214 مىليونغا سېتىلغان قاش مارجان
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
بۇ قاش مارجان ئامرىكىلىق باي ئايال-باربارا خۇتتوننىڭ(barbara hutton) كۆكتارغاق (فېيسۈي) قاش مارجىنى بولۇپ ، 1988-يىلى ئىككى مىليون ئامرىكا دوللىرىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ ،زامانىسىىدا ئەڭ قىممەت سېتىلغان كۆكتارغاق قاشتېشى مارجان بولۇپ قالغان. ئالتە يىلدىن كېيىن شىياڭگاڭدا تۆت مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئامرىكا دوللىرىغا سېتىلغان.
بۇ يىللىق (2014-يىلى) شىياڭگاڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە بۇ كۆكتارغاق مارجان ئۈچۈنچى قېتىم 214 مىليون شىياڭگاڭ پۇلىغا سېتىلىپ،كۆكتارغاق قاشتېشىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رىكوتنى ياراتتى.
1933-يىلى باربارا خۇتتون ئېرى بىلەن لوندون تىياتىرخانىسىدا ئويۇن كۆرمەكتە.
( بوينىغا 214 مىليون شىياڭگاڭ پۇلىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان كۆكتارغاق قاش مارجاننى تاقىۋالغان )