دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالماس
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 18 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئالماس سودىگىرى، جەنۇبىي ئافرىقا دىبىرس شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، ئېغىرلىقى 8.41 كارات كېلىدىغان، نەشپۇتسىمان ھالرەڭ ئالماس شياڭگاڭدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى، باھاسى بەلكىم 10 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 103 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئالماس كېلەر ئايدا تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئاشكارا ھالدا كۆرگەزمە قىلىنماقچى.
ھېچقانداق ئەيىۋى يوق، نەشپۇتسىمان، ھالرەڭ بۇ ئالماس ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ، ناھايىتى پارقىراق، ئوخشاش رەڭلىك ئالماسلار ئىچىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئالماس ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئالماسلارنىڭ بىرى، بۇ ئالماس ئەنگىلىيە لوندوندىكى سىفۇبىر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى تەرىپىدىن شياڭگاڭدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىدىكى ئالاقىدار خادىملار مۇنداق دېدى: «بۇ ئالماس بىز كۆرگەن ئالماسلار ئىچىدىكى رەڭگى ئەڭ چىرايلىق ھالرەڭ ئالماس، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان سۈزۈكلۈك دەرىجىسى قوشۇلۇپ، ئەڭ يېڭى رېكورت ياراتقان، شۇنداقلا ھەر بىر كاراتىنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى باھالانغان ھالرەڭ ئالماس بولۇپ قالغان». ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە سۇفىبىر بازار ئېلىپ كەلگەن ئەڭ قىممەت، ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ ئالماسنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغان.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ ئالماس 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن، باھاسى يەتتە مىليوندىن 10 مىليون فوندستېرلىڭ ـتەخمىنەن 71.9055 مىليون يۈەندىن 103 مىليون يۈەنگىچە ) ئىكەن.