىپتا لايىھەلەنگەن ساپاللار بولغاچقا پارچىلانغاندىن كىيىن تېخىمۇ ئالاھىدە سەنئەت ئۇسلوبى پەيدا قىلغان ئىكەن. بېزەش ماتىرياللىرى دۇكىنىغا كىلىپ ساپال پارچىلىرىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ بۇيۇملارنىڭ قارىماققا قانۇنىيەتىسىز بولسىمۇ، لىكىن ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ ۋە بۇ بېزەك ماتىريالىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ سېتىۋاپتۇ . نەتىنجىدە بۇ كېرەكسىز ساپال پارچىلىرى ئەكسىچە بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سېتىلىپ بوپتۇ . ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن شۇنىڭ بىلەنلا نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.

بايلار بىلىم ئۆگىنىدۇ. ھىكايىدىكى ئۇكىسىغا ئوخشاش قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا، كاللا ئشلىتىپ، مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپىدۇ. بايلارنىڭ بىلىم ئۆگۇنىشى ئىشلىتىش ئۈچۈن، شۇڭا بايلارنىڭ مۇۋاپپىقيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ھامام نامراتلاردىن يۇقىرى. ئۇچۇر تارقىلىشى ئىنتايىن تىز بولغان بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى، قولايلىق بولۇپ، بىلىم ھازىرقى زاماندىكى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ۋە كىشلىك ياشاش ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان مەنبە. ئۇ كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.

بىلىم ئۆگۇنىش ئاسان. لىكىن ھەر كۈنى ئۆگۇنۇشنى قەتئى ئىرادە قىلغاندىلا ئاندىن داۋاملاشتۇرغىلى بۇلۇشى مۇمكىن. بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئۆگۇنىشىدە ئوخشاش مۇددىئا، مەقسەت بولىدۇ. لىكىن نامراتلار نۇرغۇن ۋاقتىنى ئۇقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسى،ھەر خىل كەسپى ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى ئېلىشقا تىگىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر كىشلىك ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىپ، نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

بايلار ھەر كۈنى كىتاب ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار ھەر بىر بىلىمنى پۇختا ئوگۇنۇپ بېيىش يولىدا ئۆزىگە ياردەمچى قىلىدۇ. بايلارنىڭ ئۆگۇنىشى ئۇلارنىڭ شەيئىلەرنى پەرىقلەندۈرۈشى ،كىينكى قەدەمدە قايسى يولدا مېڭىش كېرەكلىكىنى بىلىشى  ئۈچۈن .ئۆگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىش  ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم .بىلىمنى ئىشلىتەلمەيدىغان ئادەم ھەر قانچە بىلىملىك بولسىمۇ، پەقەتلا ئاغزىدا شەھەر ئالىدۇ، خالاس.

بايلىقنىڭ بايانى:

بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ. شۇڭا بىز دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، بوشاشماي ئۆگۇنۇپ، بىلىم ئىگەللەش جەريانىدا جەۋھىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئەمىلەتكە تەدبىقلىشىمىز لازىم. ئىسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى ،مۇھىمى بىلىمنىڭ سانى ئەمەس، سۈپىتى. سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرگەندىلا نامراتلىقتىن بالدۇر قۇتۇلۇپ، بايلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالىمىز.

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ